گارسىيا ماركۇزنىڭ ئىقرارى
گارسىيا ماركۇزنىڭ ئىقرارى
گارسىيا ماركۇس(1927-2014)— كولۇمبىيەلىك دۇنياۋىي يازغۇچى، نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى. «يۈز يىل غېرىبلىق»، «ئائىلە باشلىقىنىڭ ھالاكىتى»، «خولىرا يىللىرىدىكى مۇھەببەت»، «پولكوۋنىكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن دۇنيادا زور شۆھرەت قازانغان. سالونىمىزدا بۈگۈن ئەدىبنىڭ 1980- يىلىدىكى سۆھبىتى قىسمەن قىسقارتىشلار بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلدى.
.... پويېزغا ئولتۇرۇپ جەنۋە شەھرىگە بېرىشىم ئۈچۈن سەككىز سائەتلىك مۇشەققەتلىك يولنى بېسىشىمغا توغرا كېلىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى دوستلىرىمدىن «يۈز يىل غېرىبلىق» رومانىمدىن بىر نۇسخا ئېلىۋالغان ئىكەنمەن. بولمىسا، ئوقۇيدىغان ھېچنەرسە يوق زېرىكىپ كەتكەن بولاتتىم. شۇنداق قىلىپ، ئۆزۈم يازغان روماننىمۇ ئوقۇدۇم. ئېنىقرەك دېسەم، ئۇنىڭ ئۈچ – تۆت بابىنى چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلدىم...
— خوش، ئۆزىڭىز يازغان كىتاب ئۆزىڭىزگە ياقتىمۇ؟
— راستىنى دېسەم، ياقمىدى. بىر ئەسەرنى يېزىۋاتقىنىڭدا دۇنيادا ئۇنىڭدىن ياخشىراق ئەسەرنىڭ يوقلۇقىغا ئىشىنىپ قالىسەن. ئەمما ئۇنى بۇ قېتىم ئوقۇغىنىمدا روماننى يېزىۋاتقان چاغلىرىمدا مەندە نېمىدۇر يېتىشمىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. يەنى، ئەسەردە پەقەت ۋەقە – ھادىسىلەرنى سۆزلەپ بېرىپتىمەن. بۇ بولسا يازغۇچى ئۈچۈن ناھايىتى ئۇيات ئىش.
ئەسلىدە بۇ ئەسەرنى يېزىشقا باشلىغان چېغىمدا ۋاقت قىس، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېزلىكتە پۈتكۈزۈشۈم كېرەك ئىدى. «ئائىلە باشلىقىنىڭ ھالاكىتى» رومانىمنى بولسا ساق يەتتە يىلغىچە خاتىرجەم يازدىم. شۇ سەۋەبلىك «يۈز يىل غېرىبلىق»نىڭ تۇغۇلۇشى قىيىن بولغان.
مەن ناھايىتى چىڭگىز ئوقۇرمەن. ئەگەر كىتاب زېرىكتۈرسە، ئۇنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىمەن. ئەسەر يېزىۋاتقان چېغىمدىمۇ شۇنداق قىلىمەن. قولۇمغا قەلەم ئېلىشىم بىلەن تەڭ يېزىۋاتقانلىرىم ئوقۇرمەن ئۈچۈن زېرىكىشلىك چىقىۋاتقاندەك تۇيۇلۇشقا باشلايدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئەسەرلىرىمنى جانلاندۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىمەن. «يۈز يىل غېرىبلىق»نى يېزىۋاتقىنىمدىمۇ شۇنداق بولغانىدى. ئەسەردە ناھايىتى كۆپ ئەۋلاتلار ھەققىدە ھېكايە سۆزلىنىشى كېرەك ئىدى. كېيىنچە رومانىم دەۋرىي تەكرارلىقتىن ئىبارەت بولۇپ قالدى، ئوقۇرمەننى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ، دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يېزىلىپ بولغاندا ئۇنى يېزشتىن توختىدىم.
— بىر تەنقىدچى «يۈز يىل غېرىبلىق» رومانى «ئائىلە باشلىقىنىڭ ھالاكىتى»نىڭ مۇقەددىمىسىگە ئوخشاپ قالغان، دېگەنىدى. يەنە بەزىلەر بولسا، روماننى چۈشىنەلمىگەن جايلىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنى قايتا – قايتا ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ بۇ گەپلەرگە نېمە دەيسىز؟
— سوئالىڭىزنى ئاڭلاپ، «يۈز يىل غرىبلىق» رومانىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقسام، بولغىدەك دەپ ئويلاپ قالدىم. ئىشىنىڭكى، بۇ سىز ئۈچۈن قانچىلىك قىزىقارلىق بولسا، مەن ئۈچۈنمۇ شۇنداق.
تەنقىدچى تونۇشلىرىم ناھايىتى كۆپ. ئۇلار «يۈز يىل غېرىبلىق» ھەققىدە بەك كۆپ ئوبزورلارنى يېزىشتى. ئەمما، مېنىڭ بۇنداق ئوبزورلارنى ئوقۇمىغىنىمغا ئوزاق بولدى. چۈنكى، مەن تەنقىدچىلەرنىڭ ساختا ۋە ناتوغرا پىكىرلىرىنى زادى قوبۇل قىلالمايمەن. مەن ئوقۇرمەن بىلەن يازغۇچىنىڭ بىۋاسىتە ئالاقىدە بولۇشىنى، ئارىغا «دەللال» قىستۇرۇلماسلىقىنى خالايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئەسەرگە تۇتۇش قىلغان ۋاقتىمدا دائىم ئەسەرلىرىم ئارقىلىق ھېچبىر «دەللال»سىز ئوقۇرمەنلەرگە بىرەر نەرسە يەتكۈزۈشكە ئورۇنىمەن.
بەزى تەنقىدچىلەر مۇئەللىپنىڭ ئەسەردە نېمە دېمەكچى بولغانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۆزى قانداق چۈشەنگەن بولسا، ئوقۇرمەنلەرگە شۇنداق چۈشىنىشنى تاڭماقچى بولىدۇ. دېمەك، بۇنداق ئەھۋالدا مۇئەللىپ بىلەن ئوقۇرمەنلەر ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئالاقە قالمايدۇ. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئوبزورچىلارنى ياخشى كۆرمەيمەن. مېنىڭچە، ئۇلار يازغۇچى بىلەن ئوقۇرمەن ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋېلىپ، توسقۇنلۇق قىلىدۇ. گاھىدا ئۇلارنىڭ مۇئەللىپكە: «سىز چەتتە تۇرۇڭ، مەن ئوقۇرمەنلەر بىلەن گەپلىشىۋاتىمەن» دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ، جەھلى قاتىدۇ ئادەمنىڭ. ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئېسىگە نە مۇئەللىپ، نە يازغۇچى كەلسۇن؟ بەلكىم، «يۈز يىل غېرىبلىق»تا مەسىلە كۆپتۇر، چۈشەنگىلى بولمايدىغان يەرلىرىمۇ ئاز ئەمەستۇر. ئەمما كۆپلىگەن تەنقىدچىلەر ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن «ھەتتا مۇئەللىپنىڭ ئۆزىمۇ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ» دەپ جار سېلىشىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ پىكىرىنى مەنسىتمەيمەن. «بەلكىم، ئۆزى شۇنداقتۇر» دەپ كۈلۈمسىرەپ قويىمەن.
«يۈز يىل غىرىبلىق» «ئائىلە باشلىقىنىڭ ھالاكىتى» نىڭ مۇقەددىسىمىسىمۇ؟ بەلكىم، تەنقىدچىلەرنىڭ نەزىرىدە «يۈز يىل غىرىبلىق»لا ئەمەس، باشقا ئەسەرلىرىممۇ شۇنداقتۇر. بىراق، مېنىڭ نەزىرىمدە «ئائىلە باشلىقىنىڭ ھالاكىتى» پۈتۈنلەي باشقا ئەسەر.
ئەسەرلىرىمنى قايتا – قايتا تەھلىل قىلىش ئۆزۈمگىمۇ ياقىدۇ. چۈنكى، مېنى ئەسەرلىرىمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئوزاق داۋام قىلىش – قىلماسلىقى قىزىقتۇرىدۇ. ئەدەبىيات تارىخىدىن مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرلەردە جاھاننى ھەيرەتكە سالىدىغان كۆپلەپ ئەسەرلەر ئىجاد قىلىنغان. كېيىنچىلىك بولسا، ئۇلار ئۇنتۇلۇپ كەتتى. ھازىر بولسا، ئۇ كىتابلارنى ھېچكىم ئەسلەپمۇ قويمايدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئۆز ۋاقتىدا قولمۇ – قول ئۆتۈپ ئوقۇلغان رېتسارلىق رومانلىرى بۈگۈن قېنى؟ «يۈز يىل غىرىبلىق»تا بولسا ھېچكىم ھېچقاچان بىلمەيدىغان دەۋرلەر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. شۇ سەۋەبلىك بەزىدە ۋاقتنىڭ بۇ رومانىمغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلمەي ئەنسىرەپمۇ قالىمەن. «يۈز يىل غېرىبلىق» ماڭا ئېلىپ كەلگەن شۆھرەت ۋە ناھايىتى كۆپ تىراژدا سېتىلغانلىقى، دۇنيادىكى ئوتتۇزدىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى مەن ئۈچۈن ئۇنچە چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس. مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئەسىرىمنىڭ بىرىنچى ئەۋالاتتىن ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى... ئەۋلاتلارغىچە سالمىقىنى يوقاتماستىن ئۆتۈشىدۇر. مېنىڭچە، دەل مانا شۇ ئەدەبىياتتا قېلىش بولسا كېرەك.
ئەپسۇسكى، مۇئەللىپ ھېچقاچان ئاددىي ئوقۇرمەننىڭ پىكىرىنى بىلەلمەيدۇ. بۇنىڭغا شان – شۆھرەت سەۋەبلىك بارلىققا كەلگەن مۇساپە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
بەزىدە خوتۇنۇم مېرسېدېس بىلەن ئۆيدە يالغۇز قالغىنىمىزدا كىملەرنىدۇر كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىمىز، بەزىلىرى تېلېفونمۇ قىلىشىپ قويماي كىرىپ كېلىشىدۇ. دوستلىرىمىز ھەقىقەتەن كۆپ. بەزىدە يىگىرمە – ئوتتۇز كۈنلەرگىچە كۈندىلىك پائالىيەتلىرىمىز، سورۇنلىرىمىز ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قالغان بولىدۇ. مانا شۇنداق زىياپەتلەردە شان – شۆھرەت سەۋەبلىك يەكلىنىپمۇ قالىدۇ ئادەم.
— ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەتلىرىچۇ؟
— شۇنداق، ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەتلىرى ئۈزۈلمەيدۇ. خەتلەردە مېنىڭ شەخسىي تۇرمۇشۇمدىن باشلاپ سورىشىدۇ. ھەتتا بەزى خەتلەردە «سۆيگۈ» ئىزھارى كېلىدۇ. بۇ ناھايىتى يېقىمسىز ئىش. خوتۇنۇم بۇنداق خەتلەرگە جاۋاب قايتۇرماسلىقنى ھەم ساقلاپمۇ قويماسلىقنى تەۋسىيە قىىلدۇ.
ئەپسۇسكى، ئاددىي ئوقۇرمەنلەر بىلەن بولغان ئالاقىگە ئۇلارنىڭ تارتىنچاقلىقى تۇسالغۇلۇق قىلىدۇ. ئەقەللىيسى، ئۇلارنىڭ سېنىڭ ئىجادىڭ ھەققىدە قانداق ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيسەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «يۈز يىل غېرىبلىق»نىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە تارىخى ئىكەنلىكىنى يېزىپ تۇرىدىغانلىرىمۇ ئاز ئەمەس. تەبىئىيكى، كارب دېڭىز بويلىرى ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدا ياشايدىغان ئادەملەردىن بۇنى ئاڭلاشننىڭ ھېچقانچە ئەجەبلىنەرلىك يېرى يوق. بىراق بىر كۈنى گېرمانىيەدىكى كىچىك بىر شەھەردە (ئەپسۇسكى، نامى ئېسىمدە قالماپتۇ) ياشايدىغان بىر گېرمان ئايالدىن خەت ئالدىم. ئۇنىڭ يېزىشىچە، «يۈز يىل غېرىبلىق» ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ تارىخى ئىكەن، ماكوندو بولسا ئۇلارنىڭ سەھراسى...
بۇ مېنىڭ «يۈز يىل غېرىبلىق»نى كىنو قىلىم ئىشلەشكە نېمىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىمنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. ھەقىقەتەن پۇل ئۈچۈن ھەممە ئىشقا تەييار تۇرىدىغان، ئەسەرنى قوشۇمچىلەر بىلەن «بېيىتىدىغان» رېجىسسۇرلار، بولۇپمۇ شىمالىي ئامېرىكىلىق مەزكۇر ساھە مۇتەخەسسىسلىرىگە دائىم رەت قىلىش جاۋابىنى بېرىپ كەلگەنىمەن. ئۇلار مېنى كۆندۈرۈش ئۈچۈن بىر مىليون، ئىككى مىليون، بۈگۈنكى كۈندە ئۈچ مىليون دوللار باھا قويۇشماقتا. بىراق، پۇل پىكىرىمنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسى بولالمايدۇ. مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتابىمدىكى پىرسۇناژلارنى قانداق پەرەز قىلسا، شۇنداقلىقىچە تەھلىل قىلىشىنى خالايمەن. يەنى، بىر ئوقۇرمەن ئۇرسۇلانى مومىسىدەك تەسەۋۋۇر قىلسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ ئوبرازىنى سىڭلىسىدەك كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ كىتابىمنى ئوقۇشىنى خالايمەن. چۈنكى، ئوقۇرمەن ئەسەرنى ئوقۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ شەخسىي ئوبرازلىرىنى يارىتىدۇ. ئېكراندا بولسا ھەربىر پىرسۇناژنىڭ ئۆز قىياپىتى بار. بىلمىدىم، بۇنداق «قالتىس» ئىش ئوقۇرمەننىڭ كۆڭلىنى لەسسىدە قىلمامدۇ؟ ئىشقىلىپ ئوقۇرمەنلەر ئورسۇلارنى مەيلى ھەدىسىگە ئوخشاتسۇن، مومىسىغا ياكى ئانىسىغا ئوخشاتسۇن، ئۇلار مەيلى چىرايلىق ياكى كۆرۈمسىزرەك بولسۇن... مېنىڭچە، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يازغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇلاقەت ئەنە شۇ!
— دېمەك، ئەسەرنى فىلىم قىلىپ ئىشلەش ئوبرازلارنى بوزۇشى مۇمكىن، شۇنداقمۇ؟
— ھەئە، بۇ ئىش دەل ئوبرازلارنى ئۆزگەرتىدۇ. كىنولارنى كۆرۈۋاتقىنىمىزدا «قارا، ئۇنىڭ ئۈستى – بېشىغا قارا» دەيمىز ئەمەسمۇ؟ شۇ ھالەتتە ئۇلاردىن كۆڭلىمىزنىڭ سوۋۇپ بېرىۋاتقاقلىقىنى ھېس قىلىمىز.
— ئۆزىڭىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئۈچ نەپەر ئەدىپنى ئېيتىپ بېرەلەرسىزمۇ؟
— ئەدەبىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئەلمى – تەلمىنى بىلمەي تۇرۇپ، بىر نەچچە ئەدىبنى ساناپ ئولتۇرۇش ياخشى ئەمەس. «ئائىلە باشلىقىنىڭ ھالاكىتى»نى يېزىۋاتقان كۈنلىرىمنىڭ بېرىدە ئۇنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى بىلمەي ئىككىلىنىپ قالدىم. دەل مۇشۇ چاغدا قولۇمغا تاسادىپى ھالدا ئېرنېست ھېمىڭۋاي كىرىش سۆز يازغان «ئافرىقىدىكى ئوۋ» ناملىق ئەسەر چۈشۈپ قالدى. مېنى ھەيران قالدۇرغان ئىش شۇ ئىدىكى، ھېمىڭۋاي نېمە سەۋەبتىن بۇ ئەسەرگە كىرىش سۆز يازىدۇ؟ مۇشۇ قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئەسەرنى ئوقۇشقا باشلىدىم. ئەمما دەسلەپ ئەسەر مەندە ئۇنچە ياخشى تەسىر قوزغىمىدى. شۇنداقتىمۇ ئادىتىمگە ئاساسەن ئۇنى ئاخىرىغىچە ئوقۇپ چىقتىم. كىتاب ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ھېمىڭۋاينىڭ نېمىشقا بۇ ئەسەرگە كىرىش سۆز يازغانلىقىنى چۈشەندىم. چۈنكى، كىتابتا ئوۋ ۋە فىل ھەققىدە ئاجايىب كاتتا بايانلار بار ئىدىكى، مۇئەللىپ ھايۋانلارنى كۆزىتىش، ئۆگىنىش جەھەتتە كۆپچىلىككە ئۆرنەك بولالايتتى. ئەسەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كەمچىلىكىمنىڭ نېمىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. باشقىچە ئېيتقاندا، كۈتۈلمىگەندە ئەسىرىمدىكى قەھرىمانىمنىڭ مىجەز – خاراكتېرىنى ئىپادىلەشنىڭ ئاچقۇچىنى تېپىۋالدىم.
ئەدەبىي تەسىرنى تولۇق ئىسپاتلاشنىڭ ئىلاجى يوق. بەزى تەنقىدچىلەر ئەدىپلەرنى باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتا ئەيىبلەپ، شۇنداق كىتابلارنى مىسال كەلتۈرۈپ كېتىدۇكى، ئۇلارنى ھەتتا يازغۇچىمۇ ئوقۇمىغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋىتى كەلگەندە تەنقىدچىلەرنىڭ كۆپىنچە مۇشۇنداق خاتالىققا يول قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويمىسام، ئادالەتسىزلىك بولۇپ قالىدۇ. ئاخىر، ئادەم باشقا بىراۋنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇماي تۇرۇپ قانداق تەسىرگە ئۇچرىشى، ئىلھاملىنىشى مۇمكىن.
بۇ يەردە ئېنىق قىلىپ ئېيتسام، مەن فىرانسس كافكادىن كۆپلەپ تەسىر قوبول قىلغانمەن. مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە كىمنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇسام، ئاشۇ تېمىدا ئەسەر يېزىشنى ياقتۇراتتىم. ئەمما ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا كافكانىڭ ھېكايىلەر توپلىمى قولۇمغا چۈشۈپ قالدى ۋە ئۇنى ئوقۇشقا باشلىدىم. كۆڭلۈمدە: «بۇ ئەسەر ئەدەبىياتقا ياراپتۇمۇ، دېمەك يېزىشقا ئارزىيدۇ» دېگەن خىيال باش كۆتۈردى ۋە ئادەملەرگە ئېيتىدىغان گەپلىرىم بارلىقىنى چۈشەندىم. ئەتىسى قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
ھازىرغىچە يازغان ھېكايىلىرىمدە كافكانىڭ تەسىرى بارلىقىنى تەن ئالىمەن. لېكىن، ئۇلار ئىجادىيەتلىرىمنىڭ دەسلەپكىلىرى ئىدى. بۇ ئەسەرلىرىمنى قايتىدىن ئوقۇپ چىققىنىمدا ئۇلارنىڭ مەۋھۇم ئوي – خىياللاردىن ئىبارەت بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەنە ھەقىقى ھايات بىلەن يۈزمۇيۈز كەلگەن جايغا— سەھرايىمغا قايتتىم. بۇ يەردە ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. شۇنىڭ ئۈچۈن كافكاغا رەھمەت ئېيتىمەن. چۈنكى، ئۇ مەن يازماقچى بولغان، لېكىن ئەرزىمەس ئەسەرلەرنى يازمىغانىدى.
بىر كۈنى فولكنېرنىڭ ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەنگەن يەرلەر بىلەن تونۇشۇش مەقسىتىدە ئامېرىكىنىڭ شىمالىغا قاراپ يول ئالدىم. ئۇ يەر مەن تۇغۇلغان ئاراكاتاكا شەھىرىگە ناھايىتى ئوخشاش كېتەتتى. بەلكىم، ماڭا شۇنداق تۇيۇلغاندۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ئوخشاش تەرەپلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئاراكاتاكادا تۆرمۈر تاملار، پويېز ۋاگونلىرى، پالمىلار ۋە ئوتلاقلار پەيدا بولدى. قوشما شىتاتلارنىڭ جەنۇبىدىمۇ بار. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەندىن كېيىن فولكنېرنىڭ «ماركوس مېنىڭ ئەسەرلىرىمنى ئوقۇغان» دېگەن سۆزلىرى يېشىمىنى تاپقاندەك بولدى. يەنى، فولكنېر ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىمنى تەن ئالماسلىق توغرا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندىم.
ئەجەبلىنەرلىك يەنە بىر تەسىرگە ئۇچراش. ئېنىقكى، بۇنى ھېچقانداق بىر تەنقىدچى سەزمىگەن ۋە ھېس قىلالمىغان. ئۇ بولسىمۇ ۋېرگىنيە ۋولفدۇر. ئۇنىڭدىكى ئۆزىگە خاسلىق ۋە ھەيران قالارلىق دەرىجىدە دۇنيانى ھېس قىلىش، بولۇپمۇ دەۋرنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىش ئالاھىدىلىكى مېنىڭ يازمىلىرىمغا ياردەم بەرگەن.
مەن نامىنى تىلغا ئالغان ئۈچ نەپەر يازغۇچىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسپان تىللىق يازغۇچى ئەمەسلىكىنى بىلىسىز. ئەمما، مېنىڭ ئىجادىيىتىمگە ھەممىدىن بەكرەك تەسىر كۆرسەتكىنى، ئالتۇن ئەسىر ئىسپان شېئىرىيىتى. باشقىچە ئېيتقاندا، مەن ئىسپان تىلىنى ئۆگىنىشىم نەتىجىسىدە مول پوئېتىك بىلىمگە ئىرىشتىم. ھازىر ئىشەنچ بىلەن «ئىسپان شېئىرىيىتىنى بەش بارماقتەك بىلىمەن» دەپ ئېيتالايمەن. بۇ ھال مېنىڭ ئىجادىيىتىمگە ئاسقاتىدۇ.
شۇنىڭدەك ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىدىكى كولۇمبىيە ۋە كارىب دېڭىزى ئاراللىرىنىڭ خەلق ناخشىلىرىمۇ ماڭا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ تەسىرىنى تەرىپلەپ بېرىش قېيىن، پەقەت لەززەتلىنىش، ھاياجانلىنىش مۇمكىن. مەن ئۇلارنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرىۋاتقىنىمدا بەك كېچىككەنىدىم. شۇنداق بولسىمۇ ناخشىلاردا دۇنيا ئەكس ئېتىدۇ. ھەرھالدا مەن شۇنداق ئويلايمەن.
كارىب مۇزىكىلىرىدىكى ئاددىيلىق ۋە سەمىمىيلىكمۇ مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ. بۇ ھالەت «ئائىلە باشلىقىنىڭ ھالاكىتى»دە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. شۇنىڭ ئۈچۈن تەرجىمانلار قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. ئەسەر كارىب خەلقلىرىنىڭ شېئىرلىرى بىلەن بېيىتىلغان، جۈملىدىن، ئۇنىڭدا كۇبالىقلارنىڭ، مېكىسىكىلىقلارنىڭ ناخشىلىرىمۇ بار. بۇنىڭ ئاڭلىق ھالدا شۇنداق قىلىنغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. بۇ مۇئەللىپنىڭ لەززەتلىنىشى ئۈچۈن قىلغان ئۆزىگە خاس ئەدەبىي ئويۇنى ئىدى.
— ئەسەرلىرىڭىزدىكى ئوبرازلار...
− ئەسەرلەردىكى ئوبراز ئېنىق شەخس ئەمەس. ئۇ كۆپلەپ كىشىلەرنىڭ يۇغۇرۇلمىسى. ئەگەر كىمدۇر بىرەر سىرتقى قىياپەتنى بارلىققا كەلتۈرمەكچى بولسا، ئەلۋەتتە ياۋۇز كۆزنى بىرسىدىن، بۇرۇننى يەنە بىرسىدىن، چاچنى، مىجەز – خاراكتېرنى يەنە باشقىلاردىن ئېلىپ، ياۋۇز بىر ئادەمنىڭ كۆرۈنۈشىنى تەسۋىرىلەيدۇ. ئۆزۈمنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئوبرازلار ھەققىدە توختىلىش توغرا كەلسە، ئۇلار ئاساسەن مەن تونۇيدىغان، ئەسلەيدىغان ئادەملەردىن يارىتىلغان. ئوبرازلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسىنى ئاۋۋال مۇئەللىپ تاللايدۇ. ئۇ مەيلى ئەر-ئايال ياكى ياخشى – يامان بولسۇن، بەرىبىر دەسلەپكى تەسىرلىنىش مۇئەللىپتىن باشلنىدۇ. كېيىن ئۇنى ھەقىقى ئوبراز قىلىپ شەكىللەندۈرۈش باشقىچە مەسىلە. پىرسۇناژلارنى مۇئەللىپ يۈرىكىدىن ھېس قىلىدۇ: كىم يامانۇ كىم ياخشى. قىسقىسى، قەلبتە نېمە بولىسا، ئاشۇ بارلىققا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئەتىگەندە باشقىچە ئادەم بولساڭ، كەچتە پۈتۈنلەي باشقىچە ئادەمگە ئايلىنىسەن....
(زىياكار تەرجىمىسى)