چانا ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

چانا ئويۇنى قىش كۈنلىرى مۇز ئۈستىدە ئوينايدىغان قىزىقارلىق ئويۇن پائالىيەتلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، كۆپىنچە ياش - ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئوينىلىدۇ. چانا ئويۇنى يەنە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ كەڭ ئەۋج ئالغان ئويۇنلارنىڭ بىرى. چانا ئويۇنى مۇرەككەپ مەيدان، سايمان تەلەپ قىلمايدىغان، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇرىدىغان، ئۇلارنى قەيسەر، يۈرەكلىك قىلىپ تەربىيىلەيدىغان ھەمدە بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ئويۇن پائالىيىتىدۇر. ئويناش ئۇسۇلى: ئادەتتە كىشىلەر ياغاچتىن چانا ياساپ چانىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئېگىزدىن پەسكە تېيىلىپ چۈشىدۇ ياكى بىرسى چانىدا ئولتۇرۇپ بىرسى سۆرەيدۇ ۋە ياكى ئىككى قولىغا زىقچە تۆمۈر تۇتۇپ زىقچە تۆمۈرنىڭ ياردىمىگە تايىنىپمۇ تېيىلىدۇ. ياغاچ چانا بولمىغان شارائىتتا دەريا كۆللەردىكى مۇز ئۈستىدە بىر پارچە ئادەم ئولتۇرالىغۇدەك بولغان قېلىن ياپىلاق مۇزنى ياكى بىر پارچە كاردون قەغەز پەنەركىسىنى چانا قىلىپمۇ تېيىلىپ ئوينايدۇ. بۇ خىل چانا ياغاچتىن ياسالغان چانىغا قارىغاندا مۇز ئۈستىدە تېخىمۇ تېز ماڭىدۇ ھەمدە ئۇنى ئىتتىرىشكە ئانچە كۆپ كۈچ سەرپ بولمايدۇ. ئادەتتە چانا ئوينىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى بىرسى چانا ئۈستىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرىدۇ ياكى ئۆرە تۇرىدۇ، يەنە بىرسى چاپىنىنىڭ ئارقا پېشىنى ياكى بىر ئارقاننى چانا ئۈستىدە ئولتۇرغان بالىغا تۇتقۇزۇپ سۆرەيدۇ. سۆرەپ خېلى بىر جايغا بارغاندىن كېيىن، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىشىدا ئورۇن ئالمىشىدۇ. بۇ ئويۇننى يالغۇزمۇ ئوينىغىلى بولىدۇ. يالغۇز ئوينىغاندا، چانا ئۈستىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، زىقچە تۆمۈرنى مۇزغا سانجىپ كۈچىگە تايىنىپ چانىنى ئالدىغا ئىتتىرىپ تېيىلىدۇ. بالىلار بۇ خىل تېيىلىشتا ئىستىخىيىلىك ھالدا ئۆز ئارا بەسلىشىپمۇ قالىدۇ. يەنە بىر خىلى، ئېگىزرەك دۆڭلەردە بىر بالا چانا ئۈستىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، يەنە بىر بالا پۇتى بىلەن چانىنى كۈچەپ ئىتتىرىدۇ، چانا خېلى ئۇزۇن ئارىلىققىچە تېيىلىپ بارىدۇ. دۆڭدىن تۆۋەنگە قاراپ تېيىلغاندا، يېشى سەل چوڭراق بالىلار ۋە ياشلار ئۆزى بىمالال تېيىلالايدۇ. ئۇلار مەلۇم ئارىلىققىچە چانىنى ئىتتىرىپ كېلىپ، دۆڭدىن چۈشۈشتە، ئۆزى چانىنىڭ ئۈستىگە دۈم يېتىپ تېيىلىپ چۈشىدۇ. بەزىلىرى چانىدا ئولتۇرۇپ، پۇت ھەرىكىتىنىڭ ياردىمى بىلەن دۆڭدىن تېيىلىپ چۈشىدۇ." [1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]