Jump to content

پاستېرناك شېئىرلىرىدىن 13 پارچە

ئورنى Wikipedia

پاستېرناك شېئىرلىرىدىن 13 پارچە


بورىس لېونىدوۋىچ پاستېرناك ھەققىدە: پاستېرناك 1890- يىلى موسكۋادا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى مەشھۇر رەسسام ۋە پەيلاسوپ ئىدى، ئانىسى رويال چېلىشقا ئۇستا ئىدى. 1913ـ يىلى پاستېرناك موسكۋادا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، گېرمانىيەگە بېرىپ پەلسەپە ئوقۇغان.

پاستېرناك ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا شېئىر يېزىشنى باشلىغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «بۇلۇتتىكى قوشكېزەك»(1914)، «كوچا قوزغىنىدا»(1916)، «قايتا تىرىلىش»(1932)،  «ئەتىگەنلىك ماشىنىدا»(1932)  قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى بار.

1958ـ يىلى شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى پاستېرناكقا «ھازىرقى زامان لېرىك شېئىرلىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ بۈيۈك ئىپىك شېئىرىي ئەنئەنىسىنى زور جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن» نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىشنى قارار قىلغان. ئەمما رۇسىيەدىكى نۇرغۇنلىغان يازغۇچىلارنىڭ قارشى تۇرۇپ نارازىلىق بىلدۇرۇشى ئارقىسىدا پاستېرناك مۇكاپات ئېلىشنى رەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

پاستېرناك 1960 ـ يىلى موسكۋادىكى كىچىك داچىسىدا ئۆپكە راكى بىلەن ۋاپات بولغان.


فېۋرال، سىياھ تاپساڭ ئۆكسۈسەڭ...


1

فېۋرال، سىياھ تاپساڭ ئۆكسۈسەڭ...

يازساڭ يىغلاپ فېۋرال كۈيىنى.

دەسسەپ يۈرسەڭ تاكى پاتقاقلار

كۆرسەتكىچە باھار ھۆسنىنى.


پەيتۇن ياللاپ ئاتمىش تىيىنغا،

شاۋقۇنلاردىن يىراققا كەتسەڭ.

سىياھدىنمۇ، كۆز ياشلاردىنمۇ،

يامغۇرى مول جايلارغا يەتسەڭ.


ئۇندا كۆيگەن نەشپۈتتەك گويا،

توڭ قاغىلار ھەددى – ھىسابسىز.

ئۇلار چۈشسە شاختىن كۆلچەككە،

مۇڭ قۇيۇلار كۆزۈمگە چەكسىز.


قارلار ئېرىپ، قارىيار قىرلار،

شاماللاردا دەۋرەيدۇ چۇقان.

يىغلىغاندا پۈتۈلگەن قۇرلار

يۈرىكىڭدىن چىقىدۇ ھامان.


2

مەشھۇر بولۇش ئەدەبتىن ئەمەس،

يۈكسەكلىككە كۆتەرمەيدۇ ئۇ.

بار بىساتنى جەملەپ لىق، پەۋەس

ساقلىماق ھەم شەرت ئەمەس مەڭگۈ.


ئىجاد ئەسلى جان پىدا قىلماق،

نە سەلتەنەت، نە ئەمەس چۇقان !

ھېچنەرسىگە ئەرزىمەي بىراق،

ئەل ئاغزىغا چىقماقلىق يامان.


ئاددىي، پەقىر ياشىماق كېرەك،

ئۆتۈش كېرەك ئاشۇنداق پەقەت.

سۆيگۈنىڭ ئەرشىنى ياراتسۇن يۈرەك،

كېلىچەكنى سەزسۇن پاراسەت.


ئۆمۈر ئايرىم بابلىرىدىن بەلكىم،

ھاشىيەگە يازار ئەلۋەتتە.

قالدۇرماقلىق كېرەك پاكىز جاي،

قەغەز ئەمەس بەلكى قىسمەتتە.


يىراقلارغا سىڭىپ كەتسۇن دىل،

راۋان بولغىن تەنھا ماكانغا.

گويا تىلسىم زىم-زىيا مەنزىل،

چۆمكەلگەندەك قارا بۇلۇتقا.


باشقىلار يول قىلىپ ئىزىڭنى،

بىر كۈن بېسىپ ئۆتەر ئىكەن، بەس.

يېڭىش نىمە، يېڭىلىش نىمە،

پەرق قىلىش ساڭا شەرت ئەمەس.


ۋاپاسىزلىق چېكىنىش دىمەك،

چىرايىڭغا قونمىسۇن ھەسرەت.

ھامان خوشال ياشىماق كېرەك،

جۇشقۇن روھتا ئەبىدىلئەبەت !


ئاۋغۇسىت


ھايال قىلماي دائىمقىدەكلا،

كۈلدى ئاپتاپ دەسەلەپكى سەھەر.

ۋە تاشلىدى بىر دەستە شولا،

دېرىزەمدىن تۆشەككە قەدەر.


غەرق قىلدى ئالتۇندەك رەڭگە،

چاتلاش ئورمان، قىشلاق، ئۆيلەرنى.

تۆشىكىم نەم ياستۇقۇم ھەمدە

كىتاب تولغان جاۋەنلىرىمنى.


ئەسكە ئالدىم شۇئان نە سەۋەپ،

ياستۇقۇمنىڭ بولغىنىنى ھۆل.

چۈش كۆردۈمكى، بارار ئۇزۇن سەپ

تاۋۇتۇمنى كۆتۈرۈپ ئۇدۇل...


يالقۇنى يوق بىغۇبار ياغدۇ،

چىقار بۇ تاڭ باقى ماكاندىن.

قالتىس ئەزگۈ كارامەت كەبى،

كۆزدىن ئۆتۈپ ئالىدۇ جاندىن.


سىز ئۆتتىڭىز زىرىقزار ئارا

قەبرىستانغا، ئۇندا ھەر ياپراق

قىزىراتتى مىسلى تاۋىدا،

پىشقان تاتلىق سۇزمىدىن ھالراق.


ئۇنىڭ چۆككەن دۆڭلۈكلىرىگە،

ئاسمان چۆكسەم دەيدۇ بىراقلا.

چارلاپ خوراز چىللىشى بىلەن،

بىر –بىرىنى يوقلار، يىراقلار.


تەييار ئىدى قەبرىلەر ئارا،

ئەجەل خۇددى تاناپچىغا خاس.

قاراپ جانسىز يۈزۈمگە گويا،

ئۆلچەيدۇ گۆر بوي–بەستىمگە ماس.


تارتار ئىدى ئەلنىڭ ھۇشىنى،

شۇ ئارىدا بىر ئۈن بەرقارار.

ياڭرار ئىدى تاۋۇشۇم مېنىڭ،

ئاۋالقىدەك مەيىن، ئۇلۇغۋار.


ئەلۋىدا، ئەي قىزغۇچ ۋە نىلرەڭ

گۈمبەزلىرى چاقنىغان ئېھرام.

روناق تاپقۇز شەپقىتىڭ بىلەن،

ماڭا قىسمەت تۇتقىنىدا جام.


ئەلۋىدا، ئەي يىللار — ئۆكسۈك، لال،

رازى بول، غەم – غۇسسىغا نەق جان –

پىدا قىلىپ ياشىغان ئايال

ئىدىم ساڭا جەڭگاھ ۋە مەيدان.


ئەلۋىدا، ئەي روھىم قىممىتى،

پەرۋازدىكى دەملەر ئەلۋىدا.

سۆزگە كۆچكەن ئالەم زىننىتى

ئىجاد دەردى غەملەر ئەلۋىدا.


زېمىستان


ئېچىلدى-دە ئىشىك بىردىنلا،

ئاشخانىغا ئۇردى سوغ شامال.

بالىلىققا قايتتىم شۇ ئەسنا،

قىش تۈنلىرىن ئەسلىدىم دەرھال.


ئۇپۇق جىمجىت ھاۋا ساپ – تازا،

كوچىدا بەش قەدەمچە نېرى

تۇراتتى قىش قىمدىنىپ راسا

كىرەلمەستىن دادىل ئىچكىرى.


قىش، ئاقىرار يەنە دالا – تۈز،

كۈز قىرلىرى قىراۋلىق دۇنيا.

قارا تاللار يۈرەر ھاسىسىز،

تەنھا كوردەك تەمتىرەپ گويا.


يوللار قاتقان دەريالارمۇ ھەم

ۋە مۇزلارغا دەلمۇ دەل يۈزدە.

ئاقار سۆرۈن ئاسمان گۈمبىزى،

كۆزگۈ كەبى كۆزگۈلەر ئۆزرە.


تۆت كوچىدا ئاڭا چاپمۇچاپ،

تۇرار قېيىن مەسۇم، شوخ پەرداز.

چاچلىرىدا چاقنايدۇ يۇلتۇز،

ئەينەك ئىچرە ئۇ بىر سەرۋىناز.


ئىشىنەر ئۇ ئۆزىچە پىنھان،

ئىتەكتىكى ئەڭ يوق ئويىچە.

قىشتىن قانچە كۆرسىمۇ ئېھسان،

بولالمايدۇ ھەيۋەت ئۇنىڭچە.


نوبېل مۇكاپاتى


پۈتتى كۈنۈم، ئېزىقىپ قالغان

يىرتقۇچ كەبى سالىمەن چۇقان.

ئۇرە - ئۇر دەپ تىنماي ھەر ياندىن،

مېنى ئوراپ كېلەر ئالامان.


بىر تەرەپ كۆل، بىر تەرەپ بولسا

قارىغايلار يىقىلغان ئورمان.

ھايات يولۇم قالمىدى ئەسلا

ئەمدى نەئامال، بارىمەن قايان؟


نە يامانلىق قىلدىم، نە خاتا،

قانداق رەزىل ئىش قىلدىم دېگىن.

يا دۇنيانى يىغلاتتىممۇ مەن

ئانا يەرنىڭ نەپاستىدىن.


ئەمما تاۋۇت يېنىدا ھەتتا،

ئىشىنىمەن شۇنداق پەيت كېلەر.

زاۋال تاپماس ئىزگۈ روھ ئەسلا،

قەبىھ كۈچلەر جەزمەن يېڭىلەر.


مەن بىلدىم ھاياتنىڭ مەنىسى ھۆرمەت


مەن بىلدىم ھاياتنىڭ مەنىسى ھۆرمەت،

مەنانىڭ مەنىسى بۇ بىر كارامەت.

تەن ئالدىم ئۆزۈمنىڭ ئامالسىزلىقىمنى،

ئاپرىل پۈتۈنلەي ھىلە –خوشامەت.


تەن ئالدىم ۋاقىتنى يول ساندۇقى دەپ،

ئۇ ئاققان سۇ كەبى قىيام بولغان كۈن.

توختىماي ۋىژىلداپ كىرگىنى پەقەت،

چېكى يوق، چېتى يوق شەپەقتىن كەلكۈن.


تېرەكتىن تېرەككە، تالدىن تاللارغا،

ۋە يەنە قار باسقان ئاپئاق يوللارغا.

تۆمۈرچى قولىغا چاچرىغان ئوتتەك،

ئاقىدۇ زور بىر باغ ئوڭۇ –سوللارغا.


تەن ئالدىم قاراڭغۇ كېلىدۇ ئون پۇت،

قوڭغۇراق چالغۇچى كەتتى چىركاۋدىن.

تەن ئالدىم ئۇ كەتتى گىرچى بولۇشقا،

كۆز ياشلار، ئەگىزلەر، قەدىمىي دۇكان

بېشىمىز ئاغرىدى دېيشى مۇمكىن.


قەلبنىڭ ئېنىقلىمىسى


ئېۋەنسىز، بىجىرىم ئۇ بىر يوپۇرماق،

شامالدا، يامغۇردا چۈشكەن نەشپۈتتەك.

نەقەدەر سادىق ئۇ، خوش دىدى شاخقا،

ساراڭ ئۇ بوغنۇقۇپ ئۆلۈشى كېرەك!


شامالنىڭ ئورغىقى چۈشتى نەشپۈتتەك،

نەقەدەر سادىق ئۇ دەيدۇ يوق زەخمەت.

ئويلىساق نەشپۈتمۇ لېۋەن بوپ بىر چاغ،

ياندى ۋە سولاشتى قالدى كۈل پەقەت.


يىمىرىپ تاشلىدى تۇپراقنى بوران،

بالاپان ئۇگاڭنى تونۇمسەن ئوبدان؟

ياپرىقىم قورقامسەن تۇرنىلاردىنمۇ،

نىمىدىن قورقىسەن ئەي سەن ئۇياتچان؟


قورقمىغىن قىسمەتداش، تەقدىرداش ناخشا!

بىز نەگەر بارىمىز سەرسان–سەرگەندان؟

ئايرىلماس تىترەكنى كۈتمىگەن ئىدىم،

«بۇ يەردە» دىگەن بىر رەۋىشكە بۇئان.


شېئىرنىڭ ئېنىقلىمىسى


بۇ شادلىق قايغۇنىڭ غالجىر شاۋقۇنى،

بېسىلغان مۇزلۇقتىن ياڭرىغان ناخشا.

بۇ ياپراق توڭلىغان قىشنىڭ سوغ تۈنى،

بۇ ئىككى بۇلبۇلنىڭ بەس كۈيى راسا.


بۇ تاقىر قاغجىراق پۇرچاق دالىسى،

بۇ دۇنيا كۆزىدە مۆلدۈرلىگەن ياش.

فىگارو نېيىنىڭ مۇڭلۇق نالىسى

مۆلدۈردەك كۈي تۆككەن يۈرەككە تۇتاش.


بۇ، ئۈزۈش كۆلىنىڭ تەكتىدىن تۈندە،

ئىزدەلگەن ۋە لېكىن چىقمىغان نەرسە.

تۈن تىترەك قولىدا ئوچۇملاپ تورغا،

كىرگۈزسەم دېگەن شۇ يۇلتۇز ھەدېسە.


سۇدىكى تاختايدىن يېقىمسىز دېمىق،

تىترەكتەك ئۆرۈلۈپ چۈشەرمۇ ئاسمان؟

يۇلتۇزلار قارىشىپ كۈيلەر بى تىيىق،

ۋە لېكىن كائىنات قاقاس بىر ماكان.


تۇتمىغىن تېخىچە قۇرۇمىدى سىر


تۇتمىغىن، تېخىچە قۇرۇمىدى سىر،

قەلبتە قالمايدۇ ھەرگىزمۇ دىققەت.

ئەس دىگەن يوتىنىڭ، قولنىڭ، مەڭىزنىڭ،

لەۋلەرنىڭ، كۆزلەرنىڭ ئىزىدۇر پەقەت.


بار يېڭىش، ئاپەتنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ،

مەن سېنى سۆيىمەن، ئۇندىكى سەۋەب:

ساماندەك سارغايغان بىزنىڭ بۇ دۇنيا

سەن بىلەن بولىدۇ سەدەپ ۋە سەدەپ.


ئانت ئىچەي، ئەي دوستۇم مېنىڭ زۇلمىتىم

كۆرۈنمەي تۇرۇپلا ئۆزگەرگەن سىياق.

بولىدۇ جۆيلۈش ۋە چىراغ قالپىقى،

بېشىمغا تېڭىلغان داكىدىن ئاپئاق.


ماۋزۇسىز


بىر چاغدا تۇغۇچسىز، مۇلايىم ئىدىڭ،

ئاتەشتەك يېلىنجاپ تۇرىسەن ھازىر.

قۇلۇپلاپ قويايمۇ گۈزەللكىڭنى،

بەنت قىلىپ شېئىرغا- پىنھانى نازىر.


مەرھەمەت، قاراپ باق بىزنىڭ كۈلبىگە،

تاملارغا، بۇلۇڭغا دېرىزىلەرگە.

قاراپ باق، شەكلمىز، كۆلەڭگىمىزگە،

قاراپ باق، چىراغدا ئۆزگەرگىنىمىزگە.


ئولتۇرۇپ ئالدىڭسەن لۆم-لۆم تۆشەكتە،

بەدەشقان قۇرغانچە تۈركلەرسىمان.

قاراڭغۇ يەردىمۇ، يورۇق يەردىمۇ،

سەبىدەك قارايسەن ھەممىگە ھامان.


خىيالدەك سەگىپلا ئۈزۈلۈپ كەتكەن-

مەرۋايىت يىپنى ئۇلىدىڭ قايتا.

چىرايىڭ غەمكىندۇر، مەيۇسسەن ئەجەب،

سەمىمى سۆزلىرىڭ بەك رەڭسىز ئەستا.


راست دەيسەن بەك چۈچۈك سۆيگۈ دېگەن گەپ،

مەن تاپاي ئۇنىڭغا باشقا بىر بەلگە.

خالىساڭ سەن ئۈچۈن پۈتۈن ئالەمنى،

سۆزلەرنى، تاملارنى ئۆزگەرتەي دەمدە.


كۆرسىتىپ بېرەلمەي قالدىمۇ ياكى،

مۇڭ باسقان چىرايىڭ سەزگۈڭنى پەقەت.

قەلبىڭدە چاقنىغان قورام تاشلارنى،

نېمىشقا كۆزۈڭدە ئوينايدۇ ھەسرەت؟


ئىجادىيەت ئېنىقلمىسى


ئۇ كېلەر كۆتۈرۈپ كۆڭلەك پۇرمىسىن،

بېتخوۋىن تېنىدە ئۈنگەن تۈك مىسال.

شاھماتنى ياپقاندەك ياپار ئالقاندا،

سۆيگۈ،تۈن،ۋىژدان ۋە چۈشلەرنى مىسال.


ئۇ بىر خىل تەلۋىچە دېدىقىش بىلەن،

شاھماتتا ئوڭايلا بىر يۈرۈش تېپىپ.

گىرۋەككە ئىلىنگەن قارا ئۇرۇقنى،

تۇرىدۇ قىيامەت قايىمغا ئېتىپ.


گەمىنىڭ مۇزىدا گۈلزارلار ئارا،

يۇلتۇزلار ھىد چېچىپ سالىدۇ پەرياد.

تىتىرگەن تىرىسدان چىسېنى ئاڭلاپ

بۇلبۇلنىڭ كۈيىگە باغلاندى ھەيھات.


مەيلى ئۇ گۈلزارلار، بۇلاقلار بولسۇن،

ۋە مەيلى ئاق رەڭلىك يىڭلاڭغۇ دۇنيا.

ھەممىسى قەلىبكە جۇغلانغان سەزگۈ-

ئىپادە ئەيلىگەن ئەلۋان رەڭ دۇنيا.


ئاننا ئاخماتوۋاغا


ئىشلتىپ قويغاندەك تۇرىمەن گويا،

ئىجادىي سۆزلەرنى سىزنىڭدىن كەلگەن.

ۋە لېكىن بۇ سەھۋەن بەرىبىر ماڭا،

ئىشقىلىپ قالمايدۇ سۇڭۇمدىن سەھۋەن.


ئاڭلىدىم نەم ئۆگۈز ئېيتار پىچىرلاپ،

يوللاردا ئۇنتۇلغان چوپان كۈيىنى.

باشتىكى سەتىردە يۈز ئاچقان شەھەر،

ھەر بوغۇم ئىچىگە تىققان بويىنى.


ھەممە ياق گۈلباھار، شەھەرگە بەنت بىز،

قىل بەرمەس سودىگەر يەنىلا بىباش.

مۈكچىيىپ ئۆرتەنگەن تاڭنىڭ شەپىقى،

چىراغدا گۈل تىكەر كۆزلىرىدە ياش.


لادۇگا كۆلىدىن ئالىدۇ نەپەس،

شۇڭغار ئۇ سۇلارغا زېھنىنى ئاياپ.

ھېچنىمە چىقمايدۇ بۇنداق سەيلىدىن،

خەندەكنىڭ ئىچىگە ياغاچ قۇتىدىن

تۇرىدۇ چىرىك بوي ئەتراپقا قاراپ.


كۆزلەرنىڭ نۇرلىرى ئوخشىماس دائىم،

سىمالار ئۆزئارا زېمىن ۋە ئاسمان.

قويۇقلۇق مىقدارى دەھشەت سۇيۇقلۇق،

ئاق كېچە كۆزىدە يۈز ئاچقان روشەن،

كېچىلىك مەنزىرە يىراقتا قالغان.


كۆزىڭىز، يۈزىڭىز، شۇنداق سىزنڭمۇ،

ئۇ مېنىڭ ئېڭىمدا تۈز تۈۋرۈك ھەيۋەت.

مۇشۇنداق ئىدىڭىز بەش يىل بۇرۇنمۇ،

ئورناتقان ئىدىڭىز قاپىيەلەرگە،

زەڭ سېلىپ قاراشتىن ۋەھىمە پەقەت.


تا سىزدىن توپلاملار چىققاندىن بېرى،

نەسىرلەر پۇرىقى چاڭقىدى ھەريان.

ئۇ ئىزچىل ئۇچقاندەك سەركەردىلەرگە

ۋەقە ۋە بولمىشنى ئەيلەتتى جەۋلان.


سىۋىتايىۋاغا


ھەقلىقسىز دېيىشكە چۆنتەك ئاغدۇرۇپ،

— كەل ئىزدە، ئۆرىگىن، ئاختۇرغىن مېنى.

تۇمانغا باقمىسام نېمە نەم دېگەن،

ھەرقانداق رىئاللىق ھوتنىڭ زەر تېڭى.


يۇمشاق بىر يۇڭ رەختىن يېپىنىشىپ تون،

دەرەخلەر يىلتىزى تۇپراقنى كەزگەن.

قوتاندا ئۆسكەچكە شاخلىرى ئۇنىڭ،

بولىدۇ بىتاقەت، سەۋىرسىز جەزمەن.


تىترەتتى شاخلارنى شاخلار تۇمانى،

قويلارنىڭ يۇڭىدىن ئاققاندەك گويا.

بەئەينى كىرپىدەك يۈگۈرمەكتە ئۇ،

بۇرۇندا تىتىرگەن پايە ئۇ بايا.


ئوخشاشتۇر مەن ئۈچۈن ھەركىملەر ئېيتقان،

ناغايىپ سۆھبەتلەر، گەپ - سۆزلەر پۈتۈن.

ھەرقانداق رىئاللىق كۆكلەم كۆرەسى،

ئۈستىنى قاپلىغان گىرىمسەن تۈتۈن.


مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئۈستىبېشىمغا،

ھەرقانداق ئىگىننى كىيگۈزسە قىسمەت.

شائىرنى زورمۇ-زور تىقىپ خالايىق،

ھەرقانداق پاكىتنى شىرىن چۈشسىمان

سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ قىلماستىن شەپقەت.


ئۇ تېيىلىپ يۈرۈيدۇ يەڭگىل تۈتۈندەك،

ئايلنىپ ھىسابسىز يەڭلەرنى راۋان.

خالاسسىز بالالىق دەۋر غارىدىن،

باشقا تار كوچىغا كىرىدۇ ھامان.


چۇۋاتتەك يانجىلغان يازمىش يادىدا

ھەپىسدىن قۇتۇلار ئۇ لەيلەپ لەرزان.

ئۇ ھەقتە سۆزلەيدۇ كېيىنكى بوغۇن،

لاي - كۆمۈر ھەققىدە سۆزلىگەن كەبى،

بىر مەزگىل يېلىنجاپ خوپ سۈرگەن دەۋران.


خوراز


تۈنبويى تىرمىشار ئۇھ دىيەلمەي سۇ،

يامغۇر- باغ

يېقىلىپ چېچىلغان تاڭغا.

زەنباقى ئۆگزىدىن يامرايدۇ تۇمان،

بىر كومزەك شورپىدۇر ھور باسقان دۇنيا.


تۆكۈلۈپ قەتىرلەر، چاچرار گىياھلار،

خورازلار چىللىغان مەنزىلگە قەدەر.

بىر-بىرلەپ يۈز خوراز چىللىغۇچىلىك

تاڭدىكى شەبنەمچۈن ھەيرانلىقمنى

كىم سۆزلەپ ۋە كىممۇ سۈرەتلەپ بېرەر؟


بىر بىرلەپ ئويلايدۇ يۈتكەن ۋاقىتنى،

دەملىشىپ توختىتار تۈننى ۋاقىراپ.

بىشارەت بېرىشكە باشلايدۇ ئۇلار

يامغۇردىن،زېمىندىن سۆيگۈدىن چىللاپ.


( ئوسمانجان ساۋۇت تەرجىمىسى)