ڧرانسۇز تىلى

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, УЙҒУРЧӘ

ڧرانسۇزچە
Français
تەلەڧڧۇزى [fʁɑ̃sɛ]
تارقىلىشى غەربىي ياۋروپا
تېگى

نۇڧۇسى

ڧرانسۇزلار

68.458.600 (2006)

تىل ئائىلىسى







يېزىغى ڧرانسۇز ئېلىپبەسى
رەسمىي تىل










29 دۆلەت

ڧرانسىيە, كونگو د.ج,كانادا, ماداغاسقار, كامېرون, پىل چىشى ساھىللىرى, بۇركىنا فاسو, نىگېر, سېنېگال, مالى,رۇئاندا, بېلگىيە, گۋىنېيە, چاد, ھايتى, بۇرۇندى, بېنىن, شۋېتسىيە, توگو, ئوتتۇرا ئافرىقا ج.,كونگو جۇمھۇرىيىتى, گابون, كومور ئاراللىرى, ئېكۋاتور گۋىنېيىسى, جىبۇتى, ليۇكسېمبۇرگ, ۋانۇئاتۇ, سېيشېل ئاراللىرى, موناكو

تىل كودلىرى




ISO 639-1 fr

ISO 639-2 fre
fra
ISO 639-3 fra

* قېنىق كۆك: ڧرانسۇزچە ئانا تىل بولغان رايونلار
* نورمال كۆك: رەسمىي تىل بولغان رايونلار
* ئوچۇق كۆك: ئىككىنچى بىر تىل بولغان رايونلار
* يېشىل رەڭ: ئاز سانلىق تىل بولغان رايونلار
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كاندىدات دۆلەتلەردىكى ڧرانسۇزچە ئوقۇش-يېزىش سەۋىيىسى

ڧرانسۇز تىلى ياكى ڧرانسۇزچە (français ؛تەلەپپۇزى \fʁɑ̃sɛ\)، ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسى رومان تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە، ڧرانسىيە ۋە ڧرانسۇز مەدەنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرگەن ۋە ئەسكى ڧرانسۇرز سۆمۈرگىسى (مۇستەملىكە) ئەللەردە قوللىنىلىدىغان تىل.

دۇنيادا تەخمىنەن 200 مىلىيون كىشى ڧرانسۇزچە بىلمەكتە. 128 مىلىيون ئىنسان ڧرانسۇزچىنى ئانا تىل ياكى ئىككىنچى تىل سۈپىتىدە قوللانماقتا، 54 دۆلەتتە 71 مىلىيون كىشى تەرىپىدىن ھەم بىلىنمەكتە ۋە قوللىنىلماقتا. ئەڭ باشتا ڧرانسىيە بولۇپ، كانادا، بېلگىيە، شۋېتسىيە، ليۇكسېمبۇرگ، موناكو قاتارلىق ئەللەر ۋە بىر قىسىم ئاڧرىقا ئەللىرىدە ڧرانسۇزچە سۆزلىشىلىدۇ.

ڧرانسۇرچە؛ ئىتاليانچە، پورتۇگالچە، ئىسپانچە، كاتالانچە ۋە رۇمانچە قاتارلىق رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ رەسمىي تىلى بولمىش لاتىنچەنىڭ داۋاملاشقان تىللىرىدىن بىرىدۇر.

ڧرانسۇزچە تارىختا رىم دەۋرى گاليالىقلارنىڭ كېلت تىللىرىدىن ۋە رىمدىن كېيىنكى ڧرانك كۆچمەنلىرىنىڭ گېرمان تىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

ڧرانسۇزچە 29 دۆلەتتە رەسمىي تىل بولۇپ، La Francophonie دېيىلىگەن ڧرانكوڧون ڧرانسۇزچە سۆزلەشكۈچى خەلقلەر توپلۇغىدۇر. ب د ت نىڭ پۈتۈن تارماقلىرىدا ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ رەسمىي تىلى ڧرانسۇزچەدۇر.

ياۋروپا ئىتتىپاقى سانلىق مەلۇماتلىرىغا كۆرە 27 دۆلەتتىكى 129 مىلىيون ئىنسان (497.198.740 نىڭ 26% سى) ڧرانسۇزچە سۆزلەشمەكتە ۋە بۇنىڭ 65 مىلىيونىنىڭ (12%سى) ئانا تىلى، 69 مىلىيونىنىڭ (14%) بولسا ئىككىنچى تىلى سۈپىتىدە قوللانماقتا. بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا كۆرە ڧرانسۇزچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە ئىنگىلىزچە ۋە نېمىسچە قالسا ئەڭ كۆپ قوللىنلىدىغان 3. تىلدۇر.

فرانسۇز تىلى رىم تىلىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى بولۇپ، ئاساسلىق فرانسىيە، كانادادا (ئاساسلىقى يېڭى بىرۇنسۋىك ۋە كېبەك رايونلىرىدا)، بېلگىيەدە (ۋالونى، بىريۇسسىل ۋە فلاندىرىيە رايونىنىڭ بەزى شەھەرلىرىدە)، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا (بولۇپمۇ لۇئىزىيان ۋە مەن شىتاتلىرىدا)، شىۋتىسارىيەدە (ئۈچ ئاساسلىق دۆلەت تىلىنىڭ بىرى)قوللىنىلىدۇ.

فرانسۇزچە دۇنيادىكى باشقا بەزى دۆلەت ۋە رايونلاردا ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى تىل قاتارىدا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، كوڭگو دېموكىراتىك جۇمھۇرىيىتى، فرانسۇز تىلى رايونىدىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق دۆلەت، شۇنداقلا فرانسۇز تىلى رەسمى تىل ياكى قوشۇمچە رەسمى تىل بولغان 29 دۆلەتنىڭ بىرى. غەربى ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ۋە يەنە مەغرىپ دۆلەتلىرىمۇ مۇشۇ قاتارغا كىرىدۇ. بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى كونا فرانسۇز ۋە بېلگىيە مۇستەملىكىلىرى. ئافرىقىنىڭ ئىۋارىيە تۇمشۇقى ۋە گابونغا ئوخشاش بەزى دۆلەتلىرىدە، پۈتۈنلەي فرانسۇز تىلى قوللىنىلىدۇ.

فرانىسيەدە فرانسۇز تىلى دۆلەت مۇستەقىللىكىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلىرىدىن بىرى: جۇمھۇرىيەت تىلى فرانسۇز تىلى (1958-يىلىدىكى ئاساسى قانۇننىڭ ئىككىنچى ماددىسى)؛ يەنە شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى فرانسۇز مەدەنىيىتى ۋە فرانسۇز ئىدىيىسىنىڭ ھەرىكەت كۈچى.

دۇنيادا 201مىليون كىشى تەرىپىدىن ھەقىقى ئاساسلىق تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان (دۇنيا فرانسۇز تىلى تەشكىلاتىنىڭ 2009-يىللىق سىتاتىسكىسى)، 309 مىليون كىشى تەرىپىدىن قوشۇمچە تىل ياكى چەتئەل تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلىدىغان فرانسۇز تىلى، دۇنيادا ئەڭ كۆپ سۆزلىنىدىغان تىللار ئىچىدە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مەزكۇر تىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالتە رەسمى تىلى ۋە ئىككى خىزمەت تىلىنىڭ بىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش دۇنياۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەسمى ياكى خىزمەت تىلى ھېساپلىنىدۇ. كونا فرانسۇز رېجىمى، رۇسلارنىڭ چار پادىشاھى تاكى گىرمانىيە ۋە ئىسپانىيە پادىشاھلىرىغا قەدەر، فرانسۇز تىلى، ئېنگلىز ۋە ئىسپان تىللىرىنىڭ قاتارىدا ئاساسلىق دېپلوماتىيە تىلى بولۇپ كەلدى. ئەمما، خەلقئارا ئىقتىسادى ۋە ئىلمى تەتقىقات ساھەلىرىدە، بارغانسېرى ئېنگلىىز تىلى تەرىپىدىن بېسىلىپ كېتىۋاتىدۇ.

فرانسۇز تىلىنىڭ تەرەققىياتىدا فرانسۇز ئاكادېمىيىسى ۋە نۇرغۇن زىيالىيلارنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. بۇ تىل يەنە "ئاكادېمىك تىلى" دىيىلىدۇ. ئادەتتە، بۇ تىلنى تەرپلەش ئۈچۈن، فرانسۇز دىراماتورگى موللېرنىڭ ئىسمى بىلەن "موللېر تىلى" دەپ ئاتىلىدۇ.

تارىخ[تەھرىرلەش]

قاراڭ[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]