چىكۇنگۇنيا ۋىرۇسى

چىكۇنگۇنيا قىزىتمىسى ( Chikungunya Fever ) پاشا چېقىش ئارقىلىق تارقىلىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىق تارقاتقۇچى ۋاسىتە ئاق سىزىقلىق چىۋىن (Aedes albopictus) ۋە مىسىر چىۋىنى (Aedes aegypti) بولۇپ، كۆپىنچە تروپىك ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدا كۆرۈلىدۇ. بىمارلاردا ئاساسلىقى قىزىش، بوغۇملارنىڭ قاتتىق ئاغرىشى، تېرە ئەسۋىسى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، قىسمەن بىمارلاردا ئۇزۇن مۇددەتلىك بوغۇم ئاغرىقى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ كېسەللىك ياشانغانلار، بالىلار ۋە ئاساسىي كېسەللىكلىرى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭ تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.
«چىكۇنگۇنيا» (Chikungunya) سۆزى ئەسلىدە ئافرىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان تانزانىيە ۋە موزامبىكنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى ماكوندې (Makonde) قەبىلىسىنىڭ كىماكوندې (Kimakonde) تىلىدىن كەلگەن. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ئېگىلىپ قېلىش، مايماق بولۇپ قېلىش» ياكى «ئەگرى-بۈگرى بولۇپ مېڭىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ كېسەللىككە بۇنداق ئىسىم بېرىلىشنىڭ سەۋەبى، يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ بوغۇملىرىدا قاتتىق ئاغرىق پەيدا بولۇپ، ئاغرىق ئازابىدىن بەدەنلىرى ئېگىلىپ، قىياسىز ھالەتتە مېڭىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىدىندۇر. يەنى بۇ ئىسىم كېسەللىكنىڭ ئەڭ تىپىك ئالامىتى بولغان قاتتىق بوغۇم ئاغرىقىنى ئوبرازلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.
تارىخى
[تەھرىر]چىكۇنگۇنيا ۋىرۇسى تۇنجى قېتىم 1952-يىلى تانزانىيەنىڭ جەنۇبىدا يۇقۇم پارتلىغان مەزگىلدە، بىر قىزىتمىلىق بىمارنىڭ قېنىدىن ئايرىپ ئېلىنغان. شۇ قېتىمقى يۇقۇم ھازىرقى تانزانىيە ۋە موزامبىك چېگراسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، كېسەللىكنىڭ نامىمۇ شۇ يەردىكى يەرلىك تىلدىن كەلگەن.گەرچە بۇ كېسەللىك 1950-يىللاردا رەسمىي بايقالغان بولسىمۇ، تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ ئالامەتلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان كېسەللىكلەر ھەققىدىكى خاتىرىلەرنىڭ 18-ئەسىرلەردىلا مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، چىكۇنگۇنيا يۇقۇمى ئافرىقا، ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىدىكى 110 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندا كۆرۈلدى. بۇ كېسەللىكنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب – يۇقۇملانغان ساياھەتچىلەرنىڭ ۋىرۇسنى يېڭى رايونلارغا ئېلىپ بېرىشى ۋە ئۇ يەرلەردە ۋىرۇسنى تارقىتالايدىغان پاشا تۈرلىرىنىڭ (بولۇپمۇ ئاق سىزىقلىق چىۋىن ۋە مىسىر چىۋىنى) كەڭ تارقالغانلىقىدۇر. بۇ پاشىلار يۇقۇملانغان ئادەمنى چاققاندىن كېيىن ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋېلىپ، ئاندىن باشقا ساغلام كىشىلەرنى چېقىش ئارقىلىق كېسەللىكنى تارقىتىدۇ.
قىسقىسى، چىكۇنگۇنيا ئۆزىنىڭ نامىنى كېسەللىك ئالامىتىدىن ئالغان بولۇپ، ئەسلى ماكانى ئافرىقا، ئەمما ھازىر يەر شارىلىشىش ۋە ساياھەتنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا تارقالغان بىر يۇقۇملۇق كېسەللىككە ئايلاندى.
ئالبۇم
[تەھرىر]- چىكۇنگۇنيا ۋىرۇسى تەكشۈرلۈش دىئاگراممىسى
- چىكۇنگۇنيا ۋىرۇسى موللىكۇلا شەكلى مىكروسكوپ كۆرۈنۈشى
- ئاق سىزىقلىق چىۋىن
- چىكۇنگۇنيا ۋىرۇسى
- چىكۇنگۇنيا ۋىرۇسى كېسەللىك ئالامەتلىرى
- چىكۇنگۇنيا ۋىرۇسى - ئاق چاشقان ئىنكاسى
- چىكۇنگۇنيا ۋىرۇسى يۇقتۇردىغان چىۋىنلار
- چىكۇنگۇنيا ۋىرۇسى - ماداگاسكاردىكى دىزىكفىنىسيلەش
مەنبە
[تەھرىر]- dohturlar.com دوختۇرلار تورى