چۆبە (قاپىش)

ئورنى Wikipedia

چۆبە (قاپىش): چۆبە قەبىلىسى توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ئىچىدىكى خېلى چوڭ قەبىلە بولۇپ، ئۇلارنىڭ موڭغۇلىيە ۋادىسىدىكىلىرى تۇغلا دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا تارقىلىپ ياشىغان، غەرب تەرەپتىكىلىرى قارا شەھەرنىڭ غەربىدىكى يۇلتۇز يايلاقلىرىغا تارقىلىپ ياشىغان. سۈي سۇلالىسىىنىڭ دەسلىپىدە، ئۇلار غەربىي تۈركلەردىن ئايرىلىپ چىقىپ، قۇچۇ، ئاگنى، ئىۋىرغولنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېلى خانلىقىنى قۇرۇپ، بۇغدا تېغى باغرىنى مەركەز قىلغان، بۇ تېلىلار خانلىقى ئون نەچچە يىل مەۋجۇت بولۇپ، كېيىن غەربىي تۈرك خانلىقى تەرىپىدىن قايتا قوشۇۋېلىنغان، شۇنىڭدىن كېيىن چۆبەلەرنىڭ بىر قىسىملىرى ئىسسقكۆل بويلىرىغا، بىر قىسىملىرى خېشى كارىدۇرىدىكى گەنجۇ، لىياڭجۇ ئايمىقىنىڭ ئارىلىقىدىكى جايلارغا كۆچۈپ كەتكەن. «تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر» دە: «چۆبە قەبىلىسىنىڭ ئاتلىرى ئاتئېز قەبىلسىنىڭ ئاتلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇلار تۇغلا دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا، يەنى يۈشى ئايمىقىغا ماكانلاشقان» دەپ خاتىرىلەنگەن. «ئومۇمىي قامۇس» تا: «چوڭ چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى چۆبەلەرنىڭ ئەسكەرلىكىگە ياراملىقى ئۈچ مىڭ ئىدى» دېيلىگەن.