پارنىك ئېففېكتى

ئورنى Wikipedia

پارنىك ئېففېكتى ئاتموسفېرادىكى پارنىڭ گاز مىقدارىنىڭ ئارتىپ كېتىشى بىلەن يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كېتىدىغان ھادىسىە .

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :پارنىك ئېففېكتى


چەتئەلچە نامى :Greenhouse Effect

ئەمەلىي پەن :بىئولوگىيە

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

4پارچەپارنىك ئېففېكتىپارنىك ئېففېكتى ئاتموسفېرادىكى پارنىڭ گاز مىقدارىنىڭ ئارتىپ كېتىشى بىلەن يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كېتىدىغان ھادىسىە .

پارنىك ئېففېكتىنىڭ ئىنسانلارغا يەتكۈزىدىغان خەۋەپ - خەتىرى ناھايىتى زور . ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرلاپ كەتكەندە بەزى چاغلاردا يامغۇر كۆپىيىپ بەزى چاغلاردا قۇراغاقچىلىق كۆپىيىپ پەيدا بولىدۇ ،شامال ۋە بوران كۈچىيىپ تەبىئىي ئاپەتلەر ئېغىرلاپ كېتىدۇ .

كىشىلەرنى ئەڭ ئەنسىرتىدىغىنى شۇكى ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەش سەۋەبلىك ئىككى قۇتۇپتىكى مۇزلۇقلار ئېرىپ . دېڭىز يۈزى يۇقىرى ئۆرلەپ دېڭىز ياقىلىرىغا جايلاشقان كۆپلىگەن شەھەرلەر ، ئاراللار ياكى پەسىرەك جايلار دېڭىز ئاستىدا قىلىش خەۋىپى تۇغۇلىدۇ .

20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئافرىقىدىكى سەھرايى كەبىرنىڭ چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدا ئۇدا 6 يىل قۇرغاقچىلىق يۈز بىرىپ ، ئاشلىق ۋە ئوت - چۆپ يېتشمىگەچكە چارۋا ماللارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۇرۇلگەن ۋە ئاچارچىلىق بىر يىرىم مىليۇن ئادەمنىڭ جىنىغا زامىن بولغان . مانا بۇ پارنىك ئېففېكتى ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن بالايى ئاپەتنىڭ كىچىك مىسالى .

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
  • پەيدا بۇلىشى
  • ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

پەيدا بۇلىشى[تەھرىرلەش]

5پارچەپارنىك ئېففېكتىئىلگىرى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل جەريانىدا ئاتموسفېرادىكى كاربۇن تۆت ئوكسىدى مىقدارى بىر تەرەپتىن كۆپىيىپ ، بىر تەرەپتىن كېمىيىپ بىرخىل دىنامىك تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلاپ ، مىقدارى ئاساسى جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ كەلگەن . لېكىن يىقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بىرى نوپۇسنىڭ جىددى كۆپىيىشى، سانائەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ، نەپەستىن ، يىقىلغۇلارنىڭ كۆيىشىدىن پەيدا بولغان كاربۇن 4 ئوكسىدنىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە كۆپەيدى . ئۇندىن باشقا ئورمانلار ۋە يېپىنچە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى تۈپەيلىدىن فۇتۇسىنتىز ئارقىلىق ، كاربون 4 ئوكسىدلىرى ئوكسگېنگە ئايلىنىدىغان شەرت شارائىتلار ئازىيىپ ، ئاتموسفېرادىكى كاربون 4 ئوكسىد كۆپىيىپ كەتتى . كاربون 4 ئوكسىد يەر شارىدىكى ئىسسىقلىق رادىياتسىيەسىنىڭ يۇقىرى ئالەم بوشلۇقىغا كۆتۇرۇلىشىنى توسۇپ ، يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ . لېكىن ئۇنىڭ مىقدارى بەك كۆپىيىپ كەتكەچكە ، خۇددى يەر شارىغا بىر قازاننى كىيدۇرۇپ قويغاندەك ئەھۋال يۇز بىرىپ ، تېمپېراتۇرا بارا - بارا تۆۋەنلەپ « پارنىك ئېففېكتى » كېلىپ چىقىدۇ . پارنىڭ گازى - كاربون تۆت ئوكسدىدىن باشقا يەنە فىتۇر ، خىلور ئالكىللىرى ، مىتان ، ئازۇت تۆت ئوكسىد قاتارلىق 30 نەچچە خىل خىمىەۋى ماددىلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .

ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

پارنىك گازلىرىنىڭ مىقدارىنى ئۈنۈملىك كونتۇرۇل قىلىش، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش، يېقىلغۇلارىن ئىلمى پايدىلىنىپ ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىشنى تېزلەشتۇرۇپ ، جايلارنى زور كۈچ بىلەن كۆكەرتىپ پارنىك ئېففېكتىنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا تېخىمۇ زور ئاپەت ئېلىپ كېلىشىدن ساقلىنىش كېرەك .