Jump to content

چىنقاي

ئورنى Wikipedia

چىنقاي (خەنزۇچە: 鎮海؛ 1169 - 1252)، چىڭقاي بىتىكچى (چينكقاى بيتكچى) ياكى چىنقاي بىتىكچى (چينقاى بيتكچى) خىتايچە تيەن جېنخەي (خەنزۇچە: 田鎮海) ئېتى بىلەنمۇ تونۇلغان موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى دۆلەت ئەربابى، ئالىم ۋە سىياسەتچى. ئۇ نېستورىي بولۇپ، ئۇنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى «يۈەننامە»دە كېرەيت، ئاتا مالىك جۇۋەينىي «تارىخى جىھانگۇشا»دا ئۇيغۇر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئۇنى ئونگۇدلاردىن دېگۈچىلەرمۇ بار.