Jump to content

پۇتلىرىڭنىڭ بۇلۇتى ئۈستىدە

ئورنى Wikipedia

پۇتلىرىڭنىڭ بۇلۇتى ئۈستىدە

ئۇنسىي ئەلھاج

I

ئازار بەرمىدى ھەم گۇناھ قىلمىدى. شۇنداقتىمۇ، كۈنلىرى يېنىك بولمىدى. رەزىللىكنى ئەقىللىقلىق دەپ قارىمىدى، بەلكى، رەزىللىكنىڭ دۆتلۈك ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. پاھىشىلىق سەتتۇر، دېدى ھەمدە چىرىكلىكنى تاشلىدى. ئازار بەرمىدى ھەم گۇناھ قىلمىدى. تەھلىكىلىك مېھرىبانلىققا ھەم ياۋۇز پاكلىققا ئىگە ئىدى. مەرھابا، سۆيگۈ! دېدى. ھەمدە خەير-خوش، يېنىك كۈنلەر! دېدى.

II

ئۇزاق ئۆتمەيلا، بېشىمنى يەنە قايسۇن دەپ، پۇتلىرىڭنىڭ بۇلۇتى ئۈستىدە تەقدىرىمنى توختىتىمەن...

III

چېچىڭدا ئۇخلايدىغان ھەر بىر شامالنىڭ قەلبىمدە لەڭگەر تاشلايدىغان كېمىسى بار.

IV

سېنى يۇيىدىغان ھەرقانداق سۇ تىتىلىپ كېتىدۇ. ئاۋۇ يەردە، سۈيى كېپىنەكتەك قانات قاقىدىغان بىر بۇلاق بار. شۇ يەرگە چىقىپ ئۇنى تۇتقىن، تىتىلىپ كەتسۇن. سېنىڭ كۆرگەنلا سۇنى تىتىۋاتقانلىقىڭنى ھەر قېتىم كۆرگەندە، ئۇ ھەسەت ئوتىدا دېڭىزغىچە كۆيدى.

V

بىراۋنىڭ بىراۋنى دېڭىزدەك ئىشغال قىلىپ، ئۇندا ھاڭدەك ئولتۇراقلىشىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ئىكەنمەن. دېڭىزنىڭ تار قۇملارغا چۈشۈپ، تار سۇنىڭ چۆلنىڭ كۆڭلىنى بۇزىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ئىكەنمەن. سەن بىلەن نەگىمۇ بارارمەن، نەگىمۇ كېتىپ كىيىم-كېچەك تاپارمەن-دە، خۇشاللىق تۇلپىرى ئۈچۈن ياسىنارمەن. ھەر نەرسە تۇغۇلار، ھەر نەرسە بوشار. زامانلارنىڭ كامالىتى سېنىڭ تۈزلەڭلىكىڭدىن چىقار، بوشلۇق سېنىڭ تۈزلەڭلىكىڭدىن چىقار. سېنىڭ ئاسان تۈزلەڭلىكىڭ، سېنىڭ قىيىن تۈزلەڭلىكىڭ. تۈزلەڭلىكىڭ ئۇيقۇ، تۈزلەڭلىكىڭ تىغ. سەن بىلەن نەگىمۇ بارارمەن سەندىن يىراقلىشىپ، ساڭا قۇرۇغدىنىپ، سېنى ئۆز ئىچىمگە ئېلىپ، نەگىمۇ بارارمەن؟! بىراۋنىڭ بىراۋنى دېڭىزدەك ئىشغال قىلىپ، ئۇندا ھاڭدەك ئولتۇراقلىشىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ئىكەنمەن...

VI

ساڭا يارىغۇدەك سۈپەتلەرنى ئوغرىلاي دەپ كىتاب ئوقۇدۇم. سېنى ھەيران قالدۇرغىدەك بىر سۆزنى ئۆگىنەي دەپ سۆھبەتلەرگە دىققەت قىلدىم. سېنى چاقناتقۇدەك ئاڭ ئىزلەي دەپ ئېھتىياتچانلىقنىڭ تېگىدە ئۈزدۈم. بىراق، نىگارى بىلىم بولغان ئەرگە نىسبەتەن ئىلىملەرگە ئېرىشىشنىڭ نېمە پايدىسى.

VII

ھەر بىر قول، ھەر بىر قول ئۆز ئالقىنىدا كۆزلىرىڭنىڭ كۆزلىرىمدىكى تىۋىشىنى ئاڭلايدۇ. ھەر بىر مەرمەر، ھەر بىر مەرمەر ساڭا ئوقۇغان مۇناجاتىمنى قايتىلايدۇ.

VIII

سەندىن ئىبارەت شۇ ھايات تالان-تاراج قىلىۋاتقان بۇ زامان مېنى تالان-تاراج قىلماقتا.

IX

يىغا بەئەينى قۇچاقلاشقا ئوخشاش قاپلايدۇ، دەيسەن. كەل، مەڭگۈلۈك يىغا مەن بولاي!

X

قۇملارغا چۆكۈپ كەتكەن ئاينى قۇملارغا چۆكۈپ كەتكەن پېتى قويىمەن. سۇ ئاستىدا ئاجىزلاشقان قۇياشنى سۇ ئاستىدا ئاجىزلاشقان پېتى قويىمەن. سەلتەنەتلىك شاھىنشاھنى سەلتەنەتلىك شاھىنشاھ پېتى قويىمەن. گادايلارنىڭ گاداي گادىيىنى گادايلارنىڭ گاداي گادىيى پېتى قويىمەن. بىراق، سەن يۈرۈشىڭنى تاماملاشتىن بۇرۇن مېنى يۈرۈشىڭگە ئېلىۋال. سەن يولنى قاتلاشتىن بۇرۇن مېنى يولدىن چىقىرىۋال. سەن ئۆينىڭ تېنچلىقىغا كىرىشتىن بۇرۇن سۆيگۈمدىكى تەلۋىلىككە تەلۋىلەرچە قارا، سۆيگۈمدىكى ئۆلۈمگە ئۆلگىچە قارا.

XI

سەن كىچىك ۋاقتىڭدا ئويۇنچۇق ئىدىڭ، چوڭ بولغاندا كىچىك قىزغا ئايلاندىڭ ھەمدە مەن سېنىڭ ئويۇنچۇقىڭ.

XII

ئۇچقان نەيزىنىڭ ئۇچىغا سانجىغلىق ئىدىم. سېنى ئۇچراتقان كۈنى روھىمنى يىلتىزىدىن تۇتتۇم. مەن تولۇقىم بىلەن ئۆزۈم بولدۇم. ئوربېتىغا كىردىم. سەن بىلەن مەن دۇنياغا ئايلاندۇق. بۇ دۇنيا داۋاملىق قايتىلانغاي، قايتىلانغاي! يۈرەكتىن چىقمىغان سۆز بىلەن ساڭا خىتاب قىلسام، سەن مېنى پاش قىلغاندەك، پۇتلىرىمنىڭ ئاستىدىن يەرنى تارتىۋەتكەندەك ھېس قىلىمەن-دە، ۋۇجۇدۇمدىن نومۇس ۋە گۇناھنىڭ قېنى ئاقىدۇ.

XIII

سەن سۆزلىگەندە مەن سۈكۈت قىلىمەن، چۈنكى، سۈكۈتۈم ساپلىقىمنى ساقلاپ قالىدۇ. ئۇلار سۆزلەر بىلەن ھەممە نەرسىنى بوغۇزلىۋېتىشتى. يالغۇز سەن بىلەنلا سۆزلەر قۇتلىنىدۇ. يالغۇزلا سەندىكى كاسكىلىق چوقۇنىلىدۇ.

XIV

پىچىرلىغان ئاۋازىڭنىڭ ئۆزى توۋلاش. يۇقۇرى ئاۋازىڭنىڭ ئۆزى پىچىرلاشنىڭ تاجى. ئاۋازىڭ گۈزەل، چۈنكى، تېرەڭ ئاۋازىڭدا.

XV

چاققان، چاققان، ئەينەك ئالدىغا بار! نىگاھىمدا قالدۇرىلغانلىقىڭنى كۆرىسەن.

XVI

ھەممە تالانت ئىلكىڭدە بولسىمۇ، ساڭا بولغان مۇھتاجلىقتىن باشقىسىنى بەرمەيسەن. تەشۋىشىمگە تەرتىپ، خاتىرجەملىكىمگە دوزاخ يارىتىسەن. سۆيگۈنۈم، ئەي، سەن ئەپيۇن! ئاداققى قۇياشنىڭ يوقىلىشىدەك سەندە يوقىلىشنى ئاتا قىل ماڭا.

XVII

ئېھ، تەلىيىڭ، ئېھ! تەلىيىڭ -- سېنىڭ سەن بولغانلىقىڭ.


(ئەرەبچىدىن ئەخمەتجان ئوسمان تەرجىمىسى)

مەنبە: «بەرقىي» مۇنبىرى


ئەرەبچە

[مەنبە تەھرىر]


عَلَى سَحَابَةِ رِجْلَيْكِ

أنسي الحاج

I

لَمْ يُؤْذِ وَلَمْ يَأْثَمْ. وَمَعَ هَذَا لَمْ تَكُنْ أَيَّامُهُ خَفِيفَةً. لَمْ يَعْتَقِدْ أَنَّ الرَّذِيلَةَ ذَكَاءٌ إِنَّمَا آمَنَ بِأَنَّ الرَّذِيلَةَ غَبَاوَةٌ. قَالَ إِنَّ الْعُهْرَ بَشِعٌ وَرَمَى الْعُفُونَةَ. لَمْ يُؤْذِ وَلَمْ يَأْثَمْ. كَانَ ذَا حَنَانٍ جَهَنَّمِيٍّ وَبَرَاءَةٍ وَحْشِيَّةٍ. قَالَ مَرْحَباً أَيُّهَا الْحُبُّ، وَقَالَ: الْوَدَاعُ أَيَّتُهَا الْأَيَّامُ الْخَفِيفَةُ.

II

مِنْ حِينٍ إِلَى حِينٍ، لِكَيْ يَدُورَ بِيَ الدُّوَارُ، أُوقِفُ مَصِيرِي عَلَى سَحَابَةِ رِجْلَيْكِ...

III

لِكُلِّ رِيحٍ تَنَامُ فِي شَعْرِكِ، مَرْكَبٌ يَرْسُو فِي قَلْبِي.

IV

كُلُّ مَاءٍ يَغْسِلُكِ يَتَمَزَّقُ. هُنَاكَ يَنْبُوعٌ يُرَفْرِفُ مَاؤُهُ كَفَرَاشَةٍ. إِصْعَدِي وَالْمَسِيهِ لِيَتَمَزَّقَ. طَالَمَا شَاهَدَكِ تُمَزِّقِينَ سَائِرَ الْمِيَاهِ، وَنَارُ الْغَيْرَةِ تَنْهَشُهُ حَتَّى الْبَحْرِ.

V

مَا كُنْتُ أَعْرِفُ أَنَّ أَحَداً يَحْتَلُّ أَحَداً كَبَحْرٍ وَيَسْكُنُهُ كَهَاوِيَةٍ. مَا كُنْتُ أَعْرِفُ أَنَّ الْبَحْرَ يَهْبِطُ الرِّمَالَ الضَّيِّقَةَ وَأَنَّ مَاءً ضَيِّقاً يُغَصِّصُ الصَّحْرَاءَ. أَيْنَ أَذْهَبُ بِكِ، أَيْنَ أَرْحَلُ وَأَجِدُ الثِّيَابَ فَأَلْبَسَ لِفَرَسِ الْبَهْجَةِ. كُلُّ شَيْءٍ يُولَدُ وَكُلُّ شَيْءٍ يَخْلُو. تَمَامُ الْأَزْمِنَةِ طَالِعٌ مِنْ سُهُولِكِ وَالْفَرَاغُ طَالِعٌ مِنْ سُهُولِكِ؛ سُهُولِكِ السَّهْلَةِ وَسُهُولِكِ الصَّعْبَةِ، سُهُولِكِ النَّوْمِ وَسُهُولِكِ الْحَرْبَةِ. أَيْنَ أَذْهَبُ بِكِ بَعِيداً عَنْكِ، مُفْرَغاً فِيكِ، مُحْتَوِياً إِيَّاكِ، أَيْنَ أَذْهَبُ، وَمَا كُنْتُ أَعْرِفُ أَنَّ أَحَداً يَحْتَلُّ أَحَداً كَبَحْرٍ وَأَنَّهُ يَسْكُنُهُ كَهَاوِيَةٍ...

VI

قَرَأْتُ الْكُتُبَ لِأَسْرِقَ أَوْصَافاً تُعْجِبُكِ. إِنْتَبَهْتُ إِلَى الْأَحَادِيثِ لِأَتَعَلَّمَ كَلِمَةً تُدْهِشُكِ. أَبْحَرْتُ تَحْتَ الْحَذَرِ لِأُفَتِّشَ عَنْ وَعْيٍ يَبْهَرُكِ. لَكِنْ مَاذَا يَنْفَعُ الرَّجُلَ لَوِ اكْتَسَبَ الْعُلُومَ وَكَانَتْ حَبِيبَتُهُ الْمَعْرِفَةَ.

VII

كُلُّ يَدٍ، كُلُّ يَدٍ تَسْمَعُ فِي كَفِّهَا وَقْعَ عَيْنَيْكِ فِي عَيْنَيَّ. كُلُّ مَرْمَرٍ، كُلُّ مَرْمَرٍ يُرَدِّدُ صَلَاتِي إِلَيْكِ.

VIII

يَنْهَبُنِي الزَّمَانُ الَّذِي تَنْهَبُهُ الْحَيَاةُ الَّتِي هِيَ أَنْتِ.

IX

تَقُولِينَ الْبُكَاءُ يَغْمُرُ. كَالضَّمَّةِ. تَعَالِي. سَأَكُونُ أَنَا الْبُكَاءَ إِلَى الْأَبَدِ.

X

سَأَدَعُ الْقَمَرَ الْغَرِيقَ فِي الرِّمَالِ غَرِيقاً فِي الرِّمَالِ. سَأَدَعُ الشَّمْسَ الْمُتَرَدِّيَةَ تَحْتَ الْمَاءِ مُتَرَدِّيَةً تَحْتَ الْمَاءِ. سَأَدَعُ مَلِكَ الْمُلُوكِ الْمُعَظَّمَ مَلِكَ الْمُلُوكِ الْمُعَظَّمَ. سَأَدَعُ فَقِيرَ الْفُقَرَاءِ الْفَقِيرَ فَقِيرَ الْفُقَرَاءِ الْفَقِيرَ. لَكِنْ قَبْلَ أَنْ تُكْمِلِي سَيْرَكِ خُذِينِي فِي سَيْرِكِ. قَبْلَ أَنْ تَلُفِّي الطَّرِيقَ خُذِينِي عَنِ الطَّرِيقِ. قَبْلَ أَنْ تَدْخُلِي إِلَى هُدُوءِ الْبَيْتِ إِلْتَفِتِي إِلَى الْجُنُونِ فِي حُبِّي حَتَّى الْجُنُونِ وَإِلَى الْمَوْتِ فِي حُبِّي حَتَّى الْمَوْتِ.

XI

كُنْتُ لُعْبَةً وَأَنْتِ طِفْلَةٌ. وَلَمَّا كَبُرْتِ أَصْبَحْتِ طِفْلَةً وَأَنَا لُعْبَتُكِ.

XII

كُنْتُ مَشْكُوكاً عَلَى الرُّمْحِ وَالرُّمْحُ طَائِرٌ. يَوْمَ الْتَقَيْتُكِ أَمْسَكْتُ رُوحِي مِنْ جُذُورِهَا. صِرْتُ أَنَا بِكَامِلِي. وَصَلْتُ إِلَى الْمَدَارِ. أَنْتِ وَأَنَا غَدَوْنَا الْعَالَمَ. لِيَتَكَرَّرَ، لِيَتَكَرَّرَ دَائِماً هَذَا الْعَالَمُ! وَإِذَا خَاطَبْتُكِ بِكَلَامٍ مِنْ غَيْرِ الْقَلْبِ، أُحِسُّكِ تَفْضَحِينَنِي، تَسْحَبِينَ الْأَرْضَ مِنْ تَحْتِ قَدَمَيَّ، فَيَنْزِفُ كِيَانِي دَمَ الْخَجَلِ وَالْخَطِيئَةِ.

XIII

أَسْكُتُ عِنْدَمَا تَتَكَلَّمِينَ لِأَنَّ سُكُوتِي يَصُونُ نَقَائِي. لَقَدْ ذَبَحُوا كُلَّ شَيْءٍ بِالْكَلِمَاتِ. وَحْدَكِ تَتَقَدَّسُ بِكِ الْكَلِمَاتُ. وَحْدَكِ تَتَأَلَّهُ فِيكِ الثَّرْثَرَةُ.

XIV

صَوْتُكِ الْهَامِسُ هُوَ الْهُتَافُ. صَوْتُكِ الْعَالِي هُوَ تَاجُ الْهَمْسِ. صَوْتُكِ جَمِيلٌ لِأَنَّ جِلْدَكِ فِي صَوْتِكِ.

XV

أَسْرِعِي أَسْرِعِي إِلَى الْمِرْآةِ. سَوْفَ تَرَيْنَ أَنَّكِ مَتْرُوكَةٌ فِي نَظَرِي.

XVI

تَمْلِكِينَ جَمِيعَ الْمَوَاهِبِ وَلَا تُعْطِينَ إِلَّا الْحَاجَةَ إِلَيْكِ. تَصْنَعِينَ نِظَاماً لِقَلَقِي وَجَحِيماً لِطُمَأْنِينَتِي. أَيَّتُهَا الْأَفْيُونُ يَا حَبِيبَتِي، أَعْطِينِي أَنْ أَغِيبَ فِيكِ غِيَابَ الشَّمْسِ الْأَخِيرَةِ.

XVII

آهٍ حَظُّكِ آهٍ. حَظُّكِ أَنَّكِ أَنْتِ...


ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە

[مەنبە تەھرىر]

عَلَى سَحَابَةِ رِجْلَيْكِ

[مەنبە تەھرىر]

پۇتلىرىڭنىڭ بۇلۇتى ئۈستىدە

[مەنبە تەھرىر]


أنسي الحاج

ئۇنسىي ئەلھاج


لَمْ يُؤْذِ وَلَمْ يَأْثَمْ.

ئازار بەرمىدى ھەم گۇناھ قىلمىدى.

وَمَعَ هَذَا لَمْ تَكُنْ أَيَّامُهُ خَفِيفَةً.

شۇنداقتىمۇ، كۈنلىرى يېنىك بولمىدى.

لَمْ يَعْتَقِدْ أَنَّ الرَّذِيلَةَ ذَكَاءٌ إِنَّمَا آمَنَ بِأَنَّ الرَّذِيلَةَ غَبَاوَةٌ.

رەزىللىكنى ئەقىللىقلىق دەپ قارىمىدى، بەلكى، رەزىللىكنىڭ دۆتلۈك ئىكەنلىكىگە ئىشەندى.

قَالَ إِنَّ الْعُهْرَ بَشِعٌ وَرَمَى الْعُفُونَةَ.

پاھىشىلىق سەتتۇر، دېدى ھەمدە چىرىكلىكنى تاشلىدى.

لَمْ يُؤْذِ وَلَمْ يَأْثَمْ.

ئازار بەرمىدى ھەم گۇناھ قىلمىدى.

كَانَ ذَا حَنَانٍ جَهَنَّمِيٍّ وَبَرَاءَةٍ وَحْشِيَّةٍ.

تەھلىكىلىك مېھرىبانلىققا ھەم ياۋۇز پاكلىققا ئىگە ئىدى.

قَالَ مَرْحَباً أَيُّهَا الْحُبُّ،

مەرھابا، سۆيگۈ! دېدى.

وَقَالَ: الْوَدَاعُ أَيَّتُهَا الْأَيَّامُ الْخَفِيفَةُ.

ھەمدە خەير-خوش، يېنىك كۈنلەر! دېدى.


مِنْ حِينٍ إِلَى حِينٍ، لِكَيْ يَدُورَ بِيَ الدُّوَارُ، أُوقِفُ مَصِيرِي عَلَى سَحَابَةِ رِجْلَيْكِ...

ئۇزاق ئۆتمەيلا، بېشىمنى يەنە قايسۇن دەپ، پۇتلىرىڭنىڭ بۇلۇتى ئۈستىدە تەقدىرىمنى توختىتىمەن...


لِكُلِّ رِيحٍ تَنَامُ فِي شَعْرِكِ، مَرْكَبٌ يَرْسُو فِي قَلْبِي.

چېچىڭدا ئۇخلايدىغان ھەر بىر شامالنىڭ قەلبىمدە لەڭگەر تاشلايدىغان كېمىسى بار.


كُلُّ مَاءٍ يَغْسِلُكِ يَتَمَزَّقُ.

سېنى يۇيىدىغان ھەرقانداق سۇ تىتىلىپ كېتىدۇ.

هُنَاكَ يَنْبُوعٌ يُرَفْرِفُ مَاؤُهُ كَفَرَاشَةٍ.

ئاۋۇ يەردە، سۈيى كېپىنەكتەك قانات قاقىدىغان بىر بۇلاق بار.

إِصْعَدِي وَالْمَسِيهِ لِيَتَمَزَّقَ.

شۇ يەرگە چىقىپ ئۇنى تۇتقىن، تىتىلىپ كەتسۇن.

طَالَمَا شَاهَدَكِ تُمَزِّقِينَ سَائِرَ الْمِيَاهِ، وَنَارُ الْغَيْرَةِ تَنْهَشُهُ حَتَّى الْبَحْرِ.

سېنىڭ كۆرگەنلا سۇنى تىتىۋاتقانلىقىڭنى ھەر قېتىم كۆرگەندە، ئۇ ھەسەت ئوتىدا دېڭىزغىچە كۆيدى.


مَا كُنْتُ أَعْرِفُ أَنَّ أَحَداً يَحْتَلُّ أَحَداً كَبَحْرٍ وَيَسْكُنُهُ كَهَاوِيَةٍ.

بىراۋنىڭ بىراۋنى دېڭىزدەك ئىشغال قىلىپ، ئۇندا ھاڭدەك ئولتۇراقلىشىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ئىكەنمەن.

مَا كُنْتُ أَعْرِفُ أَنَّ الْبَحْرَ يَهْبِطُ الرِّمَالَ الضَّيِّقَةَ وَأَنَّ مَاءً ضَيِّقاً يُغَصِّصُ الصَّحْرَاءَ.

دېڭىزغىچە بولغان تار قۇملارغا چۈشۈپ، تار سۇنىڭ چۆلنىڭ كۆڭلىنى بۇزىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ئىكەنمەن.

أَيْنَ أَذْهَبُ بِكِ، أَيْنَ أَرْحَلُ وَأَجِدُ الثِّيَابَ فَأَلْبَسَ لِفَرَسِ الْبَهْجَةِ.

سەن بىلەن نەگىمۇ بارارمەن، نەگىمۇ كېتىپ كىيىم-كېچەك تاپارمەن-دە، خوشاللىق تۇلپىرى ئۈچۈن ياسىنارمەن.

كُلُّ شَيْءٍ يُولَدُ وَكُلُّ شَيْءٍ يَخْلُو.

ھەر نەرسە تۇغۇلار، ھەر نەرسە بوشار.

تَمَامُ الْأَزْمِنَةِ طَالِعٌ مِنْ سُهُولِكِ وَالْفَرَاغُ طَالِعٌ مِنْ سُهُولِكِ؛

زامانلارنىڭ كامالىتى سېنىڭ تۈزلەڭلىكىڭدىن چىقار، بوشلۇق سېنىڭ تۈزلەڭلىكىڭدىن چىقار.

سُهُولِكِ السَّهْلَةِ وَسُهُولِكِ الصَّعْبَةِ،

سېنىڭ ئاسان تۈزلەڭلىكىڭ، سېنىڭ قىيىن تۈزلەڭلىكىڭ.

سُهُولِكِ النَّوْمِ وَسُهُولِكِ الْحَرْبَةِ.

تۈزلەڭلىكىڭ ئۇيقۇ، تۈزلەڭلىكىڭ تىغ.

أَيْنَ أَذْهَبُ بِكِ بَعِيداً عَنْكِ، مُفْرَغاً فِيكِ، مُحْتَوِياً إِيَّاكِ، أَيْنَ أَذْهَبُ،

سەن بىلەن نەگىمۇ بارارمەن سەندىن يىراقلىشىپ، ساڭا قۇرۇغدىنىپ، سېنى ئۆز ئىچىمگە ئېلىپ، نەگىمۇ بارارمەن؟!

وَمَا كُنْتُ أَعْرِفُ أَنَّ أَحَداً يَحْتَلُّ أَحَداً كَبَحْرٍ وَأَنَّهُ يَسْكُنُهُ كَهَاوِيَةٍ...

بىراۋنىڭ بىراۋنى دېڭىزدەك ئىشغال قىلىپ، ئۇندا ھاڭدەك ئولتۇراقلىشىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ئىكەنمەن...


قَرَأْتُ الْكُتُبَ لِأَسْرِقَ أَوْصَافاً تُعْجِبُكِ.

ساڭا يارىغۇدەك سۈپەتلەرنى ئوغرىلاي دەپ كىتاب ئوقۇدۇم.

إِنْتَبَهْتُ إِلَى الْأَحَادِيثِ لِأَتَعَلَّمَ كَلِمَةً تُدْهِشُكِ.

سېنى ھەيران قالدۇرغىدەك بىر سۆزنى ئۆگىنەي دەپ سۆھبەتلەرگە دىققەت قىلدىم.

أَبْحَرْتُ تَحْتَ الْحَذَرِ لِأُفَتِّشَ عَنْ وَعْيٍ يَبْهَرُكِ.

سېنى چاقناتقۇدەك ئاڭ ئىزلەي دەپ ئېھتىياتچانلىقنىڭ تېگىدە ئۈزدۈم.

لَكِنْ مَاذَا يَنْفَعُ الرَّجُلَ لَوِ اكْتَسَبَ الْعُلُومَ وَكَانَتْ حَبِيبَتُهُ الْمَعْرِفَةَ.

بىراق، نىگارى بىلىم بولغان ئەرگە نىسبەتەن ئىلىملەرگە ئېرىشىشنىڭ نېمە پايدىسى.


كُلُّ يَدٍ، كُلُّ يَدٍ تَسْمَعُ فِي كَفِّهَا وَقْعَ عَيْنَيْكِ فِي عَيْنَيَّ.

ھەر بىر قول، ھەر بىر قول ئۆز ئالقىنىدا كۆزلىرىڭنىڭ كۆزلىرىمدىكى تىۋىشىنى ئاڭلايدۇ.

كُلُّ مَرْمَرٍ، كُلُّ مَرْمَرٍ يُرَدِّدُ صَلَاتِي إِلَيْكِ.

ھەر بىر مەرمەر، ھەر بىر مەرمەر ساڭا ئوقۇغان مۇناجاتىمنى قايتىلايدۇ.


يَنْهَبُنِي الزَّمَانُ الَّذِي تَنْهَبُهُ الْحَيَاةُ الَّتِي هِيَ أَنْتِ.

سەندىن ئىبارەت شۇ ھايات تالان-تاراج قىلىۋاتقان بۇ زامان مېنى تالان-تاراج قىلماقتا.


تَقُولِينَ الْبُكَاءُ يَغْمُرُ. كَالضَّمَّةِ.

يىغا بەئەينى قۇچاقلاشقا ئوخشاش قاپلايدۇ، دەيسەن.

تَعَالِي. سَأكُونُ أَنَا الْبُكَاءَ إِلَى الْأَبَدِ.

كەل، مەڭگۈلۈك يىغا مەن بولاي!


سَأَدَعُ الْقَمَرَ الْغَرِيقَ فِي الرِّمَالِ غَرِيقاً فِي الرِّمَالِ.

قۇملارغا چۆكۈپ كەتكەن ئاينى قۇملارغا چۆكۈپ كەتكەن پېتى قويىمەن.

سَأَدَعُ الشَّمْسَ الْمُتَرَدِّيَةَ تَحْتَ الْمَاءِ مُتَرَدِّيَةً تَحْتَ الْمَاءِ.

سۇ ئاستىدا ئاجىزلاشقان قۇياشنى سۇ ئاستىدا ئاجىزلاشقان پېتى قويىمەن.

سَأَدَعُ مَلِكَ الْمُلُوكِ الْمُعَظَّمَ مَلِكَ الْمُلُوكِ الْمُعَظَّمَ.

سەلتەنەتلىك شاھىنشاھنى سەلتەنەتلىك شاھىنشاھ پېتى قويىمەن.

سَأَدَعُ فَقِيرَ الْفُقَرَاءِ الْفَقِيرَ فَقِيرَ الْفُقَرَاءِ الْفَقِيرَ.

گادايلارنىڭ گاداي گادىيىنى گاداي گادىيى پېتى قويىمەن.

لَكِنْ قَبْلَ أَنْ تُكْمِلِي سَيْرَكِ خُذِينِي فِي سَيْرِكِ.

بىراق، سەن يۈرۈشىڭنى تاماملاشتىن بۇرۇن مېنى يۈرۈشىڭگە ئېلىۋال.

قَبْلَ أَنْ تَلُفِّي الطَّرِيقَ خُذِينِي عَنِ الطَّرِيقِ.

سەن يولنى قاتلاشتىن بۇرۇن مېنى يولدىن چىقىرىۋال.

قَبْلَ أَنْ تَدْخُلِي إِلَى هُدُوءِ الْبَيْتِ إِلْتَفِتِي إِلَى الْجُنُونِ فِي حُبِّي حَتَّى الْجُنُونِ وَإِلَى الْمَوْتِ فِي حُبِّي حَتَّى الْمَوْتِ.

سەن ئۆينىڭ تېنچلىقىغا كىرىشتىن بۇرۇن سۆيگۈمدىكى تەلۋىلىككە تەلۋىلەرچە قارا، سۆيگۈمدىكى ئۆلۈمگە ئۆلگىچە قارا.


كُنْتُ لُعْبَةً وَأَنْتِ طِفْلَةٌ.

سەن كىچىك ۋاقتىڭدا ئويۇنچۇق ئىدىڭ،

وَلَمَّا كَبُرْتِ أَصْبَحْتِ طِفْلَةً وَأَنَا لُعْبَتُكِ.

چۆڭ بولغاندا كىچىك قىزغا ئايلاندىڭ ھەمدە مەن سېنىڭ ئويۇنچۇقىڭ.


كُنْتُ مَشْكُوكاً عَلَى الرُّمْحِ وَالرُّمْحُ طَائِرٌ.

ئۇچقان نەيزىنىڭ ئۇچىغا سانجىغلىق ئىدىم.

يَوْمَ الْتَقَيْتُكِ أَمْسَكْتُ رُوحِي مِنْ جُذُورِهَا.

سېنى ئۇچراتقان كۈنى روھىمنى يىلتىزىدىن تۇتتۇم.

صِرْتُ أَنَا بِكَامِلِي.

مەن تولۇقىم بىلەن ئۆزۈم بولدۇم.

وَصَلْتُ إِلَى الْمَدَارِ.

ئوربېتىغا كىردىم.

أَنْتِ وَأَنَا غَدَوْنَا الْعَالَمَ.

سەن بىلەن مەن دۇنياغا ئايلاندۇق.

لِيَتَكَرَّرَ، لِيَتَكَرَّرَ دَائِماً هَذَا الْعَالَمُ!

بۇ دۇنيا داۋاملىق قايتىلانغاي، قايتىلانغاي!

وَإِذَا خَاطَبْتُكِ بِكَلَامٍ مِنْ غَيْرِ الْقَلْبِ، أُحِسُّكِ تَفْضَحِينَنِي، تَسْحَبِينَ الْأَرْضَ مِنْ تَحْتِ قَدَمَيَّ، فَيَنْزِفُ كِيَانِي دَمَ الْخَجَلِ وَالْخَطِيئَةِ.

يۈرەكتىن چىقمىغان سۆز بىلەن ساڭا خىتاب قىلسام، سەن مېنى پاش قىلغاندەك، پۇتلىرىمنىڭ ئاستىدىن يەرنى تارتىۋەتكەندەك ھېس قىلىمەن-دە، ۋۇجۇدۇمدىن نومۇس ۋە گۇناھنىڭ قېنى ئاقىدۇ.


أَسْكُتُ عِنْدَمَا تَتَكَلَّمِينَ لِأَنَّ سُكُوتِي يَصُونُ نَقَائِي.

سەن سۆزلىگەندە مەن سۈكۈت قىلىمەن، چۈنكى، سۈكۈتۈم ساپلىقىمنى ساقلاپ قالىدۇ.

لَقَدْ ذَبَحُوا كُلَّ شَيْءٍ بِالْكَلِمَاتِ.

ئۇلار سۆزلەر بىلەن ھەممە نەرسىنى بوغۇزلىۋېتىشتى.

وَحْدَكِ تَتَقَدَّسُ بِكِ الْكَلِمَاتُ.

يالغۇز سەن بىلەنلا سۆزلەر قۇتلىنىدۇ.

وَحْدَكِ تَتَأَلَّهُ فِيكِ الثَّرْثَرَةُ.

يالغۇزلا سەندىكى كاسكىلىق چوقۇنىلىدۇ.


صَوْتُكِ الْهَامِسُ هُوَ الْهُتَافُ.

پىچىرلىغان ئاۋازىڭنىڭ ئۆزى توۋلاش.

صَوْتُكِ الْعَالِي هُوَ تَاجُ الْهَمْسِ.

يۇقۇرى ئاۋازىڭنىڭ ئۆزى پىچىرلاشنىڭ تاجى.

صَوْتُكِ جَمِيلٌ لِأَنَّ جِلْدَكِ فِي صَوْتِكِ.

ئاۋازىڭ گۈزەل، چۈنكى، تېرەڭ ئاۋازىڭدا.


أَسْرِعِي أَسْرِعِي إِلَى الْمِرْآةِ.

چاققان، چاققان، ئەينەك ئالدىغا بار!

سَوْفَ تَرَيْنَ أَنَّكِ مَتْرُوكَةٌ فِي نَظَرِي.

نىگاھىمدا قالدۇرىلغانلىقىڭنى كۆرىسەن.


تَمْلِكِينَ جَمِيعَ الْمَوَاهِبِ وَلَا تُعْطِينَ إِلَّا الْحَاجَةَ إِلَيْكِ.

ھەممە تالانت ئىلكىڭدە بولسىمۇ، ساڭا بولغان مۇھتاجلىقتىن باشقىسىنى بەرمەيسەن.

تَصْنَعِينَ نِظَاماً لِقَلَقِي وَجَحِيماً لِطُمَأْنِينَتِي.

تەشۋىشىمگە تەرتىپ، خاتىرجەملىكىمگە دوزاخ يارىتىسەن.

أَيَّتُهَا الْأَفْيُونُ يَا حَبِيبَتِي، أَعْطِينِي أَنْ أَغِيبَ فِيكِ غِيَابَ الشَّمْسِ الْأَخِيرَةِ.

سۆيگۈنۈم، ئەي، سەن ئەپيۇن! ئاداققى قۇياشنىڭ يوقىلىشىدەك سەندە يوقىلىشنى ئاتا قىل ماڭا.


آهٍ حَظُّكِ آهٍ.

ئېھ، تەلىيىڭ، ئېھ!

حَظُّكِ أَنَّكِ أَنْتِ...

تەلىيىڭ -- سېنىڭ سەن بولغانلىقىڭ.