چۈمۈلە پەلسەپەسى
چۈمۈلە پەلسەپەسى
مەن كۆپ يىللاردىن بۇيان باشقىلارغا ئىزچىل ھالدا ئاددىي، ئەمما بەكمۇ ئۈنۈمدار بىر ئۇقۇمنى يەتكۈزۈپ كەلدىم. بۇ ئۇقۇم چۈمۈلە پەلسەپەسىدۇر.
بىرىنچى بۆلۈم: چۈمۈلە زادىلا ۋاز كەچمەيدۇ.
مۇبادا ئۇلار نىشانغا قاراپ يولغا چىققان بولسا، سىز ئۇنى توسۇۋالماقچى بولسىڭىز، ئۇلار باشقا بىر يول بىلەن ماڭىدۇ؛ ئۇلار مەيلى ياماشسۇن ياكى ئاستىغا چاپلىشىپ ماڭسۇن ۋە ياكى ئايلىنىپ ماڭسۇن ھامان نىشانغا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ. زادىلا ۋاز كەچمەسلىك، باشقا يول ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىش، نىشانغا ئىنتىلىش ... نېمىدېگەن قالتىس پەلسەپە ـ ھە؟!
ئىككىنچى بۆلۈم: چۈمۈلە يازدىلا قىشنىڭ غېمىنى قىلىدۇ.
سىز ساددىلىق بىلەن كۈنۈم مەڭگۈ ياز ئىچىدە ئۆتىدۇ، دەپ ئويلىماڭ. چۈمۈلە يازدىكى مولچىلىق مەزگىلىدە ئاكتىپلىق بىلەن قىشلىق يېمەكلىك توپلايدۇ.
قەدىمكى بىرھېكايىدە مۇنداق دېيىلگەن:
ئۆيلىرىڭنى ھەرگىزمۇ يازدىكى ساھىلغا سالمىغىن. نېمە ئۈچۈن بۇ نەسىھەتكە مۇھتاج بولىمىز؟ چۈنكى يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئىش كۆرۈش بەكمۇ مۇھىمدۇر. ياز ۋاقتىدا سىز ساھىل ۋە قۇياش نۇرىدىن ھۇزۇر ئالغىنىڭىزدا، پەقەتلا شامال ۋە يامغۇرنىلا ئويلاپ ئىش كۆرىسىز.
ئۈچىنچى بۆلۈم: بۇ بىر قەدەر مۇھىمدۇر.
چۈمۈلە پۈتۈن قىش بويى ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ چىقىدۇ: ‹‹قىش ئانچە ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ، بىز ناھايىتى تېزلا سىرتقا چىقالايمىز.›› شۇنىڭ بىلەن ھاۋا شۇنداق ئىللىسىلا چۈمۈلىلەر سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەگەر ھاۋا سوۋۇپ كەتسە، يەنە كامىرغا كىرىپ كېتىدۇ. بۇ بىر خىل كۈتۈش ئەمەس. مۇشۇنداق قىلغاندىلا چۈمۈلە ھاۋا ئىسسىغان تۇنجى كۈنىلا ئۇۋىسىدىن چىقالايدۇ.
چۈمۈلە پەلسەپەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بۆلۈمى: چۈمۈلە پۈتۈن بىر يازدا قىشلىقى ئۈچۈن قانچىلىك ئوزۇق تەييارلايدۇ؟ پۈتۈن كۈچنى يىغىپ قانچىلىك كۆپ يىغالىسا ئارتۇق ھېس قىلمايدۇ.
ئادەمنى قايىل قىلىدىغان ئاجايىپ پەلسەپە ـــ بار كۈچى بىلەن ئاتلىنىش.
بۇ دەل چۈمۈلە پەلسەپەسىدۇر. زادىلا ۋاز كەچمەسلىك، يىراقنى كۆزلەپ ئىش تۇتۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېرىشىش ۋە بار كۈچى بىلەن ئاتلىنىش.
ــ جىم روئىن،ۋېن (ئامېرىكا)