ْْۋەلىئەھد يابغۇ
ئۇلۇغ بىلگە تاردۇش يابغۇ (خەنچە: 葉護太子Yè hù tàizǐ؛ Ulu Bilge Tardush Yabghu[1][2]؛ ؟— 759) ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تەخت ۋارىسى ئىدى. ئۇ تەڭرىدە بولمىش ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (Tengrida Bolmish El Etmish Bilge Qaghan \𐱅𐰭𐰼𐰃𐰓𐰀⁚𐰉𐰆𐰞𐰢𐱁⁚𐰠𐱅𐰢𐰾𐰋𐰠𐰏𐰀⁚𐰴𐰍𐰣) نىڭ چوڭ ئوغلى ۋە تەڭرىدە قۇت بولمىش ئەل تۇتمىش ئالپ كۈلۈگ بىلگە قاغان (Tengrida Qut Bolmish El Tutmish Alp Külüg Bilge Qaghan \𐱅𐰭𐰼𐰃𐰓𐰀:𐰸𐰆𐱃:𐰉𐰆𐰞𐰢𐱁:𐰃𐰠:𐱃𐰆𐱃𐰢𐱁:𐰞𐰯:𐰚𐰇𐰠𐰏:𐰋𐰃𐰠𐰏𐰀:𐰴𐰍𐰣) نىڭ ئاكىسى ئىدى. يابغۇ (Yabγu\葉護\叶护) تۈرك دۆلەتلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۇنۋان بولۇپ، ئېنىق ئىسمى نامەلۇم بولۇپ، خىتايچە مەنبەلەردە ۋەلىئەھد يابغۇ[3] دەپ ئاتىلىدۇ.
ۋەلىئەھد يابغۇ ئۇرۇشقا ماھىر ئىدى. تاڭ سۇزۇڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى (757)، تاڭ سۇلالىسىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن 4000 ئاتلىق ماھىر چەۋەندازنى باشلاپ، ئەن لۇشەن قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا ياردەم بەردى. تاڭ سۇزۇڭ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا مول سوۋغاتلارنى بەردى. بارچە قوشۇننىڭ بۈيۈك سەردارى ۋە گۇاڭپىڭ شاھى لى چۇ بىلەن ئەنت ئىچىشكەن قېرىنداش بولدى، تاڭ سانغۇنى بۆگۈ خۇەيئېن بىلەن بىرلىكتە، غەربىي پايتەخت چاڭئەننى قايتۇرۇۋېلىشتا تاڭ قوشۇنى بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈچۈن ئاۋانگارت قوشۇنغا رەھبەرلىك قىلدى. كېيىن گو زىيى بىلەن بىرلىشىپ، شىڭدىيەندە شى سىمىڭنىڭ قوزغىلاڭچى ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، شەرقىي پايتەخت لوياڭنى قايتۇرۇۋالدى. قوشۇن قايتىپ كەلگەندە، ئەمەلدارلار ئۇلارنى چاڭلې پوچتا پونكىتىدا قارشى ئالدى. ئۇنىڭ خىزمەتلىرى ئۈچۈن، ئۇنى ئەمىر مىمار تەيىنلەپ، ساداقەتمەن ۋە ھەققانىيەتلىك شاھزادە دەپ جاكارلاندى، ھەمدە ھەر يىلى 20،000 دانە يىپەك توقۇلما بېرىلدى.[4]
759 - يىلى مويۇنچۇر قاغاننىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن.[2] مويۇنچۇر قاغاننىڭ ئۆلۈمىگە ئالاقىدار قەيتتە: چيەنيۈەن ئىككىنچى يىلى (759) 4 - ئايدا ئۇيغۇر گېلېي قاغان ئۆلدى. ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئۇ ھايات چېغىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئىككىنچى ئوغلى تەختكە چىقتى» دېيىلگەن.
مەنبەلەر
[تەھرىر]- ↑ Mackerras, Colin (1973). The Uighur Empire according to the Tʻang dynastic histories : a study in Sino-Uighur relations, 744-840. ([2d edition] ed.). Columbia. pp. 17; 66; 134. ISBN 0872492796
- 1 2 Gömeç, Saadettin (1997), Uygur Türkleri tarihi ve kültürü (2. ed.). Ankara: Akçağ. pp. 37
- ↑ 『旧唐書』(本紀第十、列伝一百四十五)、『新唐書』(列伝一百四十二上)دا شۇنداق كەلگەن.
- ↑ «جۇڭگو مىللەتلەر تارىخى شەخسلەر سۆزلۈكى» (中国民族史人物辞典)