چاي تۇتۇش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

چاي تۇتۇش ئويۇنى ئاساسەن يېزا مەشرەپلىرىدە ئوينىلىدۇ. بۇ ئويۇن ئاساسەن خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا بىر قەدەر ئومۇملاشقان ۋە دائىملىق ئادەتكە ئايلانغان بىر خىل ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەدەنىي پائالىيەتتۇر. بۇ خىل ئويۇن مەشرەپ داۋاملىشىپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە مەشرەپ بېشى ياكى مەشرەپ ئۇيۇشتۇرغۇچى ساھىبخان سورۇننىڭ كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇش، ئويۇن - كۈلكە خىللىرىنى كۆپەيتىپ مەشرەپ ئەھلىنىڭ تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئوينىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر پىيالە چاينى بىر كۇپلېت بېيىت بىلەن خالىغان بىرسىگە تۇتۇپ بېرىدۇ. چاينى قوبۇل قىلغۇچى پىيالىنى ئىككى قوللاپ ئېلىشقا تەمشەلگەندە، چاي تۇتقۇچى ئۇنى ئازدۇرۇپ، ھەر خىل ھەرىكەتلەر بىلەن مەسىلەن، سۇنغان چاينى قايتۇرۇۋېلىپم ئۆز ئورنىدا بىر پىرقىرىۋېتىپ يەنە تەڭلەش، قولىنى ئۇزارتقاندا چىنىنى قايتۇرۇۋېلىش، قولىنى قايتۇرۇۋالغاندا يەنە ئۇزىتىش قاتارلىق خىلمۇ خىل قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن قارشى تەرەپنىڭ دەرھال چىنىنى ئېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرمەيدۇ. ئورنىدا تۇرۇپ پىيالىنى ئايلاندۇرۇپ قايتا چىنە تۇتۇشتا قوبۇل قىلغۇچىمۇ قايتا بىر ئايلىنىپ، قايتا تەزىم بىلەن قول ئۇزىتىشى كېرەك. بۇنداق چاغدا، چاي تۇتقۇچى يېرىم ئايلىنىپ ياكى 90 گرادۇس بۇرۇلۇپ توختىۋالسا، چاي قوبۇل قىلغۇچى ئۇقۇشماستىن ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىگە ياكى يان بېلىگە قول ئۇزىتىپ قالىدۇ - دە، سورۇندا كۈلكە - چاقچاق كۆتۈرۈلىدۇ. مۇشۇنداق بىر قانچە قېتىملىق قىزىقچىلىق ھەرىكەتلەردىن كېيىن، قارشى تەرەپ چاينى قولغا ئېلىپ، چاي تۇتقۇچى ئېيتقان بېيىتنىڭ جاۋاب بېيىتىنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن چاينى ئىچىدۇ. ئەگەر جاۋاب بېيىتنى قايتۇرۇۋالمىسا، يا ئۇسسۇل ئويناپ بېرىدۇ ياكى بىرەر مەيدان قىزىقچىلىق قىلىپ باشقىلارنى كۈلدۈرىدۇ. ھېچ نەرسە قىلالمىسا ئۇنىڭ جازاسى سۈپىتىدە <تامغا سۈرىتىنى تارتىش>، <داستىن تەڭگە سۈزۈش>، <توشقان تەپتى>، <پالتا كۆتەك>، <ناۋات سېتىش> قاتارلىق قىزىقچىلىق ئويۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. <تامغا سۈرىتىنى تارتىش> تا جازالانغۇچى يالىڭاچلاپ، غۇلىچى كەڭ يايدۇرۇلۇپ تامغا چاپلاشتۇرۇلۇپ تۇرغۇزۇلىدۇ، ئاندىن بىر كىشى ئېغىزىغا سوغۇق سۇ ئېلىپ ئۇنىڭ ھەممە يېرىگە پۈركەيدۇ. جازالانغۇچى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پۈركەلگەن سۇنى ئۇنىڭ بەدىنى توسۇپ قالغان جايدا ئىز قالىدۇ. بۇسۈرەت بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم كۈلكە چىقىدۇ. <توشقان تەپتى> ئويۇنىدا جازالانغۇچىنىڭ باش كىيىمى ئېلىۋېتىلىپ بىر كىشى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئالىقىنىنى جازالانغۇچىنىڭ پېشانىسىگە قويۇپ ئوتتۇرا بارمىقىنى كەينىگە قايرىپ قويۇۋېتىپ جازالانغۇچىنىڭ پېشانىسىگە ئۈچ قېتىم چېكىدۇ. بارماق قاتتىق تېگىپ مەلۇم دەرىجىدە ئاغرىش ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۈلكە كۆتۈرۈلىدۇ. داستىن تەڭگە سۈزۈشتە جازالانغۇچى ئىككى قولىنى كەينىگە تۇتۇپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قىزىق سۇ ياكى سوغۇق سۇ قويۇلغان داس ئىچىدىكى تەڭگىنى ئېغىزى بىلەن ئالىدۇ. داستىن تەڭگە سۈزۈش بىر قەدەر قىيىن ھەرىكەت بولۇپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۈلكە چىقىدۇ. <پالتا كۆتەك> ئويۇنىدا جازالانغۇچى <كۆتەك> بولۇپ، يەلكىسىنى چىقىرىپ ئېگىلىپ تۇرىدۇ. يەنە بىر كىشى پالتا بولۇپ، ئىككى قول، ئىككى پۇتىدىن تۇتۇپ كۆتەك بىلەن پالتىنىڭ پەللىكى سۇ بىلەن توشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئويۇن بىر قەدەر قوپال بولۇپ ئادەتتە كۆپ قوللىنىلمايدۇ. <ناۋات سېتىش> ئويۇنىدا جازالانغۇچى يالىڭاچلىنىدۇ. دۈمبىسىگە بەش كىلو ئەتراپىدا ئۇيىغان مۇز تانا بىلەن چىگىلىدۇ. جازالانغۇچى ئۆمىلەپ ھەر بىر ئادەمنىڭ قېشىغا ناۋات ئالسىلا دەپ بارىدۇ. جازالانغۇچى ھەر بىر كىشىنىڭ قېشىغا بارغاندا تاماشىچىلار ئۇيان - بۇيان ئايلاندۇرۇپ باھا تالىشىپ قويىدۇ. جازالانغۇچى ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچە سوغۇق مۇزدا بەدىنى توڭۇپ كېتىدۇ. بۇ ئويۇن تولىمۇ قىزىقارلىق بولىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]