چىمەنگۈل قادىر

ئورنى Wikipedia

يىلدەك ئۇسسۇلچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بەلگىلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغان كەلتۈرگەن ياش ئۇسسۇلچى چىمەنگۈل قادىر 1963-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى مەكىت ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا ئۇسسۇلغا قىزىققاچقا، 1976-يىلى 13ياشقا كىرگەندە قەشقەر سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. 1978-يىلى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى. چىمەنگۈل شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇسسۇل كەسپىگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلاپ، ھەر خىل ئۇسسۇل ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، ناھايىتى تىزلا ئۆمەكنىڭ كۆزىگە كۆرۈنگەن ئۇسسۇلچىغا ئايلاندى ھەمدە 1979-يىلى تۇنجى قېتىم «توي ئۇسسۇلى» ناملىق كوللېكتىپ ئۇسسۇلنى ئويناشقا قاتناشتى. شۇ يىلى ئۇ يەنە ئۆمەك تەييارلىغان «غۇنچەم» دىراممىسىدا غۇنچەم رولىنى مۇۋاپىيەتلىك يارىتىپ، كەسپداشلىرىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا، تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. 1980-يىللاردىن كېيىن چىمەنگۈل يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇللاردىن «كارۋان ئۇسسۇلى»، «قەشقەر قىزى»، «ئاتۇش ئۇسسۇلى»، «ئۈزۈمچىلىك ئۇسسۇلى»، «تاجىكچە ئۇسسۇل»، «قوي باققۇچى قىز»، ئىككى كىشىلىك لەپەرلەردىن «ئالمىخان»، «دولان قىزى»، ئىككى كىشىلىك ئۇسسۇللاردىن «ياشلىق ناخشىسى»، كوللېكتىپ ئۇسسۇل «دولان دەرياسى بويىدا»، «رومال ئۇسسۇلى».....قاتارلىق كۆپلىگەن ئۇسسۇلارنى ئويناشقا قاتنىشىپ، ئۇسسۇل ساھەسىدە خېلىلا كۆزگە كۆرۈنگەن ئىدى. بىراق يولدىشى ئەكرەم ئۆمەرنىڭ خىزمەت يۆتكىلىش سەھەبى بىلەن چىمەنگۈلمۇ 1988-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كەلدى. شۇنداقلا ئۆمەكنىڭ سەھنە كىيىملىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. چىمەنگۈل ئۆزىنىڭ 20يىللىق سەھنە ھاياتىدا ئۇسسۇل كەسپىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، خەلققە مول بەدئىي لەززەت بېغىشلاش بىلەن بىرگە، يولدىشى ئەكرەمنىڭ كەسپتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېقىندىن يار-يۆلەك بولدى. شۇڭا ئەكرەم ئۆمەر بۈگۈنكىدەك ماھىر مۇزىكانتقا ئايلىنالىدى.