Jump to content

چوڭ سۈتلۈك ئوت

ئورنى Wikipedia

چوڭ سۈتلۈك ئوت

[تەھرىر]

چوڭ سۈتلۈك ئوت بولسا ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزلىق پۈتۈن چۆپى بولۇپ يۆتەل پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى چوڭ سۈتلۈك ئوت

ئەرەبچە نامى سوسفەندى

ئىنگلىزچە Garden Euphorbia Herb

خەنزۇچە نامى 飞扬草

پارسچە نامى شىرگىيا-شيرىك

ئوردۇچە نامى دەۋىلى

تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

چۈشەندۈرۈشى

[تەھرىر]

چوڭ سۈتلۈك ئوت بولسا سۈتلۈك ئوت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولسا ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزلىق پۈتۈن چۆپى بولۇپ. يوپۇرمىقى ئاجىز كېلىدۇ. تەمى چۈچۈمەل، تاغ باغرى، يول بويلىرى، چاتقاللىقلار ئارىسىدا ئۆسىدۇ. كۆپىنچە قۇملۇقلار تۆپىلىرىدە بولىدۇ. جۇڭگونىڭ شەرقى جەنۇبىي ئۆلكىلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ خوتەن، قەشقەردىن ۋە دۇنيانىڭ ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدىن چىقىدۇ.

شەكلى

ئۆسۈملۈكنىڭ غولى قاتتىق تىكەنلەر بىلەن قاپلانغان، ئادەتتە تۈۋى قىسمىدىن شاخلايدۇ. شاخلىرى ئوچۇق قىزىل رەڭلىك ياكى سۇس سۆسۈن رەڭلىك بولىدۇ. يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ. ئۇزۇنلۇقى15-45 سانتىمېتىر كېلىدۇ. يوپۇرمىقى ئىنچىكە، ئۇدۇل ئۆسىدۇ. ھەرە چىشىغا ئوخشاش چىشلىرى بولىدۇ. ياكى بىر نەچچە گىرۋەكلىك كېلىدۇ. ئۇچى ئۇچلۇق، تۈۋى يۇمىلاق، ئوتتۇرىسىدا بىر دانە رەڭلىك داغ بار. ئىككى يۈزى قىسقا، يۇمران تۈكچىلەر بىلەن قاپلانغان. ئارقا يۈزىدە تومۇر بويلاپ تۈكچىلەر زىچ ئۆسكەن، ئۇرۇقى توخۇمسىمان تۆت قىرلىق، يىل بويى گۈلى ئىچىلىدۇ. گۈلى ئۇششاق، كۆپ بولىدۇ.

خۇسۇسىيىتى

[تەھرىر]

غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتنى، ھۆل سوغۇق كەيپىياتنى تەڭشەش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورىلار

ئەكس تەسىرى

ئۈچەيگە زىيان قىلىدۇ.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

[تەھرىر]

پۈتۈن چۆپنىڭ تەركىبىدە فلاۋون گىلىكوزىدى، تاراكسېرول (Taraxerol) B-ئامىرىن (B-Amyrin). B-ستوستېرول (B-Sitosterol) ئېئللاگىك كىسلاتاسى (Eillagic acid) قاتارلىقلار بار.

فارماكولوگىيەلىك تەسىرى

چوڭ سۈتلۈكئوتنى سىناق قىلىش ئۈچۈن چىشى چوشقىغا بەرگەندە سۈت بېزىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشنى كۈچەيتكەن، يەنە مەلۇم دەرىجىدە سۈيدۈك ماڭدۇرۇش، ئىچنى سۈرۈش تەسىرىمۇ بار، لېكىن باكتېرىيەگە قارشى تەسىرى يوق.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

[تەھرىر]

1. چوڭ سۈتلۈكئوت 5 گىرام، روم بەدىيان 5 گىرام، سېرىق چېچەك10 گىرام، دورىلارنى قائىدە بويىچە قاينىتىپ تەرلەنسە تەر تۆشۈكچىلىرىنى ئېچىپ زۇكامغا شىپا بولىدۇ.

2. سۈتلۈكئوتتىن 5 گىرام ئېلىپ قەلەمپۇر قايناتمىسى بىلەن قوشۇپ ئىچسە ھۆل سوغۇقتىن بولغان يۆتەل ۋە كونا زىققا كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

دورىلىق ئورنى

[تەھرىر]

ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزلىق پۈتۈن چۆپى.

مىقدارى

[تەھرىر]

5-7 گرامغىچە

ساقلاش

[تەھرىر]

قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ

تۈزەتكۈچىسى

[تەھرىر]

بادام يېغى

ئورۇنباسارى

[تەھرىر]

كىچىك سۈتلۈكئوت

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

[تەھرىر]

شەربىتى موسەپپى خون، سىپوپى قابىز.

كېسەللىك مىسالى

[تەھرىر]

يۆتەل، زۇكام، كالتە يۆتەل، تارتىشىپ قېلىش، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.


مەنبە : ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم

تەمىنلىگۈچى: ھەكىم ئەلى