Jump to content

چارلىز چاپلىننىڭ ھاياتى ۋە ھىكمەتلىرى

ئورنى Wikipedia

چارلىز چاپلىننىڭ ھاياتى ۋە ھىكمەتلىرى


قىسقىچە تەرجىمىھال

چارلېز سپېنسېر چاپلىن — ئاكتيور، سىنارىست، رىژىسور ۋە ئىقتىسادشۇناس بولغان. ئۇ 1889-  يىلى 16- ئاپرىلدا لوندوندا سەنئەتكار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ئەسلى ئىنگلىزلارغا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئائىلىسىنىڭ يېمىرىلىپ كېتىشى سەۋەبلىك كىچىك چاپلىن ئانىسى ھاننا ھارېتنىڭ قولىدا قالىدۇ.

چاپلىننىڭ تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىققان ۋاقتى 1904- يىلى بولۇپ، بۇ چاغدا ئۇ 5 ياشقا كىرگەنىدى. ئانىسىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقى ۋە ماددىي قىيىنچىلىقلار سەۋەبلىك چاپلىن 12 يېشىدا مەكتەپتىن چېكىنىپ، ئىشلەش بىلەن پۇل تېپىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

چاپلىن 1912- يىلى ئامېرىكىغا بارىدۇ ۋە سېر ماك سېننېت مەسئۇللۇقىدىكى بىر نەچچە فىلىملاردا رول ئالىدۇ. 1919- يىلىغا كەلگەندە چاپلىن مېرى پىكفورد، دوگلاس فېربېنكسون ۋە داۋىد گرىففىتونلار بىلەن بىر ئۆزىنىڭ مەخسۇس كىنو سىتودىيەسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ «United artists»(بىرلەشكەن ئارتىسلار) دەپ نام قويىدۇ.

1952- يىلى ئامېرىكىدىن كېتىپ، شېۋىتسارىيەدە تۇرۇپ قالىدۇ. 1970- يىللار چارلىز چاپلىن ئىككى قېتىم ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭغا 1975- يىلى ئېلىزابىتII تەرپىدىن رېتسارلىق ئۇنۋانىمۇ بېرىلىدۇ.

چارلېز چاپلىن 1977- يىلى ۋاپات بولىدۇ.


ھاياتى ھەقىقەت

چاپلىن ئەڭ دەسلەپ 16 يېشىدا ئۆيلەنگەن. ئەمما تۇنجى ئايالىدىن تېزلا ئاجرىشىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن. جەمئىي 11 پەرزەنت يۈزى كۆرگەن.

ئائىلىۋىي قىيىنچىلىقلار سەۋەبلىك چارلېز چاپلىن ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئىشلەشكە باشلىغان. دەسلەپ كوچىدا گېزىت ساتىدۇ، تۈرلۈك ئويۇنچۇقلارنى ياسايدۇ، باسمىخانىدا ئىشلەيدۇ، مەلۇم مەزگىل ئىدىش ياساش زاۋۇتىدا ئىشچى بولىدۇ. ئەمما شۇنىڭغا قارىماي ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالى سەھنىدە ئىدى. ئۇ دەسلەپ كىچىك-كىچىك روللارنى ئالىدۇ ۋە بارغانسېرى تونۇلۇشقا باشلايدۇ. دەسلەپ، يەنى 1914- يىلى كېيستۇندا ھەپتىسىگە 150 دوللار مائاش ئالىدۇ. 1915- يىلى بۇ مائاش 1250 دوللارغا كۆپىيىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا توختاملىشىش ئارقىلىق 10 مىڭ دوللارغا ئېرىشىدۇ. 1916-1917- يىللىرى بولسا، 150 مىڭ دوللارلىق توختام تۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ھەپتىلىك مائاشى 10 مىڭ دوللار ئىدى. 1917- يىلى «First National» ستودىيەسى بىلەن 1 مىليون دوللارلىق توختام ئىمزالايدۇ. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ چاپلىن «تارىختىكى ئەڭ قىممەت ئاكتيۇر» دېگەن نامنى ئالىدۇ.

1927- يىلى ئاۋازلىق فىلىم بارلىققا كېلىدۇ. ئەمما چاپلىن يەنىلا ئۆز ئەنئەنىسىگە سادىق بولۇپ، ئاۋازسىز فىلىملەردە رول ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. سەۋەبى، بۇ چاغدا ئۇ ئاۋازسىز فىلىم شاھى سۈپىتىدە تونۇلۇپ كەتكەنىدى. ئۇ ئاۋازلىق فىمىلەر بارلىققا كېلىپ، ئون نەچچە يىل ئۆتكەندە، يەنى 1940- يىلى ئاندىن ئاۋازلىق فىلىمدە رول ئالىدۇ.


بۇ قىزىق

بىر كۈنى ئەنگلىيەدىكى كۆجۈم كوچىلاردىن بىرىدە چارلېز چاپلىننىڭ رول ئېلىش ماھارىتىنى دوراش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان چارلېز چاپلىننىڭ ئۆزىمۇ باشقا نام بىلەن بۇ ماسابىقىگە تېزىملىتىپ، قاتنىشىدۇ. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلاش بولىدۇ. قىزىق يېرى، چارلېز چاپلىننى دوراش بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقىدە چارلېز چاپلىننىڭ ئۆزى بىرىنچىلىككە ئەمەس، ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىدۇ.

ئالبېرت ئېينىشتىيىن چارلېز چاپلىن رول ئالغان كىنولارنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، چاپلىنغا ھۆرمىتى يۇقىرى ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ چاپلىنغا شۇنداق مەكتۇپ يازىدۇ: «سىزگە قايىلمەن، سەنئىتىڭىز ھەممىگە چۈشىنىشلىك، سىز كېلەچەكتە بۈيۈك ئادەم بولۇپ قالىسىز.— ئېينىشتىيىن.»

ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي جاۋاب خەت  كېلىدۇ: «مەن بولسام سىزگە قايتا-قايتا قايىل بولىمەن. سىزنىڭ نىسپىيلىك نەزىيەرىڭىزنى دۇنيادا ناھايىتى ئاز ئادەملەرلا چۈشىنىدۇ. لېكىن، يەنىلا سىز ئۇلۇغ ئادەمسىز.— چاپلىن.»


چاپلىن ھېكمەتلىرى

* كۆڭۈلسىز ئۆتكەن كۈن بىكار ئۆتكەن كۈنگە ئوخشايدۇ.

* مەغلۇبىيەت قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەس. چۈنكى، ئۇ شىجائەتنى چىللايدۇ.

* ئاۋام، خەلق نېمىنى خالايدىغانلىقىنى ئۆزلىرى بىلمەيدۇ. بۇنى مەن ئاممىۋىي تەجرىبەمدىن بىلىپ بولدۇم.

* مەن پەقەت قىزىقچى، ھەييار بولۇشۇم مۇمكىن، ئەمما ئۇ ماڭا بەزىبىر سىياسەتۋازلاردىنمۇ يۇقىرى بولغان مەرتىۋىنى ئاتا قىلدى.

* ئاغرىق ئۈچۈن ئەڭ ئوبدان مەنپەئەت قىلىدىغان دورا كۈلكىدۇر.

* ھايات ئوزاق داۋام قىلىدىغان قايغۇلۇق كۈنگە ئوخشايدۇ. ئەمما ئۇنىڭدا ئاز بولسىمۇ كۈلكىلىك سەھنىلەر مەۋجۇت.

* بىز ناھايىتى كۆپ ئويلايمىز-يۇ، ئىنتايىن ئاز چۈشىنىمىز.


چاپلىننىڭ قىزى جېرالدىنېغا يازغان خېتىدىن

كۆككە پەرۋاز قىل! لېكىن، يەرگە قايتىپ چۈشىدىغانلىقىڭنى ئۇنتۇما! سەن ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى، ئۇسۇلچىلارنىڭ كوچىلادا سوغۇقتىن توڭۇپ-تىترەپ يۈرگەنلىكىنى، ئاچ-يالىڭاچ قالغانلىقىنى كۆرۈشۈڭ كېرەك. مەن ئەنە شۇلارغا ئوخشايتتىم، قىزىم!

... سەن مېنى بىلمەيسەن، قىزىم. مەن ئىلگىرى ساڭا كۆپ چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بەرگەنمەن. ئەمما مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ھايات چۆچىكىم ھېچقاچان ئېيتىلغان ئەمەس. ئاڭلىساڭ ئاجايىپ قىزىق: بۇ چۆچەك لوندوننىڭ خارابىلىرىدا ئاچ -يالىڭاچ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، كىشىلەردىن پۇل تىلەپ يۈرگەن قىزىقچى، ھەييار ھەققىدە ئىدى... بۇ مېنىڭ ھېكايەم! مەن ئاچلىقنىڭ نېمىلىكىنى، يالاڭئاياغلىقنىڭ، باشپاناھسىزلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن. بۇنىڭدىن سىرت، مەن— خورلانغان سەرگەردان ھەييارنىڭ كۆكسىدە دېڭىز دولقۇنىدەك مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان غۇرۇر بولسا، ئاشۇ ئېتىلغان تەڭگىلەر پەيدا قىلغان ئاغرىقتىن پەيدا بولغان.

... سەنئەت ئىنسانغا قانات بېرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئۇچالىشى ئۈچۈن پۇتلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلايدۇ. ئەگەر بىر كۈنلەردە ئۆزۈڭنى تاماشىبىنلارغا قارىغاندا ئالاھىدىرەك ھېس قىلىشقا باشلىساڭ، سەھنىنى تەرك ئەت. ئۇچرىغان تاكسىنى توسۇپ، پارىژغا بېرىپ كەل. بۇنىڭ سەن ئۈچۈن ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇ يەردە ئۆزۈڭگە ئوخشاش، ھەتتا سەندىنمۇ لاتاپەتلىك، گۈزەل، ماھارەتلىك ئۇسسۇلچىلارنى كۆرىسەن. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تىياتىر چىراغلىرى ھەر دائىم ساڭا ھەمراھ بولۇپ يۈرەلمەيدۇ. ئاخىر، ئايمۇ ئۆزىنىڭ نۇرى بىلەن گۈزەل! قارا، دىققەت بىلەن قارا: ئۇلار سەندىن ناچار ئوينىشىۋېتىپتۇمۇ؟ تەن ئېلىشىڭ كېرەك قىزىم، سەندىن ياخشى ئۇسسۇل ئوينايدىغانلار ھەرۋاقت تېپىلىدۇ! ئەڭ مۇھىمى، ئۇنتۇمىغىنكى، چارلېزنىڭ ئائىلىسىدە بىئەدەپ سۆزلەر ئېغىزىدىن چىقىدىغان ياكى سېيىن دەرياسى بويىدا ئولتۇرغان تىلەمچىلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىدىغان قوپال ئادەم مەڭگۈل بولمايدۇ!...

مەن ئۆلۈپ كېتىمەن، لېكىن سەن ياشايسەن... مەن سېنىڭ نامراتلىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلىشىڭنى مەڭگۈ خالىمايمەن! بۇ مەكتۇپ بىلەن بىرگە ساڭا بىر چەكنى ئەۋەتتىم، خالىغىنىڭچە خەجلەۋەر. لېكىن، ئىككى فرانك سەرىپلىگەن چېغىڭدا ئۈچىنچى فرانكنىڭ سېنىڭ ئەمەسلىكىنى ئۆزۈڭگە ئۆزۈك ئەسكەرتىپ تۇر. ئۇنى موھتاجلارغا سەرپ قېلىشىڭ شەرت! سەن بۇنداق ئادەملەرنى ئاسانلا تاپىسەن. ئەگەر موھتاجلارنى ئاسانلىق بىلەن تاپماقچى بولساڭ، ئۇلارنى ھەممە يەردە ئۇچرىتىشىڭ مۇمكىن. سەن بىلەن پۇل ھەققىدە گەپلىشىشىمنىڭ سەۋەبى، ئۇ شۇنداق جەلپ قىلىدىغان كۈچكى، ئۆز ھاڭىغا تارتىپ كېتىدۇ...

مەن ساڭا شۇنى ئېيتىشىم زۆرۈركى، دارۋازنىڭ داردىن يىقىلىشىدىن كۆرە ئادەملەرنىڭ تەكشى يولدا يىقىلىشى كۆپرەك ئۇچرايدىغان ھادىسىدۇر. سېنى تەكلىپ قىلغان تەنتەنىلىك كېچىلىكلەردە ئېھتىمال ئالماس ئۇچقۇنىدەك پارلارسەن. ئاشۇ پەيت سەن ئۈچۈن خەۋپلىك دار بولىدۇ ۋە يىقىلىشىڭ مۇقەررەر بولىدۇ. بەلكىم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بوي-بەستى كېلىشكەن، خۇشپىچىم شاھزادە سېنى ئۆزىگە جەلب قىلار. ئاشۇ دەملەردە سەن تېخى تەجرىبىسىز دارۋاز بولىسەن ۋە تەجرىبىسىز دارۋازنىڭ قاتتىق يېقىلىشى تۇرغان گەپ. قەلبىڭنى دئۈنچە-مەرۋايىت ئۈچۈن ساتما. ۋاقتى كەلگەندە سەنمۇ سۆيۈلىسەن، سېنى سۆيۈپ قالغان ئۇ ئىنساننىڭ مۇھەببىتى چىن يۈرەكتىن بولىدۇ.

بۈگۈنمۇ، ئەتىمۇ ئۈستۈڭدىن چۈشمەيدىغان ئاپئاق يىپەك سەھنە كىيىمىڭنى قارا كىيىمگە ئالماشتۇرۇپ، قەبرەم بېشىغا كېلىسەن. شۇ تاپتا سېنىڭ كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلىغۇم يوق. پەقەت دېمەكچى بولغىنىم، پات-پات ئەينەككە قاراپ قوي، مېنىڭ چېھرىمنى كۆرىسەن. ھەتتا تومۇرۇمدىكى قان مۇزلاپ قالغاندىمۇ ئاتاڭ چارلېزنى ئۇنتۇپ قېلىشىڭنى خالىمايمەن. مەن پەرىشتە ئەمەس، لېكىن ھەرقاچان سېنى ئلىھاملاندۇرۇپ تۇرىدىغان ئىنسان بولۇپ قالىمەن. بۇنى ھەمىشە ھېس قىلىپ تۇرىدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن.