Jump to content

پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى

ئورنى Wikipedia

پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى

_ كىيگىلى ئىشتان يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى.

_ ئۇيغۇر خەلق تەمسىلى

بۇنىڭدىن نۇرغۇن زامانلار بۇرۇن چىرايلىق يېڭى كىيىم دېسە جېنىنى بېرىدىغان بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇ چىرايلىق كىيىنىش ئۈچۈن قولىدىكى دەپنى - دۇنيانى ئايىمايدىكەن. ئۇ ھەربىي قوشۇنلىرىغىمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن، ئويۇن كۆرۈشنىمۇ خالىمايدىكەن، يېڭى كىيىمىنى ئەل - يۇرتقا كۆرسىتىمەن دېمىسە، ھارۋىسىغا چۈشۈپ باغ سەيلىسى قىلىشقىمۇ ھەۋەس قىلمايدىكەن. ئۇنىڭ ھەممە ھەۋىسى كىيىمىنى كۈنىگە، سائىتىگە بىر قۇردىن يېڭىلاپ تۇرۇشتا ئىكەن. پادىشاھ جانابلىرى تىلغا ئېلىنغاندا كىشىلەرنىڭ «ئۇ مەجلىسخانىدا» دېگىنىگە ئوخشاش، بۇ پادىشاھ تىلغا ئېلىنغاندا كىشىلەر ھامان «پادىشاھىئالەم كىيىمخانىسىدا» دېيىشىدىكەن.

پادىشاھ تۇرغان چوڭ شەھەردە تۇرمۇش باياشاد، كۆڭۈللۈك بولۇپ، چەت ئەللىكلەر ھەر كۈنى كېلىپ تۇرىدىكەن. بىر كۈنى ئىككى ئالدامچى كەپتۇ. ئۇلار: بىز توقۇمىچىلارمىز، ئىنسان بالىسى ئويلاپ تاپالمايدىغان ئەڭ چىرايلىق رەختنىڭ ھەرقاندىقىنى توقۇيالايمىز، بۇنداق رەختنىڭ رەڭگى ۋە گۈلى ئادەتتىن تاشقىرى چىرايلىق بولغاننىڭ ئۈستىگە، بۇلاردىن تىكىلگەن كىيىملەرنىڭ قابىلىيەتسىز ياكى ئۆتۈپ كەتكەن ئەخمەقلەرنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيدىغان ئالاھىدە خاسىيىتى بار، دەپتۇ.

«بۇ تازا كۆڭۈلدىكىدەك كىيىم ئىكەنغۇ! مەن بۇنداق كىيىم كىيىۋالسام، پادىشاھلىقىمدا كىملەرنىڭ ئۆز خىزمىتىگە لايىق ئەمەسلىكىنى، كىملەرنىڭ ئەقىللىق، كىملەرنىڭ ئەخمەق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايدىكەنمەن. راست، مەن ئۇلارغا بۇنداق رەختنى دەرھال توقۇپ بېرىشنى بۇيرۇتسام بولغۇدەك!» دېگەن ئويغا كەپتۇ پادىشاھ. شۇنداق قىلىپ، ئىشقا تېزرەك كىرىشسۇن دەپ بۇ ئىككى ئالدامچىغا نۇرغۇن پۇل بېرىپتۇ.

ئالدامچىلار ئىككى دەستىگاھ قۇرۇپ، ئىشلەۋاتقان كىشىدەك بولۇشۇۋاپتۇ. بىراق دەستىگاھلىرىدا ھېچقانداق نەرسىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەپتۇ. ئۇلار ئەڭ ئىنچىكە يىپەك يىپ ۋە ساپ ئالتۇن بېرىشنى جىددىي تەلەپ قىپتۇ. ئۇلار بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى چۆنتەكلىرىگە سېلىپ بولغاندىن كېيىن، ھېچقانداق يىپ تارتىلمىغان دەستىگاھ بىلەن تۈن يېرىمىغىچە ھەپىلىشىپتۇ.

«ئۇلار رەختنى قانداقراق توقۇۋاتىدىكىن، شۇنىڭدىن خەۋەر ئالسام بولاتتى» دەپ ئويلاپتۇ پادىشاھ. بىراق، ئەخمەق ياكى خىزمەتكە يارامسىز كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ئۇ رەختنىڭ كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلى ھەقىقەتەن باشقىچە بوپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قورقۇشىنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئىشنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىشكە كىشى ئەۋەتىشنى لايىق كۆرۈپتۇ. ھېلىقى ئىككى كىشىنىڭ كارامەت رەختلەرنى توقۇيدىغانلىقىنى ئاڭلىغان پۈتكۈل شەھەر خەلقىمۇ ئۆز قوشنىلىرىنىڭ زادى قانچىلىك دۆت ياكى قانچىلىك ئەخمەق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئارزۇسىدا ئىكەن.

«توقۇمىچىلارنىڭ يېنىغا سادىق قېرى ۋەزىرىمنى ئەۋەتەي، رەختنىڭ قانداقلىقىنى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بىلىدىغان كىشى بولماس، چۈنكى ئۇ بەك ئەقىللىق ئادەم، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھېچكىم ئۇنىڭغا يېتەلمەيدۇ» دەپ ئويلاپتۇ پادىشاھ.

شۇنداق قىلىپ، بۇ ئاق كۆڭۈل قېرى ۋەزىر ھېلىقى ئىككى ئالدامچى تۇرغان ئۆيگە كەپتۇ. ئىككىيلەن قۇرۇق دەستىگاھتا قول - قوللىرىغا تەگمەي ئىشلەۋاتقانىكەن.

«خۇدايا توۋا! ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇغۇ كۆزۈمگە!» دەپ ئويلاپتۇ قېرى ۋەزىر كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، لېكىن بۇ سۆزنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ.

ئالدامچىلار ۋەزىرگە، يېقىنراق كېلىڭ دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇنىڭدىن گۈللىرى چىرايلىقمىكەن، رەڭگى چىرايلىقمىكەن دەپ سوراپتۇ ئىككى قۇرۇق دەستىگاھنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. بىچارە قېرى ۋەزىر شۇنچە قارىسىمۇ ھېچ نەرسە كۆرۈنمەپتۇ، ئەمەلىيەتتە كۆزگە كۆرۈنگۈدەك ھېچ نەرسە يوق ئىكەن.

«ۋاي خۇدايىم! مەن ئەخمەقمەنمىدىمەن؟ مەندە ئۇنداق ئوي ئەسلا بولمىغان ئىدىغۇ. مەن بۇنى ھەرقانداق ئادەمگە بىلدۈرمەسلىكىم كېرەك. ئىشقا يارامسىزمەنمۇيا؟ بولمىدى، كۆزۈمگە بۇ رەختنىڭ كۆرۈنمىگەنلىكىنى بىرسىگە ئىللا - بىللا دېمەيمەن» دېگەن ئويغا كەپتۇ ۋەزىر.

_ خوش، ھېچقانداق پىكىرلىرى يوقمۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ رەخت توقۇۋاتقان توقۇمىچىلاردىن بىرى.

_ ۋاي - ۋۇي، بەك چىرايلىق بوپتۇ، راست بەك ياخشى توقۇلۇپتۇ، _ قېرى ۋەزىر شۇنداق دەۋېتىپ كۆزەينىكىنىڭ تېگىدىن سىنجىلاپ قاراپتۇ، _ گۈللىرى نېمىدېگەن چىرايلىق! رەڭگى نېمىدېگەن پەيزى! راست، ئېسىل توقۇلغان بۇ رەختتىن ئىنتايىن رازى بولغانلىقىمنى پادىشاھ جانابلىرىغا مەلۇم قىلىمەن.

_ بۇ گەپلىرىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق، _ دەپتۇ ئىككى توقۇمىچى تەڭلا. ئاندىن ئۇلار بۇ رەختنىڭ رەڭگىنى ۋە ئاز ئۇچرايدىغان گۈللىرىنى بىر قۇر تەرىپلىشىپتۇ ۋە بەزى ئاتالغۇلارنىمۇ تەسۋىرلىرىگە قوشۇپ قويۇپتۇ. پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئەينەن يادقا ئېيتىپ بېرىش ئۈچۈن، قېرى ۋەزىر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپتۇ ۋە ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق قىپتۇ.

بۇ ئىككى ئالدامچى رەخت توقۇشقا ئېھتىياجلىق دەپ، يەنە كۆپ پۇل، يىپەك ۋە ئالتۇن ئاپتۇ. ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى چۆنتەكلىرىگە ساپتۇ، بىر تال يىپنىمۇ دەستىگاھقا سالماپتۇ. بىراق، ئۇلار قۇرۇق دەستىگاھتىكى ئىشلىرىنى يەنىلا توختاتماپتۇ.

ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا پادىشاھ ئىشنىڭ ئەھۋالىنى ۋە رەختنىڭ قاچان توقۇلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ كېلىشكە يەنە بىر سادىق ئەمەلدارىنى ئەۋەتىپتۇ. ئاۋۋالقى ۋەزىرگە ئوخشاشلا، ئۇنىڭمۇ ئىشى ئوڭغا تارتماپتۇ: نېرى - بېرى ئايلىنىپ شۇنچە قارىسىمۇ، قۇرۇق دەستىگاھتا ھېچ نەرسە كۆرۈنمەپتۇ، ئۇنىڭ كۆزىگە ھېچ نەرسە چېلىقماپتۇ.

_ ماۋۇ رەخت قانداقراق ئىكەن؟ _ دەپ سوراپتۇ ئىككى ئالدامچى. ئۇلار چىرايلىق گۈللەرنى قولى بىلەن كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۈپتۇ، _ ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنداق نەرسە يوق ئىكەن.

«مەن ئەخمەق ئەمەس ئىدىمغۇ! ئېھتىمال بۇ ھازىرقى ئەمىلىمگە لايىق ئەمەسلىكىمدىن بولۇۋاتامدۇ يا؟ بۇ قىزىق ئىشنى كۆرۈڭ، لېكىن بۇنى ھېچكىم بىلىپ قالماسلىقى كېرەك!» دەپ ئويلاپتۇ ھېلىقى ئەمەلدار. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ كۆزىگە سايىسىمۇ كۆرۈنمىگەن رەختنى تازا ماختاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، توقۇمىچىلارغا رەختنىڭ چىرايلىق رەڭگى ۋە چېۋەرلىك بىلەن چۈشۈرۈلگەن گۈللىرىدىن بەك مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

_ راست، ئىنتايىن چىرايلىق توقۇلۇپتۇ، _ دەپتۇ ئۇ پادىشاھقا.

بۇ چىرايلىق رەخت توغرۇلۇق شەھەردىكى ئەل - جامائەت ئارىسىدا گەپ - سۆزلەر تارقىلىپتۇ.

رەخت دەستىگاھتا چاغدىلا پادىشاھنىڭ رەختنى كۆرۈپ باققۇسى كېلىپ كېتىپتۇ. ئۇ بىر توپ ئادەمنى ئالاھىدە تاللاپ بېكىتىپتۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە رەختنى كۆرۈپ كەلگەن ھېلىقى سادىق ئىككى ۋەزىرمۇ بار ئىكەن. ئاندىن ئۇلار ھېلىقى ئىككى ھىيلىگەر ئالدامچى تۇرغان يەرگە بېرىپتۇ. بۇ ئىككى ئەبلەخ پۈتۈن دىققىتى بىلەن رەخت توقۇۋاتقانىكەن، بىراق بىر تال يىپنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەپتۇ.

_ بۇ رەخت پۇزۇرمىكەن؟ ئالىيلىرى، قارىسىلا: گۈللىرى نېمىدېگەن چىرايلىق! رەڭگى نېمىدېگەن پەيزى! _ دەپتۇ ئىككى سادىق ئەمەلدار قۇرۇق دەستىگاھنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، چۈنكى ئۇلار باشقىلارنىڭ چوقۇم بۇ رەختلەرنى كۆرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

«بۇ قانداق ئىش؟ مەن ھېچنېمىنى كۆرمىدىمغۇ! بۇ غەلىتە بىر ئىش بولدىغۇ. ئەجەبا مەن ئەخمەقمۇ؟ مېنىڭ پادىشاھ بولۇش لاياقىتىم يوقمۇ؟ بۇ مەن ئۇچراتقان ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش بولدى» دەپ ئويلاپتۇ پادىشاھ.

_ پاھ، ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق ئىكەن! _ دەپتۇ پادىشاھ، _ مەن بۇنىڭدىن يۈزدە – يۈز رازى بولدۇم!

شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ بېشىنى لىڭشىتىپ رازى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. پادىشاھ دەستىگاھقا سىنچىلاپ قاراپتۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ھېچ نەرسىنى كۆرمىگەنلىكىنى دېيىشنى خالىمىغانىكەن. پادىشاھنىڭ ھەمراھلىرىمۇ ئۇيان - بۇيان سىنچىلاپ قاراپ كېتىپتۇ، بىراق ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ھېچنېمىنى كۆرەلمەپتۇ. ئۇلارمۇ پادىشاھقا ئوخشاش: «پاھ، پاھ، نېمىدېگەن چىرايلىق - ھە!» دېيىشىپتۇ. ئۇلار پادىشاھقا بۇ يېڭى، چىرايلىق رەخت بىلەن كىيىم تىكتۈرۈپ، شۇ كىيىمنى كىيىپ، ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان نامايىش مۇراسىمىگە قاتنىشىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپتۇ. «بۇ رەخت ئېسىل، نەپىس، تەڭداشسىز ئىكەن!» دېيىشىپتۇ ھەممەيلەن بىر - بىرىنىڭ سۆزىگە قوشۇلۇپ. ھەممەيلەن قاتتىق خۇشال بوپتۇ. پادىشاھ ئىككى ئالدامچىغا گېرىتسوگ دېگەن ئۇنۋان ۋە تۈگمىسىگە قادىۋالغىلى بولىدىغان مېدال بېرىپتۇ؛ شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇلارغا «پادىشاھقا خاس توقۇمىچىلار» دېگەن نام بېرىپتۇ.

ئەتىسى ئەتىگەندە نامايىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بوپتۇ. ئەتە مۇراسىم بولىدۇ دېگەن كۈنى كېچىسى ئالدامچىلار پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمىنى پۈتتۈرىمىز دەپ تۈن بويى ئىشلىگەن بولۇۋېلىپ، 16 دىن ئوشۇق شام يېقىپ، تۈن بويى كىرپىك قاقماي چىقىپتۇ. ئۇلار دەستىگاھتىن رەختنى ئالغان، ئىككى چوڭ قايچا بىلەن كىيىم پىچقان، يىپسىز يىڭنە بىلەن كىيىم تىككەن ھەرىكەتلەرنى قىپتۇ. ئاخىرىدا ئۇلار «مانا، يېڭى كىيىم تەييار بولدى!» دەپتۇ تەڭلا.

پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئالىيجاناب - ئېسىلزادە چەۋەندازلىرىنى باشلاپ كەپتۇ. ئىككى ئالدامچى خۇددى بىر قولىدا بىر نەرسە باردەك، بىردىن قولىنى ئالدىغا سۇنۇپتۇ.

_ قارىسىلا پادىشاھ ئالىيلىرى، مانا ماۋۇ شىم! ماۋۇ تون! ماۋۇ چاپان! _ دەپتۇ ئۇلار! _ ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدەك يېنىڭ - يۇمشاق بۇ كىيىمنى كىيىۋالسىلا، ھېچنېمە كىيمىگەندەك بىلىنىدۇ، بۇ كىيىمنىڭ خاسىيىتى دەل شۇ.

_ خۇدا ھەققى راست ئېيتسىلەر، _ دېيىشىپتۇ چەۋەندازلار. بىراق ئۇلارنىڭ كۆزىگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەپتۇ، چۈنكى ھېچ نەرسە يوق ئىكەن.

_ پادىشاھىئالەم كىيىملىرىنى سالسىلا، دەپتۇ ئىككى ئالدامچى، _ يېڭى كىيىمنى مۇشۇ چوڭ ئەينەكنىڭ ئالدىدا كىيگۈزۈپ قويساق.

پادىشاھ ھەممە كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپتۇ. ئىككى ئالدامچى بايا تىككەن يېڭى كىيىملىرىنى بىر - بىرلەپ ئېلىپ بەرگەندەك ھەرىكەتلەرنى قىپتۇ. ئۇلار بىر نېمىنى چىگىۋاتقاندەك بولۇپ پادىشاھنىڭ بېلى بىلەن خېلىغىچە ھەپىلىشىپتۇ: ئۇ ئارقا پەش ئىكەن. پادىشاھ ئەينەك ئالدىدا ئۇياق - بۇياقلىرىغا قاراپ، بېلىنى تولغاپ كۆرۈپتۇ.

_ ۋاي توۋا، قۇيۇپ قويغاندەك دەل كەلگىنىنى كۆرمەمدىغان! بەك ئېسىل تىكىلىپتۇ! _ دەپتۇ ھەممەيلەن، _ گۈلى نېمىدېگەن چىرايلىق! رەڭگى نېمىدېگەن پەيزى! بۇنداق ئېسىل كىيىم نەدە بولسۇن!

_ ئەل - جامائەت پادىشاھىمىزنى كۈتۈپ قالدى، جانابلىرىنىڭ بېشىغا تۇتىدىغان گۈللۈك سايىۋەنمۇ ھازىر بولدى! _ دەپتۇ مۇراسىم بېگى.

_ بولىدۇ! مەن كىيىنىپ بولدۇم، بۇ كىيىم يارىشىپتۇ؟ _ دەپتۇ پادىشاھ يەنە ئەينەك ئالدىدا ئۇيان - بۇيان بۇرۇلۇپ قاراپ، ئۇ ئەل - جامائەت: پادىشاھىمىز چىرايلىق يېڭى كىيىمىگە زەن سېلىپ قاراۋاتىدۇ دەپ ئويلىسۇن، دېگەن ئويدا ئىكەن.

پادىشاھنىڭ ئارقا پېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان ۋەزىرلەر شۇ پەشنى كۆتۈرۈپ ماڭغان قىياپەتتە قۇرۇق قوللىرىنى كۆتۈرۈشۈپ پادىشاھنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ. ئۇلار ھېچ نەرسە كۆرمىگەنلىكىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ بۇ ھەشەمەتلىك گۈللۈك سايىۋەن ئاستىدا نامايىشقا چىقىپتۇ. كوچىلاردا ۋە دېرىزىلەردە قاراپ تۇرغانلار:

_ پاھ، پاھ! پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن! كىيىمنىڭ ئارقا پېشى بەكمۇ چىرايلىق بوپتۇ! بۇ كىيىم ئۇنىڭغا بەكمۇ يارىشىپتۇ! _ دېيىشىپتۇ.

ھېچكىم ئۆزىنىڭ ھېچ نەرسە كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەپتۇ، چۈنكى بىلىنىپ قالسا، باشقىلارنىڭ خىزمەتكە يارامسىز ياكى ئەخمەق دېيىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. پادىشاھنىڭ ھەممە كىيىملىرى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك ماختاشقا سازاۋەر بولمىغانىكەن.

_ پادىشاھىم ھېچقانداق كىيىم كىيمەپتۇغۇ! _ دەپ ۋارقىرىۋېتىپتۇ ئاخىرىدا بىر بالا.

_ تەڭرىم، بۇ نېمىدېگەن گۆدەكلىك! _ دەپتۇ بالىنىڭ دادىسى. شۇنداق قىلىپ، ھەممەيلەن بۇ بالىنىڭ گېپىنى كۇسۇلدىشىپ تارقىتىشقا باشلاپتۇ.

_ پادىشاھ ھېچقانداق كىيىم كىيمەپتۇ! پادىشاھنىڭ كىيىم كىيمىگەنلىكىنى بىر كىچىك بالا دەۋېتىپتۇ!

_ پادىشاھ راستتىنلا ھېچ نەرسە كىيمىگەن! _ دېيىشىپتۇ ئاخىر ھەممە پۇقرا. پادىشاھنى سەل سۈر بېسىپتۇ، چۈنكى بۇ ئەل - جامائەتنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭغا توغرىدەك تۇيۇلۇپتۇ. «ھەرقانداق بولسىمۇ بۇ نامايىش مۇراسىمى ئاياغلاشسۇن - دە» دەپ ئويلاپتۇ پادىشاھ ئىچىدە. شۇڭا ئۇ تېخىمۇ مەغرۇرانە قىياپەتكە كىرىپتۇ. ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىمۇ زادىلا مەۋجۇت ئەمەس ئارقا پەشنى كۆتۈرگەن پېتى ئارقىسىدىن مېڭىپتۇ.

***

بۇ چۆچەكتىن رېئال تۇرمۇشىمىزدا ھەرقاچان ئۇچراپ تۇرىدىغان سۈرەتلەرنى كۆرىمىز.

زادى كىم ئەخمەق؟ ئەخمەك پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئەخمەق. ئۇلار شۇنچىلىك سەمىمىيەتسىزكى، يوق نەرسىنى يوق، بار نەرسىنى بار دەپ ئېتىراپ قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ھاماقەت ۋە دۆت ئىكەنلىكىنى قانچىلىك يوشۇرمىسۇن، يوشۇرغىنىچە ئۆزىنىڭ ئەخمەق، دۆتلىكىنى تېخىمۇ ئاشكارا قىلىپ قويىدۇ. ئۇلار خۇددى «ساقاللىق ئەخمەق»تەك ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىقىنى خەلققە نامايىش قىلىدۇ.

بىر ئادەم چىراغ يورۇقىدا كىتاب مۇتالىئە قىلىش بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئۇ بىردىنلا كىتاب قۇرلىرىدىن «ساقالنىڭ ئۇزۇن بولۇشى ساقال ئىگىسىنىڭ ئەخمەقلىقىغە دەلىلدۇر» دېگەنلەرنى كۆرۈپتۇ. ئۆزىنىڭ ساقىلىنى تۇتاملاپ كۆرسە، ناھايىتى ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئەخمەق ئاتىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ساقىلىنى مەھكەم تۇتاملىغان ھالدا ئۆز - ئۆزىگە: «مۇشۇ تۇتامدىن ئارتۇقىنى چىراغقا تۇتۇپ كۆيدۈرۈپ، تۇتامدا قالغىنىنى ئېلىپ قالسام ماڭا كۇپايە» دەپتۇ - دە، ساقىلىنى چىراغقا تۇتۇپتۇ. ئۇنىڭ ساقىلى تامامەن كۆيۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىقىنى تېخىمۇ روشەن ئىسپاتلاپتۇ.

يۇقىرىقى چۆچەك يەنە بىزگە ئەسلىي ماھىيەتنى يوشۇرۇپ ساختا قىياپەت بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان، قۇلچىلىق ۋە تەمە بىلەن ساختىلىقى، يالغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، ئۈستىدىكىلەر كۈندۈزدە ئاسماندا يۇلتۇز كۆردۈم دېسە، تۆۋەندىكىلەر يەنە ئايمۇ تۇرىدۇ دەپ، بىر يالغاننى مىڭ يالغان قىلىپ، خەلقنى ئالدايدىغان كاززاپلىققىمۇ ئىبرەت بولىدۇ.

[يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق: «ئىبرەت، ئىبرەت، ئىبرەت» (2)، 160 – 169 – بەتلەر]