چاقا يېزىسى

ئورنى Wikipedia
چاقا يېزىسى

恰哈乡.Chaqa town

چىرا ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە چىرا ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 20 دانە
نوپۇس 15 مىڭ
يەر مەيدانى 7,761 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت چىرا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

چاقا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيىسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. چىرا ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 64 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2600 مېتىر. شىمالدا چىرا بازىرى بىلەن، جەنۇبتا ئۇلۇغساي يېزىسى بىلەن، غەربتە بولسا خوتەن ناھىيىسىنىڭ قاشتېشى يېزىسىبىلەن تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

چاقا يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى: 653225203. تەۋەسىدە 20 مەمۇرىي كەنت ئاھالە كومتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار:

  • چاقا كەنتى،
  • لەنگۇي كەنتى،
  • تەيتۇ كەنتى،
  • دۆۋېيلىك كەنتى،
  • ئېنىلىك كەنتى،
  • سېرىقچان كەنتى،
  • قىزكەدگەي كەنتى،
  • قىزىليول كەنتى،
  • كىشى كەنتى،
  • ھاشى كەنتى،
  • ئاسا كەنتى،
  • ئوقۇ كەنتى،
  • كەڭتوقاي كەنتى،
  • قاراتاش كەنتى،
  • يورۇقتاش كەنتى،
  • جەگىتال كەنتى،
  • ئەندىر كەنتى،
  • گەنجىساي كەنتى،
  • ئامبار كەنتى،
  • چۆرۈش كەنتى ۋە 47 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار.

شارائىتى[تەھرىرلەش]

چاقا يېزىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكى بويىچە چىرا ناھىيەسىنىڭ قارمىقىدا بۇلۇپ، ناھىيە شەھىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تۈز سىزىق ئارىلىقى 68 كىلومېتىر. ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دۆلەت يولى 315-دۆلەت يولى چاقا يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايدىكى تاشيولى ئاۋاپ، چاراقاي، چۆرۈش كەنتى بىلەن تۇتىشىدۇ. چاقا يېزىسى جەنۇبىي شىزاڭ بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شىمالىي تەرىپى چىرا بازىرى، چىرا يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي جەنۇب تەرىپى خوتەن ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى لوپ ناھىيەسى بىلەن قوشنا، شەرقتە نۇرى يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. يېزىنىڭ شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 39.6-69.8 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ھالقىش ئارىلىقى 142.7-153 كىلومېتىر.