چاق ۋە يىپ ئېگىرىش

ئورنى Wikipedia

   ئۇيغۇر ئاياللىرى ئائىلە ئىشىدىن بوشىغاندا، چاقتا پاختىدىن يىپ ئېگىرىپ، ئائىلىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئاياللار خاس يىپ ئېگىرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بەزى يۇرت –  مەھەللىلەردە چاقتا يىپ ئېگىرىش كەسىپلەشكەن بولۇپ، كەسىپكارلار توپلىشىپ يىپ ئېگىرىدۇ. توپلىشىپ يىپ ئېگىرىش تولىمۇ قىزىقارلىق بولۇپ، ئونلىغان ھەتتا يۈزلىگەن چاقتىن چىققان ئاۋاز بىلەن ئاياللارنىڭ جۆر بولۇپ ئېيتقان  مۇڭلۇق ناخشىلىرى كىشىنى ئىختىيارسىز مەپتۇن قىلىدۇ. ھەرقانداق بازاردا خاس يىپ بازىرى بولۇپ، ئۇلار ئېگىرگەن يىپلىرىنى ئاشۇ بازاردا ساتىدۇ ۋە پاختا سېتىۋالىدۇ.

  چاق _ چاق ياسىغۇچىلار تەرىپىدىن ياغاچتىن ياسىلىدۇ. 80 سانتىمېتىرلىق تاختاينىڭ بىر بېشىغا 50 سانتىمېتىرلىق ئىككى ياغاچ 10 سانتىمېتىر ئارىلىق قويۇلۇپ ئورنىتىلىدۇ، يەنە بىر بېشىغا 20 سانتىمېتىرلىق ئىككى ياغاچ  ئارىلىقتا يىپ تۇرغۇدەك قىلىپ تۇرغۇزۇلىدۇ. سەككىزدىن ئون ئالتە چىشلىق قىلىپ ياسالغان يۇمۇلاق ئىككى چاق پۇزا شەكىللىك ئوقنىڭ ئىككى تەرىپىگە بېكىتىلىپ، چاقنىڭ قارىمۇ قارشى چىشلىرى يىپ بىلەن ئۇدۇل چېتىلىدۇ ۋە چاق بىلەن يىك ئارىلىقىغا ئۆلچەم بويىچە تاناپ بېكىتىلىدۇ. بۇ تاناپ چاق بىلەن يىكنى ئايلاندۇرىدىغان تاسمىلىق رولىنى ئوينايدۇ.

  يىپ ئېگىرىش: ئۇچ قىلىنغان پاختىنىڭ بىر ئۇچىدىن بىر غېرىچ يىپ ئېشىلىپ، يىك ئۇچىغا ئىلىنىپ، ئوڭ قول بىلەن چاق ئايلاندۇرۇلىدۇ، سول قولدا پىلتە پاختا سوزۇلىدۇ. يىپ ئېشىلىپ بىر غۇلاچ بولغاندا، چاق ئوقى ئارقىغا ياندۇرۇلۇپ، ئېشىلگەن يىپ يىككە يۆگىلىدۇ. يىپ ئېگىرگۈچىلەرنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، يىك بىردەمدىلا توشىدۇ. ئاندىن يىكتىكى يىپ قومۇشقا چاق بىلەن ئورىلىپ كاللەكلىنىدۇ، قومۇشقا توشقان بەلگىلىك مىقداردىكى يىپ بازارغا تەييار بولغان بولىدۇ.

  يېزىلاردا چاقتا يىپ ئېگىرىش قوشۇمچە ھۈنەر –  كەسىپ بولغاچقا، خەلقىمىزدە مەخسۇس ‹‹ يىپ ئېگىرىش ناخشىسى›› بار بولۇپ، ئۇنىڭدا چاقچىلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ۋە بۇ ئەمگەكنىڭ جەريانلىرى ئوبرازلىق ئەكس ئېتىدۇ.[1]

  1. ئاپتۇر:بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار ؛مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 11- 14 12:17؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-11/14/content_128436.htm؛