پەرھات مۇھەممەد

ئورنى Wikipedia
پەرھات مۇھەممەد

Perhat Muhammet

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى
ۋەزىپىدە
ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 2017-يىلى 12-نويابىر
رەئىس دولقۇن ئەيسا
شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1964-يىلى 7-مارت (57ياش)

لوپ ناھىيىسى، خوتەن ۋىلايىتى

مىللىتى ئۇيغۇر
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
تۇرار جايى ميۇنخېن، گېرمانىيە
ئانا مەكتىپى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى
كەسپى ئۇيغۇر سىياسەتچى، ئىنقىلاپچى
ۋەزىپىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى[1]
تور بەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

پەرھات مۇھەممەد (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Perhat Muhammet، تۇغۇلغان 1964-يىل 7-مارت ) بولسا شەرقىي تۈركىستانلىق ئىنقىلاپچى ۋە ئۇيغۇر سىياسەتچى. 1992-يىلى 12-ئايدا چەتئەلگە ھىجرەت قىلغاندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق داۋا يولىدا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلغان. 1996-يىلى قۇرۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى، 1999-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى ۋە 2004-يىلى قۇرۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئەڭ ئاساسلىق قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ بىرى بولغان ۋە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسىدە تەشۋىقات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ۋەزىپە ئالغان. 2016-يىلى ۋە 2017-يىلى چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلانغان بولۇپ، ھازىرمۇ شۇ ۋەزىپىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

بالىلىقى ۋە ئوقۇش ھاياتى[تەھرىرلەش]

پەرھات مۇھەممەد 1964-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1981-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نىڭ تىل-ئەدەبىيات ڧاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان بولۇپ 1985-يىلى ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان.

خىزمەت ھاياتى[تەھرىرلەش]

پەرھات مۇھەممەد ئەپەندىم 1985-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ ئاتالمىش شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان ۋە 1992-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇخبىر، تەھرىر ۋە تەرجىمان بولۇپ خىزمەت قىلغان. پەرھات ئەپەندىم ئۆزى بىر يازغۇچى، 1982-يىلىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 200 پارچىگە يېقىن ھېكايە پوۋىست ئېلان قىلغان، 1988-يىلى قەشقەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ھىكايىلەر ۋە پوۋىستلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان. 1989-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن<بايلىق ياراتقۇچىلار> ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.

1988-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئاز-سانلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ قوبۇل قىلىنغان. بىر مەزگىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخباراتچىلىق ڧاكۇلتېتىدا مۇخبىرلىق ئەمەلىيىتى ھەققىدە دەرس بەرگەن ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ باكلاۋۇرلۇق دېسسىرتاتسىيەسىنىڭ ھازىرلىنىشىغا كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغان. ئۆز ۋاقتىدا پەرھات مۇھەممەت يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك پوۋېست ئېلان قىلغان يازغۇچى دەپ تونۇلغان، شۇ ۋاقىتلاردا پەرھات ئەپەندىم ئوخشاشلا يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئەزالىرىدىن بىرى ئىدى.

سىياسىي ھاياتى[تەھرىرلەش]

ئوقۇش، خىزمەت ھاياتىدا خىتايلارنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئايرىمىچىلىق سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى پەرھات مۇھەممەد ئەپەندىمنىڭ ھاياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ، دۈشمەننىڭ قارا نىيىتىنى تونۇپ يەتكەن پەرھات مۇھەممەت ئەپەندىم 1992-يىلى 12-ئايدا چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ چىققان ۋە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپلا ئازاتلىق دەۋا يولىدا ئۈن-تىنسىز كۆرەش قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ 1999-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىختىيارى مۇخپىرى ۋە ئوبزورچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان. 1996-يىلى قۇرۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى، 1999-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى ۋە 2004-يىلى قۇرۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئەڭ ئاساسلىق قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ بىرى بولغان ۋە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسىدە تەشۋىقات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ۋەزىپە ئالغان. 2016-يىلى ۋە 2017-يىلى چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلانغان بولۇپ، ھازىرمۇ شۇ ۋەزىپىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. "د ئۇ ق نۆۋەتتىكى رەھبەرلىك ھەيئىتى(2017-يىلىدىن 11-ئايدىن بېرى)". Archived from the original on 2018-05-07. Retrieved 2018-05-02.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى