چاغاتاي تىلى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى چاغاتايچە)

چاغاتايچە ياكى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى (چغتايچە)، XIV ئەسرنىڭ ئورتالارىدىن تاكى XX ئەسرنىڭ باشلارىغەچە پۈتۈن تۈركىستان (مەركەزىي ئاسىيا) زېمىنىدەكى تۈركىي خەلقلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەك خەلقى ئورتاق قوللانغان يازما ئەدەبىي تىلى ئادەتتە «تۈركىي تىل»، «تۈركچە»، «كاشغەر تۈركچەسى» دېگەن ناملاردا ئاتالىش بىلەن بىرگە «چاغاتاي تىلى» ھەم دېيىلىدۇ.

بۇ ئەدەبىي تىل قاراخانىيلار دەۋرىدە مەھمۇد كاشغەريى تەرەفىدىن «تۈرك تىلى» ياكى «خاقانىيە تۈركلەرىنىڭ تىلى» دەپ ئاتالىب، سوڭرە ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ناملىق ئەسەردە «كاشغەر تىلى»دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر يېزىق ئەدەبىي تىلىنىڭ ئەسلىدە ئۆزىگە ئاساس بولغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن پۈتۈنلەي قوشۇلۇپ كېتىشى نەتىجەسىدە شەكىللەنگەن.