چارباغ يېزىسى (لوپ ناھىيىسى)

ئورنى Wikipedia
چارباغ يېزىسى

恰尔巴格乡.Charbagh town

لوپ ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە لوپ ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 37 دانە
نوپۇس 42 مىڭ
يەر مەيدانى 288 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت لوپ ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

چارباغ يېزىسى لوپ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي قىسىمدىكى 9 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، غەربىي بۇيا يېزىسى ئىمام قاراسۇ ئۆستىڭى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شەرقىي چوڭ ئۆستىڭى ئارقىلىق راخمانپۇر پاسىلى لوپ بازىرى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي ۋات يېزىسى، شەرقىي شىمال ھاڭگىيا يېزىسى بىلەن قوشنا، بىر ئۇچى تەكلىماكان قۇملۇقى غا تۇتىشىدۇ.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

چارباغ يېزىسى 37 دانە كەنت ئاھالە كومىتېتى بار، ئۇلار :

  • ئۆستەڭ كەنتى،
  • چارباغ كەنتى،
  • جايتوغراق كەنتى،
  • چوڭ كۆلبېشى كەنتى،
  • ئايماق كەنتى،
  • ئويلا كەنتى،
  • باش سوغاققۇم كەنتى،
  • خەلپە ئېرىق كەنتى،
  • قوچاقئېرىق كەنتى،
  • بامى كەنتى، ئوقچى كەنتى،
  • باش قۇمئېرىق كەنتى،
  • يار كەنتى، تېتىر باغ كەنتى،
  • تايلاق كەنتى،
  • گىجا قاراقىر كەنتى،
  • دۆڭ مەھەللە كەنتى،
  • قۇملەڭگەر كەنتى،
  • ئارا مەھەللە كەنتى،
  • ھەرەمباغ كەنتى،
  • ئاياغ ساي كەنتى،
  • تېرىقئېرىق كەنتى،
  • كالۇئېرىق كەنتى،
  • ئىلدامئېرىق كەنتى،
  • باش گىجا كەنتى،
  • ئاياغ گىجا كەنتى،
  • ئايدىڭكۆل كەنت،
  • ئاخونئېرىق كەنتى،
  • كۆلئېرىق كەنتى،
  • تۆۋەن قۇمئېرىق كەنتى،
  • باش پىچەكچى كەنتى،
  • ئۆستەڭ ئۇچى كەنتى،
  • كۈكۈمەت كەنتى،
  • كۇچا ئېرىق كەنتى،
  • ئاتيايلاق ياقا كەنتى،
  • يېڭىئاۋات كەنتى،
  • سەيگۈلۈك كەنتى،
  • گۈلباغ كەنتى،
  • باغچى كەنتى،
  • مالىيەن يېڭى كەنتى قاتارلىقلار.

كىلىماتى[تەھرىرلەش]

ھاۋاسى نەم، قۇم-بوران كۆپ بولۇپ، تىپىك چوڭ قۇرۇقلۇق قۇملۇق كىلىماتىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.5، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃24.5، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃6، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 34.5 مىللىمېتىر، يىللاردىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە قىروسىز مەزگىلى 212 كۈن.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

قۇمساڭغۇ تۇپراقتىن 64178 مو تېرىلغۇ يەر بولۇپ، ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق،كېۋەز؛ ياغلىق دان، پىلە بېقىش ۋە ئۈجمە دەرىخى تىكىش، مېۋە-چېۋىلەر قۇشۇمچە تېرىلىدۇ. 2006-يىلى، يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 7925.78 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.3 ئاشقان، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىم مائاشى 1495 يۈەندىن بولغان، 2002-يىلدىكىدىن 171 يۈەن ئاشقان.