Jump to content

چىن گۈەن نەزمىلىرىدىن

ئورنى Wikipedia

چىن گۈەن نەزمىلىرىدىن

جاسارەت تاش تەرجىمىسى


دىلكىشىنى ياد ئېتەر قىز

دىلكىشىنى ياد ئېتەر قىز قەلبىنى غەمگە ئوراپ،

ئۆتكۈزەر پىنھاندا كۈن، ھېچكىم ئۇنى قويماس سوراپ.

ئېيتقۇسىز ھەسرەت–ئازابتا قىينىلىنار دائىم جېنى،

خۇددى ئىسرىقداندىكى ئىسرىق كەبى كۆيگەي تېنى.

تۈرۈلۈپ كەتكەن قەلەم قاشتىن يېغىپ تۇرماقتا قار،

سوقسىمۇ ئىللىق شامال قىلماس ئاڭا ھېچقانچە كار.

ئۇيقۇلۇق ھالدا راۋاقتىن تاشلىسا كۆككە نەزەر،

تۇرنىلارمۇ دەرد–ئازابلار ئىلكىدە قاقماقتا پەر.


تاڭ سەھەر تارقاپ بۇلۇت...

تاڭ سەھەر تارقاپ بۇلۇت، دىللارغا خوپ ياقتى باھار،

توختىدى يامغۇر-بوران، ئاچتى چىراي نۇرلۇق ناھار.

سۇ بويىدا جىلۋىدار تۈسكە كىرىپ ئايۋان-راۋاق،

قارلىغاچلار گۈل-چېچەكلەر ئىچرە ئەركىن پەر قاقار.

لەيلىشىپ چۈشمەكتە توزغاقلار ھېرىپ ئويناپ ئۇسسۇل،

قاش يالاپ ئەگىز سۈيى دەريا-ئېرىقتا لىق ئاقار.

تال-سۆگەتلەر ئۇز بېزەك بولغان قەسىرلەر ئالدىغا،

ياڭرىتار  بۇلبۇلنى تاڭ قالدۇرغۇدەك كۈيلەرنى تار.

ياش چېغىمدا بىز چىقاتتۇق ھەر باھاردا سەيلىگە،

مەن مىنىپ ئات، ئولتۇرۇپ شاھلارغا خاس مەپىدە يار.

جۇش ئۇراتتى دىلدا شادلىق زەر قەدەھتە مەي ئىچىپ،

جاق تويۇپ كەتكەن گۈزەل جەننەت كەبىي يەردىن نىگار.

غۇنچىدەك قىز ئىككىمىز تارتتۇق جۇدالىق دەردىنى،

ئاھ ئۇرۇشتۇق تۈندە تاتلىق ئۇيقۇنى ئەيلەپ بىدار،

بىر ھازا تۇرسام قاراپ، سۇسلاپ تۇمان، پاتتى قۇياش،

مەنمۇ گۇاڭلىڭغا چۆكۈپ كەتتىم بولۇپ ھەمراھقا زار.


چۈشۈمدە كۆرگەنلىرىم

باھارنىڭ يامغۇرى يولنى ئوراپتۇ گۈل-چېچەكلەرگە،

تولۇپتۇ گۈل-چېچەكلەردىن ئېدىر-تاغ ئۇز بېزەكلەرگە.

سۈزۈك ئۆستەڭ-ئېقىن بويلاپ چىمەنزار جىلغىغا بارسام،

سېرىق قۇشقاچ ناۋا ئەيلەپ بېغىشلار زوق يۈرەكلەرگە.

بۇلۇتلار ئۆزگىرىپ كۆكتە تۈمەن تۈرلۈك سىياقلارغا،

بەئەينى ئەجدىھارلاردەك ئۇچار ئەركىن يىراقلارغا.

دەرەخلەر ئاستىدا ئوڭ-سول تەرەپلەرنى بىلەلمەستىن

ياتارمەن مەست كەبى مەپتۇن بولۇپ خۇشبۇي پۇراقلارغا.


كەتتى قىشلاق پۈركۈنۈپ ئورمان بىلەن

كەتتى قىشلاق پۈركۈنۈپ ئورمان بىلەن،

تولدى كۆل يامغۇر سۈيى— قىيان بىلەن.

مەن سۈرۈپ ئىللىق شامالنىڭ پەيزىنى،

ئايلىنىپ يۈردۈم ھەۋەس—ئارمان بىلەن.

بولسىمۇ باغلار كىچىك، تولغان بىراق

نەۋ باھارنىڭ زەر نۇرى ئەپشان بىلەن.

ئاق،سېرىق، ھالرەڭ چېچەكلەر شاخ ئارا

نازلىنار رەڭ تالىشىپ رەيھان بىلەن.

تاشلىنار كۆزگە غۇۋا ئۆي-كەپىلەر،

قورشىلىپ تۇرغاچقا تام—قورغان بىلەن.

قەد كېرەر كۆۋرۈك ئېرىقنىڭ ئۈستىدە،

مەي تۇغى مەشغۇل بولۇر جەۋلان بىلەن.

ھالقىدىم مەشرىقتىكى دۆڭ ئۈستىدىن،

سەيلە بەرگەن ئىشتىياق-دەرمان بىلەن.

چالسا ساز بۇلبۇل، ئاڭا تەڭكەش قىلىپ

قارلىغاچ ئوينار ئۇسسۇل خەندان بىلەن.


مەنبە: جاسارەت تاش ئەدەبىيات سالونى