چودا يېزىسى

ئورنى Wikipedia
چودا يېزىسى

乔达乡.Choda Town

گۇما ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە گۇما ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 11 دانە
نوپۇس 13 مىڭ
تور بېكەت گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

چودا يېزىسىگۇما ناھىيىسى بازىرىنىڭ شەرقىگە 29.7 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، يەر شەكلى تۈزلەڭلىك بەلۋاغ، شەرقىيمۇجى بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى ناھىيىلىك دۆلەت چارۋىچىلىق فېرمىسى، جەنۇبىي تارماق تاشيول، غەربىي موكويلا يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرقتىن غەربكە ئوتتۇرچە كەڭلىكى 10 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى 220 كىلومېتىر، كۆلىمى تەخمىنەن 2200 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

چودا يېزىسىدا 11 مەمۇرىي كەنت بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  • سېۋەتچاقا كەنتى؛
  • يايلىغان كەنتى؛
  • گولا كەنتى؛
  • گۈلباغ كەنتى؛
  • باشبۇلاق كەنتى؛
  • جەينەك كەنتى؛
  • چارباغ كەنتى؛
  • ئاياغ چودا كەنتى؛
  • باشلاق كەنتى؛
  • باشلاقبىنام كەنتى؛
  • لەڭگەر كەنتى؛
  • چودا دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار بار.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

چودا يېزىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، قوشۇمچە ياغلىق دان، كېۋەز، مېۋە-چېۋە، بېدە قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئورمانچىلىق ئادەم كۈچى ئارقىلىق كۆچەت تىكىش ئاساس قىلىنىدۇ، تېرەك، سۆگەت، جىگدە، ئۆرۈك، شاپتۇل، ئۈجمە دەرىخى ۋە ياڭاق قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەر، چېگرا ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان قومۇش، جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار بار. ياۋايى ھايۋانلاردىن ياۋا چوشقا، سۇغۇ، تۈلكە ۋە ياۋا ئۆردەك قاتارلىقلار بار.