چىكۇڭ ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرى ياشاپ كەلگەن بۇ گۆھەر زېمىننىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن تېرەك، جىگدە، سۆگەت قاتارلىقلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ، بۇ دەرەخلەردىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە پايدىلانغان. سۆگەت بادىرلىرىدىن سىپتا ۋاسىلارنى ياساپ، كۆركەم، ئېگىز ئايۋان - پېشايۋان يېپىشقا ئىشلەتكەن. ئۇيغۇر - ئوغۇللار ئارىسىدا كەڭ ئومۇملىشىپ، دەۋرىدىن - دەۋرگە، ئەسىردىن - ئەسىرگە، ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا ئىجادىي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان <چىكۇڭ ئويۇنى> ئادەتتە كۈز، قىش پەسىللىرىدە كەڭ ئېتىزلاردا، بېدىلىكلەردە ئوينىلىدۇ. بۇ ئويۇندا قاتناشقۇچىلار ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ. بىر گۇرۇپپىدا ئىككىدىن تۆتكىچە ئادەم بولىدۇ، ئويۇن باشلىنىشتىن ئاۋۋال ھەر بىر گۇرۇپپىدىكى ئادەملەر ئۆز ئالدىغا ئۇزۇنلۇقى 70 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى تەخمىنەن ئىككى سانتىمېتىر كېلىدىغان ئانچۇقتىن بىرنى؛ ئۇزۇنلۇقى 25 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بالىچۇقتىن بەشنى تەييارلايدۇ. ئاندىن ئويۇن باشلاش نۆۋىتىنى تالىشىدۇ. بىر كىشى ئانچۇقتىن بىرنى يەنە بىر كىشىگە قارىتىپ تىك تاشلايدۇ. قارشى تەرەپتە تۇرغان كىشى ئانچۇقنىڭ مەلۇم بىرىنى سىقىمداپ تۇتىدۇ. ئانچۇقنى تاشلاپ بەرگەن كىشى ئانچۇقنى دەسلەپ تۇتقان كىشىنىڭ سىقىمى ئۈستىدىن ئارىلىق قالدۇرماي تۇتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىككى كىشى ئانچۇقنى نۆۋەت بىلەن ئۈستى - ئۈستىلەپ تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاخىر ئانچۇقنىڭ ئۈستۈنكى ئۇچىنى تۇتقان كىشىدە تۇتۇش توختايدۇ. بۇ چاغدا يەنە بىر كىشى قولىغا بالىچۇقتىن بىرنى ئېلىپ، ھېلىقى كىشىنىڭ قولىدىكى ئانچۇققا ئاستىدىن - ئۈستىگە قارىتىپ، كۈچەپ ئۈچ قېتىم ئۇرىدۇ. مۇشۇ ئۈچ قېتىم ئۇرۇشتا ئانچۇقنى چۈشۈرۈۋېتەلىسە، ئويۇننى بالىچۇقنى ئانچۇققا ئۇرغان كىشىنىڭ گۇرۇپپىسىدىكى بىر كىشى باشلايدۇ. ئەگەر ئانچۇقنى چۈشۈرۈۋېتەلمىسە، ئويۇننى ئانچۇقنى تۇتۇپ تۇرغان كىشىنىڭ گۇرۇپپىسىدىكى بىر كىشى باشلايدۇ. بۇ <رەمبۇت ئېلىش> دەپ ئاتىلىدۇ. ئويۇن ئوينىلىدىغان مەيداننىڭ ئۇزۇنلۇقى 02 مېتىر بولىدۇ. مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر مېتىر ئۇزۇنلۇقتا توغرا سىزىق، ئىككى بېشىغا بىردىن تىك تۆت بۇلۇڭ سىزىلىدۇ. بۇ ئويۇن ئۆزگىچە شەكىلگە ئىگە بەش باسقۇچ بويىچە ئوينىلىدۇ. بىرىنچى باسقۇچ: ئىككى گۇرۇپپا ئەزالىرى مەيداننىڭ ئىككى بېشىغا سىزىلغان تىك تۆت بۇلۇڭنىڭ سىرتىدا قارىمۇ قارشى تۇرىدۇ ھەمدە بەش تالدىن بالىچۇقنى تىك تۆت بۇلۇڭنىڭ مەيدان تەرەپتىكى سىزىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يېقىنلاشتۇرۇپ تۈكچە شەكىلدە تىكلەپ قويىدۇ. بۇ كۆرۈنۈش <توپ تۇر> دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئويۇن باشلاش نۆۋىتىنى ئالغان گۇرۇپپا ئەزالىرىدىن بىرى ئۆز مەيدانىنىڭ بېشىدا تۇرۇپ، ئۆز گۇرۇپپىسىنىڭ ئانچۇقىنى قارشى تەرەپتىكى تىك تۆت بۇلۇڭدا تىكلەكلىك تۇرغان بالىچۇقلارغا قارىتىپ ئاتىدۇ. بۇنىڭدا قارشى تەرەپنىڭ بەش تال بالىچۇقنى سوقۇپ مەيدان سىرتىغا چىقىرىۋېتىش مەقسەت قىلىنىدۇ. ئانچۇقنى بىرىنچى نۆۋەت ئاتقان كىشى تۇنجى ئېتىشىدا بەش بالىچۇقنىڭ ھەممىسىنى مەيدان سىرتىغا چىقىرىۋېتەلىسە، نۆۋەت ئۆز گۇرۇپپىسىدىكى يەنە بىر كىشىگە كېلىدۇ. ئەگەر ئانچۇقنى تۇنجى ئېتىشىدا بالىچۇقتىن بىر نەچچىنى مەيدان سىرتىغا چىقىرىۋېتىپ، بىر نەچچىنى چىقىرىۋېتەلمىسە، ئىككىنچى قېتىمدا مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توغرا سىزىقنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئانچۇق ئېتىشنى قالغان بالىچۇقلارنى سوقۇپ مەيدان سىرتىغا چىقىرىۋەتكەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرىدۇ؛ ناۋادا ئانچۇقنى تۇنجى ئېتىشىدا بالىچۇقتىن بىرنىمۇ مەيدان سىرتىغا چىقىرىۋېتەلمىسە، ئانچۇقنى ئېتىش نۆۋىتى قارشى گۇرۇپپا ئەزالىرىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ باسقۇچتا قايسى گۇرۇپپا ئەزالىرىغا قايسى تەرەپنىڭ تىك تۆت بۇلۇڭىدىكى بالىچۇقلارنى مەيدان سىرتىغا بالدۇر چىقىرىۋېتەلىسە، ئىككىنچى باسقۇچىدا ئۆتىۋېرىدۇ. ئويۇن جەريانىدا بىر گۇرۇپپىدىكى بالىلار كۈچ ئۇلاپ ئوينايدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ: بالىچۇقلار ئىككىسى تىك تۆت بۇلۇڭنىڭ مەيدان تەرەپتىكى سىزىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تاقاپ دېگۈدەك ئۇزۇنسىغا جۈپلەپ قويۇلىدۇ. ئىككىسى ئۇنىڭ ئۈستىگە توغرىسىغا جىپسىلاشتۇرۇپ ياتقۇزۇلىدۇ. بىرى قۇيرۇق باستۇرۇپ ئۇزۇنسىغا تىزىلىدۇ. بۇ ھالەت <تەكىيە ياتتى> دېيىلىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى ئويۇن تەرتىپى ۋە مەقسەت بىرىنچى باسقۇچتىكىگە ئوخشاش بولىدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچ: بالىچۇقتىن ئىككىسى تىك تكت بۇلۇڭنىڭ مەيدان تەرەپتىكى سىزىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يېقىنلاشتۇرۇلۇپ ئۇزۇنسىغا جۈپلەپ قويۇلىدۇ. ئىككىسى ئۇنىڭ ئۈستىگە توغرىسىغا جىپسىلاشتۇرۇلۇپ تىزىلىدۇ. يەنە بىرسى ئەڭ ئۈستىگە توغرىسىغا ياتقۇزۇلىدۇ. بۇ باسقۇچ <سامان ئارتتى> دېيىلىدۇ. ئويۇننىڭ كېيىنكى تەرتىپى ئالدىنقى باسقۇچنىڭكىگە ئوخشىشىدۇ. تۆتىنچى باسقۇچ: بالىچۇقتىن ئىككىسى تىك تۆت بۇلۇڭنىڭ مەيدان تەرەپتىكى سىزىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تەگكۈزۈلۈپ ئۇزۇنسىغا، ئىككىسى بايىقى بىر جۈپ بالىچۇقنىڭ مەيدانىغا قارىغان ئۈچ تەرىپىگە توغرىسىغا، بىرسى ئالدىنىى تۆت بالىچۇق تېگىشكەن قاپ ئوتتۇرىغا تىك قويۇلىدۇ. بۇ شەكىل <قۇيرۇق تىكتى> دېيىلىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى ئويۇن جەريانى ئالدىنىى باسقۇچنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ. بەشنچى باسقۇچ: ئويۇن مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن ئۆزگىرىدۇ. ئالدىنقى باسقۇچلاردا ئويۇن كۆرسەتكۈچى كشىى ئانچۇقنى بىرىنچى ئېتىشىدا بىرەر بالىچۇقنى سوقۇۋالسا، 10 مېتىر ئىچكىرىلەپ (مەيداننىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا كېلىپ) ئانچۇقنى ئېتىپ، قالغان بالىچۇقلارنى سوقاتتى. بۇ باسقۇچتا ئويۇن كۆرسىتىۋاتقان كىشى ئويۇننى باشلىغان ئورنىدىلا تۇرىدۇ، بالىچۇقلار ئىككى تەرەپتىكى تىك تۆت بۇلۇڭنىڭ تۆت بۇلۇڭىغا بىردىن، قاق ئوتتۇرىغا بىردىن تىك تۇرغۇزۇلىدۇ، بالىچۇقلارنى بۇنداق تىكلەپ تىزىش <تارام تۇر> دېيىلىدۇ. كېيىنكى مەزمۇن ئالدىنقى باسقۇچتىكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇ ئويۇننىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدا ئورتاق ۋە خاس مەزمۇنغا ياكى شەكىللەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدۇ. ئويۇن جەريانىدا ئويۇن كۆرسىتىۋاتقان ياكى كۆرۈۋاتقان كىشىلەردىن ئويۇن ئويناش ۋە كۆرۈش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئويۇن خۇلاسىلەنگەندە، يېڭىلگەن گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ كۆزى تېڭىلىپ مەلۇم ئارىلىقتىكى مەلۇم بىر ئورۇن ياكى نىشاننى تېپىش شەرت قىلىنىدۇ." [1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]