پارىژ

ئورنى Wikipedia
ئېففىل مۇنارى
دۇنياغا داڭلىق لۇۋر مۇزىي

پارىژ (Paris, فرانسۇزچە "پاغى" دەپ ئوقۇلىدۇ)فىرانسىيە پايتەختى ۋە فرانسىيەنىڭ ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق شەھرى، ئىل دۆ فرانىس رايونىى مەركىزى، شۇنداقلا فىرانسىيەدىكى بىردىنبىر ھەم كومۇنا ھەم ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر. پارىژ سەينا دەرياسىنىڭ ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، پارىژ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا، مارنى ۋە سەينا دەريالىرىنىڭ ئاخىرقى قوشۇلۇش نۇقتىسى ۋە ئوۋاز ۋە سەينا دەريالىرىنىڭ ئالدىنقى قوشۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ ئارىسىغا يەرلەشكەن.

2007-يىلى بىرىنچى يانىۋاردا، دۆلەتلىك سىتاتىستېكا شىركىتى ئىنسېنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، پارىژ شەھەر ئاھالىسى 2 193 031. پارىژ رايونى پارىژ ۋىلايىتى ۋە ئەتراپتىكى يەتتە ۋىلايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە ئىل دۆ فرانىس رايونىنى تەشكىل قىلىدۇ. قىسقارتىلىپ پارىژ رايونى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ رايوننىڭ ئاھالىسى ئوخشاش ۋاقىتتىكى سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا 11 836 970.

پارىژ فرانسىيەنىڭ ئىقتىسادى ۋە سودا مەركىزى، پۇل-مۇئامىلە ۋە پاي-چەك ئورنى. كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن 552,7 مىليارد ياۋرو بىلەن، پاىژ ياۋروپا ئىقتىسادىدىكى ئەڭ چوڭ رولچىلاردىن بىرى. كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىم بويىچە، ياۋروپادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رايون ھېساپلىنىدۇ. پارىژنىڭ قاتناش تورلىرى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان. تۆمۈر يول، شەھەر ئىچى ۋە سىرتى تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى ئىنتايىن تولۇق ۋە مۇكەممەل. بۇنداق بولۇشىدا، فرانسىيە جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن تۈزۈمنىڭ پايتەختنى تەرەققىيات مەركىزى قىلىش سىياسىتى تۈرتكە بولغان. پەقەت 60-يىللاردىن كىيىنلا ھوقۇق ھەرقايسى رايونلارغا بۆلۈپ بېرىلىپ، باشقا شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىلدى.

مۇقەددەس يۈرەك چىركاۋى
بۈۋى مەريەم چىركاۋى
زەپەر دەرۋازىسى
پارىژ چوڭ جامەسى
دۆلەت فرانسىيە
رايون ئىل دۆ فرانىس
ۋىلايەت پارىژ
رايون بۆلۈنۈشى 20 رايون
شەھەر پوچتا نومۇرى 75001 دىن 75020 گە قەدەر ۋە 75116
شەھەر باشلىقى بەختىخان دۆلانوي
ۋەزىپە مۇددىتى 2014–2008
يەر مەيدانى 105,40 كۇۋادىرات كېلومېتر
نۇپۇسى 031 193 2(2007)
نۇپۇس زىچلىقى 807 20 (ھەر كۇۋادرات كېلومېتر)
شەھەرلىك ھۆكۈمەت تور بېتى http://www.paris.fr