Jump to content

يەنە نېمىمىز قالدى؟

ئورنى Wikipedia

يەنە نېمىمىز قالدى؟

1. بولغۇلۇق بولدى، كەتكەنلەر كەتتى، قالغانلار قالدى. بولغۇلۇق قازا، كەتكەنلەر تەقدىر. قالغانلارچۇ؟

2. بولغۇلۇق بوپ بولدى. كەتكەنلەر مەزلۇم كەتتى، قالغانلارچۇ؟

3. بولغۇلۇق مۇسىبەت. كەتكەنلەر شەھىد، قالغانلارچۇ؟

مۇسىبەت ئىككى بىسلىق بولىدۇ، بىر بىسى بەدەل، يەنە بىر بىسى سىناق.

كەتكەنلەر بەدىلىنى تۆلەۋاتىدۇ، تۆلىدى. تەڭرى ھۇزۇرىغا كەتكەنلەر ئۈچۈن مەزلۇم ھالى بىلەن ئۇنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشش پۇرسىتى چوڭ. شەھىد دەپ قوبۇل قىلىنسا، تۆلەنگەن بەدەل ئۈچۈن چوڭ بىر ئۇتۇق. (ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن!) ئۇلار قانداق كەتسە تەڭرىنىڭ رەھمىتى ئۇلارغا قۇچاق ئاچىدۇ. خوش، ئۇنداقتا بۇ سىناقنىڭ سىرتىدا قالغان «بىز» لەرچۇ؟ ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ھۇزۇرىغا بارغاندا، سەن مەۋجۇتلۇقىڭ ئۈچۈن نېمە قىلدىڭ؟ كەلگۈسىڭ ئۈچۈن نېمە قىلدىڭ؟ ساڭا ئاتا قىلغان نەچچە مىڭ يىللىق تەۋەررۈكنى، مىڭ يىللىق گۆھەرنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن نېمىش قىلدىڭ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىپ قويدۇقمۇ؟ «تەكاسۇر سۈرىسى» دە ھەر بىر نېمەتتىن سورىلىدۇ، دېيلىدۇ، ئىسلام بىلەن شەرەپلەنگەن بىر مىللەت بولۇش، ئىسلام بىلەن يۇغۇرۇلغان مەدەنىيىتى بولۇش، ئىز قالدۇرغان ئەجدادى بولۇش، ھەممىدىنمۇ بەك تۈرك ئەۋلادى مۇسۇلمان ئۇيغۇر بولۇشتىن ئارتۇق شەرەپ، ئۇلۇغ نېمەت بارمۇ؟ ئەجىبا بۇ شەرەپتىن، بۇ نېمەتتىن سورالمامدۇق؟

مۇلاھىزە:

ۋۇجۇدىڭىزدا نەپەس ئېلىپ نەپەس بېرىۋاتقان ھاياتىڭىز، مەدەنىيىتىڭىز ۋە شەرىپىڭىزنى تۇيغىدەك ۋىجدان، ئويلانغىدەك ئەقىل قالغانلا بولسا، تىرىك قالغان بۇ ئۆمۈر ھاياتىڭىزدا بېرىلگەن نېمەتتىن، شەرەپتىن، سىناقتىن سورىلىدىغانلىقىڭىز ئېسىڭىزدە بولسۇن! جاۋاب قەغەزىڭىز ئالدىڭىزغا قويۇلۇپ سوئال بېرىلگەن چاغدا، ئىمتاھان قەغىزىڭىزگە يازىدىغان چوقۇم جاۋابىڭىز بولۇشى كېرەكلىكىنى ئۇنتۇماڭ! نېمەت ۋە شەرەپ ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىڭىز تاكى سىز جاۋاب يازغان، ئىمتىھانىڭىز نەتىجىسى چىققانغا قەدەر يەلكىڭىزدە بولىدىغانلىقى ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئەي ئۇيغۇر قېرىندىشىم!

يازار: بۇرھان مۇھەممەد


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى