يەھيا قۇربان
كۆرۈنۈش
| يەھيا قۇربان
Yahya Kurban | |
| تۇغۇلغان | 1966-يىلى، قاغىلىق ناھىيىسى |
| مىللىتى | ئۇيغۇر |
| دۆلەت تەۋەلىكى | تۈركىيە |
| كەسپى | تىجارەتچى |
يەھيا قۇربان (لاتىن يېزىقى: Yahya Kurban ) بولسا قەشقەر ۋىلايىتى، قاغىلىق ناھىيىسى دە دۇنياغا كەلگەن.
ھاياتى
[تەھرىر]يەھيا قۇربان 5 ياش ۋاقتىدا ئاپىسى ۋە ھەدىسى بىلەن بىرلىكتە قەشقەر قاغىلىقتىن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ 1989-يىلى 23 ياشقا كىرگەندە يۇرتى قاغىلىققا بېرىپ ھازىرقى ئايالى ئامىنە قۇربان بىلەن توي قىلغان. ئىستانبۇلدا 4 پەرزەنتلىك بولغان بۇ ئەر-ئايال 2006-يىلى ئۈرۈمچىدە يەكتاش سودا شىركىتى قۇرۇپ تىجارەت قىلغان، 2011-يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى چوڭبازاردا دۇكان ئاچقان. [1]
ئائىلىسى
[تەھرىر]- ئايالى: ئامىنە قۇربان
- چوڭ قىزى: خانقىز قۇربان.
تۇتۇقلىنىشى
[تەھرىر]تۈركىيەگە بەش ياش ۋاقتىدا كەلگەن ۋە 45 يىلنىڭ ئالدىدا ۋەتەنداش، يەنى پۇقرا بولغان يەھيا قۇربان 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچىدە دۇكان ئېچىۋاتقان مەزگىلىدە تۈركىيە پۇقراسى ئايالى ئامىنە قۇربان بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە ئانا يۇرتى قاغىلىققا ئەكېتىلگەن.