پۇقرالارنىڭ بەخىت تۇيغۇسى كۆرسەتكۇچى
مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس
ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ. |
پۇقرالارنىڭ بەخىت تۇيغۇسى كۆرسەتكۇچى GNHGross National Happiness
كىشلەرنىڭ ئۆزى تېنىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىغا نىسبەتەن بەھرىمان بولۇش ۋە بەھىرلىنىش ھېس تۇيغۇسى بولۇپ، كىشلەرنىڭ بەخىت تۇيغۇسىدىكى بىر خىل كۆرسەتكۈچنى كۆرسىتىدۇ، . . ئوخشىمىغان كىشلەرنىڭ بەخىت تۇيغۇسىنى چۈشىنىشى ئوخشىمايدۇ ، مەسلەن :بەزى شەھەرلىكلەر : بەخىت بولسا يۇقىرى مائاش ، تاۋار ئولتۇراق ئۆيگە ئىگە بولۇشنى بەخت دەپ قارىسا ، بەزىلەر : بىر شىركەت قۇرۇپ چىقىش ۋە ئۆز ماركىسىنى يارىتىشنى بەخىت دەپ قارايدۇ . بەخىت تۇيغۇسى بولسا ، قانائەتلىنىش ، خوشاللىق ، قىممەت قاراشنىڭ ئورگانىك بىرىكمىسىدۇر.
بەخىت تۇيغۇسى كۆرسەتكۈچىنى ئەڭ دەسلەپ جەنۇبىي ئاسىيادىكى بۇتاننىڭ پادىشاھى ئوتتۇرغا قويغان . ئۇ مۇنداق دەپ قارىغان ، سىياسەت بەخىتكە كۆڭۈل بۆلۈشى كىرەك ، بەخىتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى مەقسەت قىلىش كىرەك ، قانداق قىلغاندا كىشلەردىكى ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇش تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. مۇشۇ كۆز قاراش ئاساسىدا ، ھۆكۈمەت سىياسەتنى ياخشىلاش ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ، مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، مۇھىت قوغداش تۆتىنىڭ بىرلىشىشىدىن پۇقرالارنىڭ بەخىت تۇيغۇسى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆلچىمى قىلغان .
كىشلەرنىڭ بەخىت تۇيغۇسىغا نىمىلەر تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟
كىشلەرنىڭ ئوبىيكىتىپ بەخىت تۇيغۇسىنى ئۆلچەش 20 ئەسىرنىڭ 60 يىللىرى ، كىچىككەندىمۇ 80 يىللارغىچە بولغان مەزگىللەردە پىسخولوگلارنىڭ تەتقىقات تېمىسىغا ئايلانغان.
كىشلەرنىڭ بەخىت تۇيغۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار :
ئىقتىسادى ئامىل : ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ، كىرىم -چىقىم ئەھۋالى ،
جەمئىيەت ئامىلى : تەربىيەلىنىش دەرىجىسى ، نىكاھلىنىش سۈپىتى ،
نوپۇس ئامىلى : جىنىس پەرقى ، ياش پەرقى ،
مەدەنىيەت ئامىلى : قىممەت قارىشى ، ئەنئەنە ، ئۆرپ ئادەت قارىشى ،
پىسخىك ئامىل : مىللىي خاراكتىرى ، ئۆزلۈك ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەش دەرىجىسى ، تۇرمۇش پوزىتسىيەسى ، شەخسىي ئالاھىدىلىك ، مۇۋاپىقىيەت ھەركەتلەندۈرگۈچى
سىياسىي ئامىل : دىموكراتىيە ھوقۇقى ، گۇرۇپپا ، ئىتتىپاقلارغا قاتنىشىش پۇرسىتى ،
ئوبىيكىتىپ بەخىتنى چۈشىنىش ۋە ئانالىز قىلىشتىكى ئوخشىماسلىققا ئاساسەن : تونۇش ۋە كەيپىيات ، ھېس تۇيغۇ ،
يەككىلىك ۋە كوللىكتىپلىق
ۋىرتىكال ۋە گورزىنتال
زامان ۋە ماكان
پۇقرالار بەخىت تۇيغۇسى كۆرسەتكۈچىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى
1. پۇقرالار بەخىت تۇيغۇسى كۆرسەتكۈچى = ( كىرىم چىقىم ئەھۋالىنى بۆلىمىز Gini Coefficient جىنى كوئىفىنسىنتىغا ) كۆپەيتىمىز ئىشسىزلىق نىسبىتى ، يەنە كۆپەيتىمىز Inflation Rate (پۇل پاخاللىقى)
Gini Coefficient جىنى كوئىفىنسىنتى بولسا ، كىرىمنىڭ باراۋەر تەقسىملىنىشتىكى پەرقىنى كۆرسىتىدۇ . ئەڭ چوڭ قىممىتى 1 ، ئەڭ كىچىك قىممىتى 0 . Inflation Rate ( پۇل پاخاللىقى ) تارقىتىلغان پۇلنىڭ ئوبورت قىلىشتا ئەمەلىي ئېھتىياجلىق پۇلدىن ئېشىپ كىتىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ .
2. پۇقرالار بەخىت تۇيغۇسى كۆرسەتكۈچى = ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى * ئا % + جەمئىيەت ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى *ب% + جەمئىيەت پاراۋانلىق كۆرسەتكۈچى *س % + جەمىيەت مەدەنىيەت كۆرسەتكۈچى *د% + ئىكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرسەتكۈچى *س%
ئا% ، ب% ، س % ، د % س% لەر بولسا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ، جەمئىيەت ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ، جەمئىيەت پاراۋانلىق كۆرسەتكۈچى ....نىڭ GDP ئىچىدە ئىگەللىگەن نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ .[1]