چوڭقۇر قېدىر (سۈنئىي ئەقىل)
چوڭقۇر قېدىر (باشقىچە نامى: دىپسىك، كەزگۈچى, تېرەن تىنتىش: ئېنگلىزچە: DeepSeek؛ خەنزۇچە: 深度求索، شېندۇ چيۇسو) جوڭگودىكى بىر سۈنئىي ئەقىل تەتقىقات شىركىتىدۇر. چوڭقۇر قېدىر شىركىتنىڭ ئىشلەپ بازارغا سالغان ئوچۇق مەنبەلىك چوڭ تىل مودىللىق "چوڭقۇر قېدىر" سۈنئىي ئەقىل سۇپىسى 2025-يىلى يانۋار ئېىيدا ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، دۇنيا تەۋەسىدا چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان. چوڭقۇر قېدىرنىڭ سۈنئىي ئەقىل ئىقتىدار چەت ج پ ت بىلەن ئوخشاش دەرىجىگە يەتكەن. ئەزان تەننەرختە، شۇنداقلا ئامېرىكىنڭ ئەڭ ئىلغان ئۈزەك ۋە گرافىك بىرتەرەپ قىلغۇچىسىز، دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى سۈنئىي ئەقىل قۇرالى ياساپ چىققانلىقى دۇنيانىدىكى نۇرغۇن كىشلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان. لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي كىشلەر ئۇنىڭ بىر كىلون مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ئوپېن ئېي ئاي قاتارلىق خەلىقئارالىق چوڭ شىركەتلەر ئەقلىي بىلىم ھوقۇقى دەخلىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن كېيىنكى قەدەمدە تېرەن تىنتىشنى سوتقا تارتىشنى ئويلاشقان. ياۋۇرپا ۋە ئامېرىكىدىكى دۆلەتلەر ئۇچۇر بېخەتەرلىكى ۋە مەزمۇن تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن تېرەن تىنتىشنى ھۆكۈمەت ۋە قوشۇندا ئىشلىشىنى چەكلىگەن.
![]() | |
خەنزۇچە نامى | 杭州深度求索人工智能基础技术研究有限公司 |
---|---|
شىركەت تۈرى | شەخسى |
سانائەت تۈرى | ئۇچۇر تېخنىكا |
قۇرۇلغان ۋاقتى | 2023-يىلى ماي. |
بەرپاچىسى |
|
باش شىتابى | جوڭگو، جېجىياڭ، خاڭجوۋ |
ھالقىلىق ئادەملەر |
|
ئىگىسى | High-Flyer |
ئورگان تور مەنزىلى | www.deepseek.com |