Jump to content

پېتىر مانتا

ئورنى Wikipedia

پېتىر مانتا بولسا  ئاق ئۇن، قارىمۇچ، لوق قوي گۆشى ، ئىلمان سۇ، پىياز ، تۇز قاتارلىقلاردىن تەييارلىنىىغان بۇلۇپ تەمى ئۆزگىچە .

مانتا

خام ماتېرىياللار

[تەھرىر]

ئاق ئۇن 500 گرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، لوق قوي گۆشى بىر كىلوگرام، ئىلمان سۇ 250 گرام، پىياز بىر كىلوگرام، تۇز(سۇيۇق) مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى

[تەھرىر]

1. قوينىڭ لوق گۆشىنى قوناقتەك ئۇششاق توغراپ، ئىلمان سۇ قۇيۇپ، سۇيۇلدۇرۇپ(سۇنىڭ نىسبىتى 1/3 بولسا مۇۋاپىق) ، ئاندىن نېپىز يالپاقلاپ، پىياز، تۇز، سوقۇلغان قارىمۇچنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. چىڭ، پېتىر خېمىر يۇغۇرۇپ، ياخشى ئىشلەپ، 40 دانە زوۋۇلىنى ئۈزۈپ، چۆرىسى بەك نېپىز، ئوتتۇرىسى سەل قېلىنراق جىلىت ئېچىپ، قىيما سېلىپ تۈگۈپ، جىمبىلنى ياغلاپ، مانتىنى تىزىپ قاسقانغا قويۇپ، تېز ئوتتا پىشۇرۇلىدۇ. پاقلان گۆشى بولسا 15 مىنۇتتا، چوڭراق قوينىڭ گۆشى بولسا 20-15 مىنۇتتا پىشىدۇ. ئەگەر يۇقىرى بېسىملىق قازان (گاۋياگو) غا سېلىنسا، 5-6 مىنۇتتا پىشىدۇ. مانتىنى قاسقاندا ئۇزاق تۇرغۇزسا بولمايدۇ.

پىشقان مانتا لېگەن ياكى نانغا ئېلىنىپ، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. ھەربىر كىشىگە تەخسە بېرىلىدۇ.