پەرزەنتلەر بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار

ئورنى Wikipedia

ئەليۈكسەل

2016-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى

مەن يېقىندا تورلارغا چىقارغان بىر پارچە ماقالىدە دادىلار بىلىشكە تېگىشلىك بىر قىسىم مۇھىم ئىشلارنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە بىر پارچە ماقالىدە بولسا ئاتا-ئانا ۋە ئەر-خوتۇنلار بىلىشكە تېگىشلىك بىر قىسىم مۇھىم ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. مەزكۇر ماقالە ئاشۇ ماقالىلەرنىڭ داۋامى بولۇپ، بۇنىڭدا پەرزەنتلەر بىلىشكە تېگىشلىك بەزى مۇھىم ئىشلارنى بايان قىلىمەن. ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، مېنىڭ بايان قىلىدىغىنىم مۇھىم ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەس. پەقەت ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم ئۆزۈم تاللىغان بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت. خۇددى بۇرۇنقى ماقالىلەرگە ئوخشاشلا، مەن تونۇشتۇرىدىغان مەزمۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى دۇنيادا تونۇلغان كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ لېكسىيەلىرى ياكى ماقالىلىرىدىن ئېلىنغان. ئازراق قىسىملىرى بولسا ئۆزۈمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋە ئۆزۈم ھېس قىلغان ئىشلار.

    1. ئاتا-ئانىڭىز بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇڭ

بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئانچە ياخشى ئەمەس. ئۇنداق بولۇشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، بەزى ياشلار ھەر قېتىم دادىسى بىلەن پاراڭلاشماقچى بولۇپ سۆز باشلىسا، ئۇنىڭ سۆزى بىر-ئىككى مىنۇت داۋام قىلمايلا دادىسى ئۇنى تەنقىدلەشكە باشلايدۇ. سىز ھەر قېتىم دادىڭىز بىلەن پاراڭلاشماقچى بولغاندا، دادىڭىزنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي سىزنى ئەيىبلەپ كېتىشى، ۋە ئاپىڭىز بىلەن پاراڭلاشماقچى بولغاندا، ئۇ خۇددى بىر مۇنچە ئاچچىقىنى يىغىپ، ئۇنى سىزدىن ئالماقچى بولغاندەك سۆزلەپلا كېتىشىدىكى سەۋەب، سىزنىڭ ئادەتتە ئۇلارغا ئۆزىڭىز بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتىنى ئانچە بەرمىگەنلىكىڭىزدۇر. ئالدىنقى ماقالىلەردە چۈشەندۈرۈپ ئۆتكىنىمدەك، بالا كىچىك ۋاقتىدا داۋاملىق تۈردە ئاتا-ئانىسىغا گەپ قىلىشقا ئىنتىلىدۇ. بالا چوڭ بولغاندا بولسا، ئاتا-ئانىلار داۋاملىق تۈردە بالىسىغا گەپ قىلىش، بالىسى بىلەن پاراڭلىشىشقا ئىنتىلىدۇ. ئاتا-ئانىلار سىزنىڭ دىققەت بېرىشىڭىزنى ئىستەيدۇ. ئەمما، سىز ھەر خىل ئىشلار بىلەن ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ، ئۇلارغا ھېچ قانداق پاراڭلىشىش پۇرسىتى بەرمەيسىز. سىز ئۇلارغا ۋاقىت بەرمىگەندە، ئۇلار دەسلىپىدە سىزنى سېغىنىدۇ، سىزدىن ھەسرەتلىنىدۇ. ئەمما ئۇلاردىكى سېغىنىش ۋە ھەسرەتلىنىش تۇيغۇسى ئاستا-ئاستا سىزدىن ئاغرىنىش تۇيغۇسىغا ئۆزگىرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلاردىكى ئاغرىنىش ھېسسىياتى يىغىلىپ ۋە كۈچىيىپ ماڭىدۇ. ھەمدە خېلى كۆپ ۋاقىتلاردا سىزگە گەپ قىلىش پۇرسىتى بولغاندا سىزگە نېمە دەيدىغانلىقىنى كۆڭۈل دەپتىرىگە يېزىپ تۇرىدۇ. ئاشۇنداق بىر ۋاقىتتا ئۇلار سىزنى ئۇچرىتىپ، سىزنىڭ ئۆزلىرىگە يەنە ئانچە پەرۋا قىلمايۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرگەندە، ئۇلار پارتلايدۇ. «سەن ھازىر قانداق بولۇپ كەتتىڭ بىلەمسەن؟ سەن ماۋۇ ئىشنى قىلمىدىڭ، ئاۋۇ ئىشنى قىلمىدىڭ، يەنە بىر ئىشنى خاتا قىلدىڭ، يەنە بىر ئىشنى كەم قىلدىڭ»، دەپ، كۆڭلىگە يىغىلىپ كەتكەن گەپلىرىنى بىراقلا تۆكۈشكە باشلايدۇ. سىز «بۇ گەپ نەدىن كەلدى؟ سىز بۇ گەپلەرنى يادلاپ تۇرغانمۇ؟ بۇ ھەرگىزمۇ كاللىڭىزدا ھازىرلا پەيدا بولغان گەپ ئەمەس!» دەيسىز. دېگىنىڭىز راست: ئاتا-ئانىڭىز ھېلىقى گەپلەرنى كاللىسىدا تەييارلاپ قويغان.

بۇ ئىشتا ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى خۇددى بىر توختىماي يەل قاچىلىنىپ تۇرىدىغان شارغا ئوخشايدۇ. يەل قاچىلىنىۋېرىپ، ئارىلاپ-ئارىلاپ يەلنى ئازراقتىن چىقىرىۋېتىدىغان پۇرسەت بولمايدىكەن، ئۇ شار ئاخىرى پارتلاپ، يېرىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، ئەگەر سىز ئۆيدىن ئايرىلىپ چىقىپ بولغان بولسىڭىز، ھەر كۈنى ئاتا-ئانىڭىزغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلار بىلەن 5 – 10 مىنۇت سۆزلىشىپ تۇرۇش. ئۇلار سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى كونترول قىلىپ تۇرمايدۇ. سىز پەقەت ئۇلارغا تېلېفون قىلىپ، ئاتا-ئانىڭىزدىن قىسقىچە ھال-ئەھۋال سورايسىز. ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلىرى قانداقراق كېتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئازراق پاراڭ سېلىپ بېرىسىز. شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىڭىز ھەر كۈنى سىزنى سېغىنىش ئىستىكىنى بىر ئاز قاندۇرۇپ، بەزى ئىشلاردا سىزدىن ئازراق ئاچچىقىنى چىقىرىپ، قورسىقىنى سەل بوشىتىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىكى سىزگە بولغان قورساق كۆپىكى ھەرگىزمۇ بىر پارتلاش دەرىجىسىگە بارمايدۇ. بۇنداق پاراڭلار جەريانىدا ئاتا-ئانىڭىز بەزى ئىشلار ھەققىدە ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى بايان قىلىشى، سىزگە تەكلىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن. سىز ئۈچۈن ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىش شەرت ئەمەس. بىر قىسىم گەپلەرنى پەقەت ئاڭلاپلا ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىلاردىن كەلگەن مۇھىم نەسىھەت، تەۋسىيە ۋە تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىش بىر خىل ئاقىلانە ئىش قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى مىڭ قىلمىغان بىلەن ئاتا-ئانىلار سىزگە قارىغاندا كۆپ تەجرىبىلىك. سىزگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ بېشىدىن كۆپ ئىشلار ئۆتكەن. ئۇلاردا سىزگە قارىتا چەكسىز ۋە شەرتسىز مۇھەببەت بار بولغاچقا، ئۇلار ھەرگىزمۇ بىلىپ تۇرۇپ سىزنى خاتا يولغا باشلىمايدۇ.

ئاتا-ئانىڭىز سىزگە گەپ قىلغاندا، بەزىدە ئۇلارنى ئاڭلاپ قويسىڭىزلا كۇپايە قىلىدۇ. ئەمما ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ دېگىنى ھېچ نېمىگە ئەرزىمەيدىغاندەك بىر خىل پوزىتسىيىنى نامايان قىلماڭ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلارغا سىز ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرۇڭ. ئالدىنقى ماقالىدىمۇ تىلغا ئالغىنىمدەك، ئاتا-ئانىلارنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇڭ، ھەمدە ئۇلارغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ.

«ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن (17:23).» دىنىمىزدىكى ئۇقۇملار بويىچە قارىغاندا، ئۆز ئاتا-ئانىسى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى قىلماسلىق دوزاخقا كىرىشنىڭ ئەڭ ئاسان يولى. شۇڭلاشقا دوزاخقا كىرىشنى خالىمىسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ھەرگىز سەل قارىماڭ. ئاتا-ئانىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوقۇم ياخشى قىلىڭ. ھەرگىز «مەن دادام بىلەن سۆزلىشىپ باقمىغىلى بىر قانچە ئاي بولدى»، دېگەندەك ئىشلارنى قىلماڭ.

2.ئاتا-ئانىڭىزغا ئىش قىلىپ بېرىپ تۇرۇڭ

بۇلاردىن باشقا، سىزگە بېرىدىغان يەنە بىر مۇھىم تەكلىپمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ ئاتا-ئانىڭىزغا بىر قىسىم ئىشلارنى قىلىپ بېرىڭ. ئەگەر سىز بىر دىندار كىشى بولۇپ، دىنىڭىز قانچە كۈچەيگەنسېرى سىز بىلەن ئاتا-ئانىڭىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت شۇنچە يىراقلىشىدىكەن، سىز بىلەن ئاتا-ئانىڭىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت شۇنچە يىرىكلىشىدىكەن، ئۇ ھالدا ئاتا-ئانىڭىز بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى سىزدىن كۆرمەي، دىندىن كۆرىدۇ. شۇڭا ئانىلار بايرىمىدا ئۆز مەيلىڭىز بىلەن ئاپىڭىزغا گۈل ياكى باشقا بىرەر نەرسە ئېلىپ سوۋغا قىلىڭ. دادىلار بايرىمىدا دادىڭىزغىمۇ ئاددىي ياكى كىچىك بولسىمۇ بىرەر خاتىرە بۇيۇمى ئېلىپ سوۋغا قىلىڭ. پۇرسەت تېپىپ ياكى پۇرسەت يارىتىپ ئاتا-ئانىڭىزغا بىر قىسىم ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ بېرىڭ. ئاتا-ئانىڭىز سىزنىڭ دىندارلىقىڭىز سىزنى بارغانسېرى ياخشىراق بىر ئادەمگە ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسۇن. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا، سىزنىڭ دىندارلىقىڭىز قانچىلىك كۈچەيگەنسېرى سىز ئاتا-ئانىڭىز بىلەن شۇنچە بەك قارشىلىشىسىز. ئاتا-ئانىڭىز بىلەن شۇنچە بەك گەپ تالىشىسىز. بۇنداق ئەھۋالدا ئاتا-ئانىڭىز گۇناھنى سىزدىن كۆرمەي، دىندىن كۆرىدۇ. ھەمدە سىز ئاتا-ئانىڭىز ياكى قېرىنداشلىرىڭىزغا دەۋەت بەرمەكچى بولغاندا، ئۇلار «مېنىڭ ھەرگىزمۇ سەندەك ئادەم بولغۇم يوق. سەن ھازىر داۋاملىق ئوساللىق قىلىسەن. داۋاملىق رەزىللىك قىلىسەن» دەيدۇ. شۇڭلاشقا سىزنىڭ ئۆز ئىش-ھەرىكىتىڭىزنى ئائىلىڭىزگە ماس كېلىدىغان، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە كۆيۈنىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش مەسئۇلىيىتىڭىز بار. بۇ ئىش ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساغلاملاشتۇرۇشتا تولىمۇ مۇھىم.

بىز ئۈچۈن ئاتا-ئانىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز ناھايىتىمۇ مۇھىم. سىز ئادەتتە ئۇلار بىلەن قانچىلىك چىقىشالماڭ، ئادەتتە ئۇلارنى قانچىلىك ئۆچ كۆرۈڭ، ئەگەر سىزنىڭ بىر قېرىندىشىڭىز بىر ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ، دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كىرىپ قالغان بولسا، سىز يەنىلا قولىڭىزدىكى ھەممە ئىشنى تاشلاپ، دوختۇرخانىغا بارىسىز. قانداشلىق مۇناسىۋەت دېگەن ئەنە شۇنداق بولىدۇ. ياراتقۇچىمىز تەرىپىدىن قانداشلىق مۇناسىۋەت ئەنە شۇنداق لايىھىلەنگەن. شۇڭلاشقا بىز ھەر ۋاقىت ئائىلىمىزدىكىلەرنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىمىز، ئۇلارنى قەدىرلىشىمىز، ئۇلارغا ھەر ۋاقىت ياردەمدە بولۇشىمىز كېرەك.

    3. بىكارچى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ

يېقىنقى 10 – 20 يىلدەك ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش، يولدىن چىقىپ كېتىش، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتەك ناچار ئەھۋاللار ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە يۈز بەردى. ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىشسىزلىق، ۋە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بىكارچىلىق. مەن 2005-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كوچىلىرىدا توپ-توپ يۈرگەن ئىشسىز، بىكارچى ياشلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم. ئىنتايىن ئېچىندىم. ھەمدە ئۇلارغا ئىنتايىن چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلدىم. ياش-ئۆسمۈرلەر بىكارچى بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى خاتا يولغا كىرىپ كېتىدۇ. بۇ يۈز بېرىش-بەرمەسلىك مەسىلىسى ئەمەس، پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى. شۇڭلاشقا غەرب ئەللىرىدىكى ئاتا-ئانىلار باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلىرىنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرى بىكارچى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۆز قىزىقىشىغا ئاساسەن ھەر خىل ئىسپورتلارغا بېرىدۇ. شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئۆزلىرى ماشىنا ھەيدەپ، بالىلىرى توپ ئوينايدىغان ياكى باشقا ئىسپورت قىلىدىغان يەرلەرگە ئاپىرىپ، ئويۇن-مۇسابىقىلەر تۈگەپ بولغۇچە بالىلىرىنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا كۈچ قوشۇپ بېرىپ، ئاندىن ئۆيىگە ياندۇرۇپ كېلىدۇ. بالىلىرىنى ئۆز كۆزىدىن زادىلا ئايرىمايدۇ. بالىلار سەل چوڭ بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا بولسا، تەتىل ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى ھەر خىل خىزمەتلەرنى تېپىپ ئىشلەيدۇ، ياكى بولمىسا بىرەر دوختۇرخانىدەك يەرلەردە خالىسانە ئىشلەپ، خىزمەت تەجرىبىسى توپلايدۇ. ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرمۇ يېڭىدىن ئوقۇشقا كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن «كەم دېگەندە 60 سائەت خالىسانە خىزمەت قىلغان بولۇش» دېگەننى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشنىڭ بىر شەرتى قىلىدۇ.

ئەمدى بۇلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرساق، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ نەقەدەر پايدىسىز ئورۇندا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياشلارغىمۇ خىزمەت يوق، ئۇلار خېلى چوڭ بولغۇچە بىكارچى بولۇپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر ئۆيدە ياشاشقا مەجبۇرى بولدى. بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھازىر قانچىلىك ياخشىلانغانلىقىنى مەن ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن. مېنىڭچە ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك ناچار ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشى تەربىيە قىلمىغانلىقى مەلۇم دەرىجىدە رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئاساسلىقى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شارائىتى سەۋەبچى بولغان. يەنى، ياشلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىشسىز ۋە بىكارچى ھالەتتە ياشاشقا مەجبۇرلىنىشى سەۋەب بولغان.

ئەمما بىز شارائىتتىن ئاغرىنىپ، ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتسەك، زىياننى يەنىلا ئۆزىمىز تارتىمىز. بىزنىڭ ھېچ قانداق چارە قوللانماي، باھانە ئىزدەپ، ئاغرىنىپ ۋە چۈشكۈنلىشىپ ياشىشىمىز بىلەن بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز ياخشى تەرەپكە ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. شۇڭلاشقا مەن ھەر بىر ياشلاردىن ئاتا-ئانىلار يارىتىپ بەرگەن پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ئاتا-ئانىلار يارىتىپ بەرگەن پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىمكانىيىتى بار بولسىلا بىكارچىلاردىن بولۇپ ياشىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاتا-ئانىلارنىڭ ياردەم قىلىش ئىمكانىيىتى يوق ئەھۋالدىمۇ، بوش ۋاقىتنى خالىسانە خىزمەت قىلىش ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردا «ياشلىقىڭدا ئوينىۋال» دېگەن مەزمۇندىكى ناخشىلار خېلى كۆپ، ئەمما «ياشلىقىڭدا ئۆگىنىۋال» ياكى «ياشلىقىڭدا ئوقۇۋال» دېگەن مەزمۇندىكى ناخشىلار ئانچە يوق. ئاقىلانە ئىش قىلىدىغان ياشلار چوقۇم «ياشلىقىڭدا ئوينىۋال» دېگەننى «ياشلىقىڭدا ئوقۇۋال» دەپ چۈشىنىشى كېرەك. چۈنكى، ئادەم ياشلىق دەۋرىدە ئىگىلىگەن بىلىمى ئۇنىڭ كېيىنكى پۈتۈن ئۆمرىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇنىڭ ھايات تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. ياشلىق دەۋرىدە ئويناپ، ئۆز يېشىغا خاس بىر قىسىم گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما ئويۇن بىلەن ئۆگىنىش ياكى ئويۇن بىلەن ئوقۇش ئوتتۇرىسىدا بىر تەڭپۇڭلۇق بولۇشى كېرەك. ئويۇننى بىلىم ئىگىلەشتىن بەكرەك تەكىتلەيدىغان ھەر قانداق بىر خەلق چوقۇم دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان ئەللەر خەلقلىرىدىن كۆپ ئارقىدا قالىدۇ. ۋاقىت ئىنتايىن قىممەتلىك. مەن بىر ئۆمۈر ۋاقىتنى يېتىشتۈرەلمەي ياشىدىم. مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياشلاردىن پايدىسىز شارائىتتىمۇ ۋاقىتنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىپ، كۈنىنى ئۆگىنىش ۋە خالىسانە ئىشلەشتەك ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ئالدىراش ئۆتكۈزۈپ، خاتا يولغا كىرىپ قېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شارائىتقا نارازى بولۇپ، شارائىتتىن ئاغرىنىپ، چۈشكۈنلىشىپ، يولدىن چىقىپ، ئاخىرى ئۆز ئۆمرىنى بالدۇر ئاخىرلاشتۇرۇش يولىنى تاللىغان ياشلارمۇ بار. ئۇنداقلاردىن بىر قانچىسىنى مەن بۇرۇن ئوقۇۋاتقاندا ئۆزۈم بىۋاسىتە ئۇچراتقان. يېقىندىمۇ بەزىلىرىنى ئۇچراتتىم. ھەمدە ئاشۇنداق ئەھۋالدىن ھەپتىلەپ ئازابلاندىم. ياراتقۇچىمىزنى ۋە ئاتا-ئانىمىزنى رازى قىلىش ئۈچۈن، بىز ھەممىمىز شەرەپلىك ياشاپ، شەرەپلىك ئۆلۈش يولىنى تاللايلى.

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى