پاخاللاشتۇرۇلغان بايرام ئۇقۇمى ۋە تېڭىلىۋاتقان «بايرام»لار
پاخاللاشتۇرۇلغان بايرام ئۇقۇمى ۋە تېڭىلىۋاتقان «بايرام» لار
مىللىي خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرىدىغان نۇرغۇن قىممەتلىك ئەنئەنىلىرىمىز، كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىمىز بار. بۇلارنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، مىللىي خاسلىق ۋە مەدەنىيەت پۇرىقى كۈچلۈك بولغان ئەنئەنىلەرنى جارىي قىلدۇرۇپ مېڭىش ئەجدادلار ئىزىدۇر. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ بۇلارنى يىلدا بىر نۆۋەت ياد ئېتىپ كىيىپ قويۇش بىلەن ئەمەس، ئىزچىل كىيىپ، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرۇشقا ئېھتىياجىمىز بار. بۈگۈن مەدەنىيىتىمىزنىڭ روھىنى گەۋدىلەندۈرگۈچى ئۇقۇملىرىمىز شالغۇت تەبىرلەشلەر بىلەن بۇلغانغىنىدەك، بايرام ئۇقۇمىمۇ شالغۇتلاشتى، بايرامدىكى ۋارىيانتلار بايرامنىڭ ئۆزى قىلىپ كۆرسىتىلدى. كىيىم-كېچەكتىن بايرام ئىجاد قىلىش پىكىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ئەگەر ھەقىقەتەن بايراملىق ۋە توي-تۆكۈنلەردە كىيىپ يۈرگەنلىرىمىزدىن بايرام قىلىپ مەدەنىيەت تىرىلدۈرگىمىز كەپكەتكەن بولسا، مەدەنىيىتىمىزنىڭ خاسلىقىنى جارىي قىلدۇرىدىغان نەرسىلىرىمىز كۆپ. پەقەتلا ئۇنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا مۇناسىپ ھالەتتە ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك بولىۋاتىدۇ خالاس! ئەگەر بۇ خاسلىقلار تاشلىنىپ قېلىۋاتقان بولسا، بۇنىڭ تاشلىنىپ قېلىشتىكى ئارقا كۆرۈنۈشنى تېپىش ۋە بۇنى تەتبىقلاشنى ھەقىقىي يىلتىزى بار، نام نەسەبى ئېنىق بايراملىرىمىز سايىسىدە ئۆزلەشتۈرۈپ كۆنسەك، ئۆزىمىزدىن، ئائىلىدىن باشلاپ راۋاجلاندۇرۇپ مېڭىشقا كۈچىسەك بولىدىغان ئىشلار. ئەكسچە بۇنى ئۆز ئورنىدا قىلماي، ئەھمىيىتىگە لايىق شارائىت ۋە پۇرسىتىدە قىلماستىن تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەندەكلا بىر ئىشلارنى مىللىي دەۋاغا، مىللىي مەدەنىيەت بايرىمىغا، ئىلاھىي ئۇلۇغۋار دەستۇر-پەرمانلارنىڭ يوليورۇقلىرىغا باغلاپ ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ بېقىش مىللىي خاسلىق باھانە قىلىنغان مىللىي ياتلىشىشتىن، پۈچەكلىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنداقلا ئۇچىغا چىققان ئەخمىقانىلىق ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى پەملىيەلمىگەنلىك، قىممەت فۇنكىسىيەسىنى دىتلىيالمىغانلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس.
بۈگۈن ھېيت-ئايەملىرىمىزدە، ئەنئەنىۋى بايراملىرىمىزدا كىيىدىغان نەرسىلىرىمىزنى، ئىشلىتىدىغان جابدۇقلىرىمىزنى پارچىلاپ، قارىسىغا بايرام ئىجاد قىلىشقا يۈز تۇتقان بولساق، بۇنىڭ ئىزاھاتى ئەقلىمىز گەجگىمىزگە باغلاقلىق دېگەنلىككە باراۋەر. بايرام تەنتەنىسىگە جور بولىدىغان پارچە ئەنئەنىلەرنى مۇستەقىل بايراملىق نەرسىمىز سۈپىتىدە ئېلىپ چىقىشنى مەدەنىيەت تىرىلدۈرۈش دېگىلى بولىدىغان ئىش بولسا، بۇنىڭ چېگراسىنى دوپپىغا باغلاپ قويۇشنىڭمۇ ھېچبىر ئاساسى يوق. دوپپىنى مىللىي خاسلىققا ۋەكىل بولغۇچى بايرام قىلغىلى بولغان يەردە، بۇنداق ئۆز بېشىمچىلىق بويىچە ئىش كۆرگەندە، ھازىر تاشلىنىپ قالغان، مىللىي ئەنئەنە كىيىنىشىدىن چۈشۈپ قالغان بەلۋاغ تاقاش، پىچاق ئېسىش، تور رومال ئارتىشقىچە ھەممىسىنى ئايرىم-ئايرىم بايرام دەۋالغىلى يول چىقىشى ئەقەللىي بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بۈگۈنكىدەك دوپپا بايرىمى قىلىپ بېكىتىشنى يانپاشقا ئۇرۇپلا ھە-ھۇ قىلىپ مىللىي بايرام قىلىۋېلىش ھەمدە بۇنى «بايرام» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىشكە سالاھىيەتلىك بىر ئىش قىلىۋالغىلى بولۇپ قالسا، ئەتىنى ياكى يەنە بىر ئاينىڭ يەنە مەلۇم كۈنىنى ئاللىقانداق بىر سىمۋوللارغا باغلاپ «مەسە-كالاچ» بايرىمى، «بەلۋاغ-پوتا» بايرىمى دەۋېلىش مۇمكىن بولىۋېرىدۇ. ھالبۇكى، بۇنداق زىل، مەسئۇلىيىتى بۈيۈك ئىشلار شۇنداقلا «دەۋېلىشلار»، ھە-ھۇ قىلىپ سەھنە ياساپ مەيدانغا ئېلىپ چىقىشلار بىلەنلا سالاھىيەتلىك بىر ئىش بولمايدۇ،-دە!
بۈگۈن ھەقىقەتەن مىللىي خاسلىقنى كۈچەيتىدىغان، مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى نامايەن قىلىدىغان ۋە قانداقلا ئەۋزەل خۇسۇسىيەتلەر بولسا شۇنى گەۋدىلەندۈرۈش مىللىي بۇرچقا، دىنىي تەلەپكە ئايلىنىپ بولۇنغان بىر پەيت. ئەمما بۈگۈنكى كۈننىڭ ئاتالمىش مىللىي دېيىلىۋاتقان «بايرام» لىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ، ياكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي بايراملىرى بولماستىن بەلكى، تاجاۋۇزچىلارنىڭ سىياسىتى تەستىقلىغان، ئاتالمىش شىنجاڭدا مەزگىللىك ئومۇملاشتۇرۇشقا دەستەك بېرىلگەن، ئەتەي يولغا قويۇلغان ئاتالمىش مەدەنىيەت تىرىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تۈركلۈكتىن ياتلاشقان، ئەجدادلارنىڭ ھېچبىر ئىزىغا تۇتاشمايدىغان ياكى ھېچبىر دىنىي دەستۇرىمىزنىڭ روھىدىن ئىلھاملانمىغان، ئەكسىچە ئاتالمىش جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ پارچىسى قىلىنىش ئوبيېكتى قىلىنغان زاماندا ئوتتۇرىغا چىققان يىلتىزسىز، پەقەتلا شەكلىيلىككە بېقىنغان بىر «بايرام» تەشۋىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر. قارىماققا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى زىيالىي قاتلىمىمۇ تۈركىستان ئەنئەنىسىنى ئەمەس، بەلكى شىنجاڭلاشقان ئەنئەنىلەرنى تىرىلدۈرۈش كويىدا بولماقتا، شۇنداقلا مىللەتنى ساقلاپ تۇرىدىغىنى ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتىمىز دەيدىغان ئەبجەش سەنئەتنى پۇرسەت تاپسىلا سەھنىگە ئېلىپ چىقىش بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرماقتا، قوللاپ قۇۋۋەتلىمەكتە. بۇنداق ھەرىكەتلەر، ئۇرۇنۇشلار ئەلۋەتتە، ئەقىلىيلىكنى ۋە بىلىمنى ئاساس قىلغان ئويغاقلار نەزىرىدىن قاچقىنى يوق. بۇنىمۇ كۆرۈپ يېتەلمىگەن ئەقىللەرنى قانداقمۇ ئۇيغۇرلۇق، مۇسۇلمانلىق ۋە شەرقىي تۈركىستانلىققا خاس مىللىي روھ يېتىلگەنلەر دېگىلى بولسۇن!
ئۇنتۇمايلىكى، بۇ زامان كۆزىمىزنىلا ئەمەس، ئەقلىمىزنىمۇ ئېچىشىمىزنى تەلەپ قىلىدىغان، مەدەنىيىتىمىزنى تارىخىي يىلتىزى بىلەن قوشۇپ قايتىدىن تونۇپ چىقىش، كۆز بويامچىلىقلارغا ئالدىنىپ كېتىشكە قەتئىي بولمايدىغان بىر زامان. بۈگۈنكى چاغ بىز ئۈچۈن بايرام ئوينايدىغان چاغ ئەمەس، ئەكسچە بايرام قىلىشقا ھەقلىق بولغان ئۆزىمىزگە خاس دەۋرنى يارىتىش، كۈچ يېتىشتۈرۈش، روھ يېتىشتۈرۈش، توغرا بىلىم بىلەن ئوزۇقلىنىش، بايرام قىلىشقا ئەرزىگۈدەك بەدەل تۆلەشكە تەييار تۇرۇش زامانىدۇر. شۇنداقلا، ھېچقانداق نەسىل-نەسەبى ئېنىق بولمىغان، ئاتالمىش شىنجاڭلاشقان «بايراملار» نى ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىدىكى خەلق ئەجدادمۇئەجداد داۋاملاشتۇرۇپ، سىستېمىلاشتۇرۇپ كەلگەن، قائىدە-يوسۇنلىرى ئۆزگىچىلىككە، سەنئەتكە ئىگە، ئىلاھىي بۇلاق سۈيىدىن ئوزۇق ئالغان ئەنئەنە ۋە بايراملارنى مۇناسىپ زامانىدا، ماكانىدا ۋە ئۆز ماقامىدا تەنتەنە قىلىش دەۋرىنى قۇرۇپ چىقىش يولىدا ھەرىكەت قىلىش زامانىدۇر.
يازار: بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى