Jump to content

پۇشكىن شېئىرلىرىدىن يەتتە پارچە

ئورنى Wikipedia

پۇشكىن شېئىرلىرىدىن يەتتە پارچە


مەن سېنى سۆيەتتىم، سۆيەتتىم ئەمما...


مەن سېنى سۆيەتتىم، سۆيەتتىم ئەمما،

ئاشىقلىق قەلبىمنى قىلمايتتىم ئىزھار.

مەن ئۇنىڭ دەردىنى تارتاتتىم تەنھا،

ئالدىڭدا تەن ئالغۇم كەلمەيتتى زىنھار...


مەن سېنى سۆيەتتىم ئۈنسىز، ئۈمىتسىز،

گاھىدا تارتىنىپ، گاھى قىزغىنىپ.

خالىسا ئەمدى كىم سۆيسۇن مەن كەبى،

سەمىمىي يۈرەكتىن چەكسىز ئىنتىلىپ.


گۈل


كىتابنى ئاچتىم-دە چۈشتى نەزىرىم،

ئۇنتۇلغان پۇراقسىز، قۇرىغان گۈلگە.

پەرىشان تەلمۈرۈپ قالدىم بۇ پەيىتتە،

غەلىتە خىياللار تولدى كۆڭۈلگە.


كىم ئۈزگەن گۈلدۈر بۇ، بولغانمۇ ئۇزاق،

ئىچىلغان قەيەردە، قايسى باھاردا.

ئۈزگەن قول تونۇشمۇ ياكى ناتونۇش،

نىمىشقا قويدىكى ئۇنى بۇ جايدا.


ئۇ ئىللىق ۋىسالنىڭ خاتىرىسىمۇ،

ياكى يادىكار سوغۇق ھېجراننىڭ؟

يا جىمجىت سەھرادا بولغان بىر سەيلە،

ياكى ئەستىلىگى سوغۇق ئورماننىڭ.


ھىلىمۇ تىرىكمۇ يىگىت بىلەن قىز،

ماكانى بارمىدۇ ياشاپ يۈرگىدەك.

شۇ پەيىتتە قەيەردە ياكى سۇلدىمۇ،

مانا شۇ بەرگىسىز قورۇلغان گۈلدەك؟!!


قىش ئاخشىمى


بوران، قارلىق قۇيۇن ئاسماننى

تۇمان كەبى قاپلايدۇ پۈتۈن.

دەم ھايۋاندەك ھۆركىرەپ ئۆتەر.

دەم بۇۋاقتەك يىغلاڭغۇ بىر ئۈن.


دەم گۆركىرەپ كونا ئۆگزىدىن،

شاراقشىتىپ تارتىدۇ پاخال.

دەم كەچ قالغان يولۇچى كەبى

دېرىزىنى قاقىدۇ دەرھال.


كىچىككىنە كونا ئۆيىمىز،

ھەم زۇلمەتتە ھەم سۇغۇق، غەمكىن،

دېرىزىنىڭ ئالدىدا مۇما،

تۇرۇپسەنغۇ ئۈنسىز ۋە تەمكىن؟


چارچىتىشى تىنماس بۇراننىڭ،

كەلتۈردىمۇ سېنى بۇ ھالغا؟

غىچىلدىشى ياكى چاقىنىڭ

سېلىپ قويدى سېنى خىيالغا؟


كەل ئىچەيلى قەدىردان مۇما،

ياشلىقىمنىڭ دوستى پاناھى.

قەدەھ قېنى ئىچەيلى بىللە،

تاراپ كەتسۇن يۈرەكنىڭ ئاھى.


كۈيلەپ بەرگىن ماڭا تاغ قۇشى،

ياشار قانداق دېڭىز كەينىدە؟

كۈيلەپ بەرگىن جانان قىز قانداق

سۇغا كېلەر سەھەر پەيتىدە؟


بوران قارلىق قۇيۇن ئاسماننى،

تۇمان كەبى قاپلايدۇ پۈتۈن.

دەم ھايۋاندەك ھۆركىرەپ ئۆتەر،

دەم بۇۋاقتەك يىغلاڭغۇ بىر ئۈن.


كەل ئىچەيلى مېھرىبان مۇما،

ياشلىقىمنىڭ دوستى پاناھى.

قەدەھ قېنى؟ ئىچەيلى بىللە

تاراپ كەتسۇن يۈرەكنىڭ ئاھى.


(قۇربان بارات تەرجىمىسى)


ئاي نۇرى


يىگانە ئاي چىقارسەن نىچۈن،

بۇلۇتلارنىڭ قېتىدىن ئۈزۈپ.

سۇس ۋە سوغۇق نۇرلىرىڭىنى ھەم،

دەرىزەمگە تۇرىسەن تۆكۈپ؟

كۆرگىنىمدە مىسكىن چېھرىڭىنى،

ئاچچىق چۈشلەر بولىدۇ ئايان.

مۇھەببەتنىڭ شىرىن ئازابى،

ھەمدە مەغرۇر يەنچىلىگەن ئارمان.

ئەسلىمىلەر ئۇچۇپ كەت يىراق،

بەخىتسىز سۆيگۈ ئۇخلاپ قال، ئۇخلاپ!

ئاھ! بۇ تۈنلەر كەلمەسكە كەتكەن،

يانالمايسەن ئاي سىرلىق چاقناپ.

چۆمۈلگەندە قاراڭغۇ ئورمان،

يارقىن تىنچ نۇرلىرىڭ ئىچرە.

يورۇتقانتىڭ كۈچسىز، ئۈمىدسىز،

نىگارىمنىڭ قەددىنى خىرە.

قەيەردىسەن پاك، سۆيگۈ بەخىت،

مۆكۈۋالغان گۈزەل خۇش دەملەر؟

كېلەرمىدۇ شادلىقىم قايتىپ،

قەيەردىسەن بەڭباش ھەۋەسلەر؟

ئېھ، شۇ دەملەر نىمىشقا ئۆچۈپ،

ئۆتۈپ كەتتىڭ كۆرۈنۈپ غىل - پال؟

تاڭ ئالدىدا قىزىرىپ شەپەق،

يوقالغاندا تىزدىن شۇ زاۋال؟

ئاي نېمىشقا كېتەرسەن يوقاپ؟

نۇرلۇق كۆككە چۆككەنچە شۇ تاپ؟

تاڭ ئۇپۇقتا بالقىيدۇ نىچۈك؟

ئايرىلىمىز نىچۈك ئەي نىگار،

چېكىپ ھەسرەت، كۆزلەرنى ياشلاپ؟!


رەھمىم كەلمەس


رەھىمىم كەلمەس ساڭا گۈلگۈن ياشلىقىم،

شۇ ئۈمىدسىز ئىشقى ھېسلار ئېپ كەتكەن.

رەھىمىم كەلمەس ساڭا سىرلىق تۈنلەر ئاھ،

بولساڭمۇ سەن مېنى ھەررەڭ كۈيلەتكەن!

كەچۇرمەيمەن سېنى بىئار شاللاق قىز،

كۆچمەن قەدەھ بەزمىلەرنىڭ گۈلتاجى.

كەچۇرمەيمەن بولۇپ قالدىم سوغۇققان،

يوق ئويۇننىڭ شاد ئېتىشكە ئىلاجى!

قەيەردىسەن بەڭباشلىقتا ئۆتكەن دەم،

ساددا ئىستەك سۈكۈناتى دىللارنىڭ؟

قېنى ئىلھام قىزغىنلىقنىڭ كۆز يېشى،

قايتىپ كەلسۇن باھار پەسلى يىللارنىڭ!


جىمجىت تۈننىڭ مەيىن شامىلى


جىمجىت تۈننىڭ مەيىن شامىلى،

دولقۇن ياساپ ئاقار شىددەتتە.

چاپ شاۋقۇنلا

گىېۋادۇر دەرياسى رەسىم ئىچىدە!

ئالتۇنرەڭ ئاي بالقىدى لەرزان،

ئاڭلا، بىرسى چالماقتا گىتار.

ئەي نەۋقىران ئىسپان گۈزىلى،

چىق ئايۋانغا، بولۇپ گۈل-ئىپار!

جىمجىت تۈننىڭ مەيىن شامىلى،

دولقۇن ياسار گويا شىددەتتە.

چاپ! شاۋقۇنلا

گېۋادۇر دەرياسى رەسىم ئىچىدە.

پارلاق كۈندەك بالقىسۇن چېھرىڭ،

ئاچ رومالنى ئۇماق پەرىشتە.

رىشاتكىنىڭ سىرتىغا چىقار،

گۈزەل، نازۇك قەددىڭنى يەنە!

جىمجىت تۈننىڭ مەيىن شامىلى،

دولقۇن ياساپ ئاقار شىددەتتە.

چاپ! شاۋقۇنلا

گېۋادۇر دەرياسى رەسىم ئىچىدە!


(تەرجىمە قىلغۇچى: باتۇر روزى)


كۆك يۈزىدە غەمگە پاتقان ئاي


كۆك يۈزىدە غەمگە پاتقان ئاي،

ئۇچراپ قالدى خۇشال شەپەقكە.

بىرى كۆيگەن ئوت، بىرى مۇز - سوغۇق،

شەپەق ئوخشار كۈلگۈنچەك قىزغا،

ئاي ئوخشايدۇ خۇنۇك ئۆلۈككە.

كۆرگەن چېغىم سېنى ئېلۋىنا،

مەنمۇ شۇنداق ئوخشاش سىياقتا.


(مۇھەممەد چاۋار تەرجىمىسى)


پۇشكىن ھەققىدە: ﯪﻟﯧﻜﺴﺎﻧﺪﯨﺮ ﺳﯧﺮﮔﯩﻴﯩﯟﯨﭻ ﭘﯘﺷﻜﯩﻦ (1799-1837)ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﯰﻟﯘﻍ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ. «ﺭﯗﺱ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺎﺷﻰ»، ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﯪﺳﺎﺳﭽﯩﺴﻰ، ﺭﯗﺱ ﯬﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﭼﯩﺴﻰ. ﯰ 1799- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻮﺳﻜﻮﺍﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﻮﻣﯩﺸﭽﯩﻚ ﯪﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. 1811- ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯧﺘﯩﺮﺑﯘﺭﮔﺘﯩﻜﻰ ﯪﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﯴﭼﯜﻥ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﻪﻧﺖ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﯮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ھەﻡ ﯬﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. 1831- ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯘﺷﻜﯩﻦ ﮔوﻧﭽﺎﺭﻭﯞﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﭘﯧﺘﯩﺮﺑﯘﺭﮔﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺩﯦﭙﻠﯘﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. 1834- ﻳﯩﻠﻰ ﻓﯩﺮﺍنسىيەلىك ﺑﺎﺭﻭﻥ ﺩﺍﻧﺘﺲ ﭘﯧﺘﯩﺮﺑﯘﺭﮔﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﭼﺎﺭﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﮔﯟﺍﺭﺩﯨﻴﻪ ﯪﺭمىيەسىنىڭ ﯪﺗﻠﯩﻖ ﭘﻮﻟﻜﯩﺪﺍ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﯲﺗﻪﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﭘﯘﺷﻜﯩﻨﻨﯩﯔ ﯪﻳﺎﻟﻰ ﮔوﻧﭽﺎﺭﻭﯞﺍﻧﻰ ﻗﻮﻏﻼﺷﻘﺎﻥ. 1837- ﻳﯩﻠﻰ 2- ﯪﻳﻨﯩﯔ 2-ﻛﯜﻧﻰ ﭘﯘﺷﻜﯩﻦ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ - ﯪﺑﺮﻭﻳﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﯴﭼﯜﻥ ﺩﺍﻧﺘﯩﺲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﺋﯧﻠﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ، ﭘﯘﺷﻜﯩﻦ ﺩﯗﺋﯧﻠﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯪﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﯲﺗﻜﻪﻥ. ﭘﯘﺷﻜﯩﻦ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ ھﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ 800 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﯪﺭﺗﯘﻕ ﺷﯧﺌﯩﺮ، 10 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ، ﺭﻭﻣﺎﻥ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺭﻭﻣﺎﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ.