گاليازو كىئانو

ئورنى Wikipedia


سابىق فاشىسىتىك ئىتالىيە دېپلوماتىيە ۋەزىرى گىراف گاليازو كىئانو 1903-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1944-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى 40 يېشىدا ناتسېسىت فېئورېرىنىڭ بېسىمى بىلەن موسسولىننىڭ جازا ئەتىرتى ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :گاليازو كىئانو


باشقا نامى :كىئانو

دۆلەت تەۋەلىكى :ئىتالىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1903-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1944-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى

كەسپى :دېپلوماتىيە ۋەزىرى

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :رىم ئونۋېرسىتتى

ئىنگلىزچە نامى :Gian Galeazzo Ciano, 2nd Count of Cortellazzo and Buccari

ۋەكىللىك ئەسىرى :كىئانو كۈندىلىك خاتىرىسى

ئاساسلىق نەتىجىلىرى :ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ ئالىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە دىپلوماتىيە ۋەزىرى

شەخس تونۇشتۇرۇلۇشى[تەھرىرلەش]

سابىق فاشىسىتىك ئىتالىيە دېپلوماتىيە ۋەزىرى گىراف گاليازو كىئانو 1903-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1944-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ناتسېسىت فېئورېرىنىڭ بېسىمى بىلەن موسسولىننىڭ جازا ئەتىرتى ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. ئۇنىڭ تۇغۇلغان ئائىلىسى ئاقسۆڭەك ئائىلىسى بۇلۇپ، دادىسى گىراف بولغاچقا ئۇنىڭغىمۇ گىرافلىق ئۇنۋانى بىرىلگەن. ئۇ ئىلگىرى فاشىسىتلار پارتىيسىنىڭ مۇدىريەت ئەزاسى، ئىتالىيە پادىشاھلىقنىڭ ئۇچۇر ۋە تەشۋىقات ۋەزىرى بولغان. ئۇنىڭ دادىسى موسسلىننىڭ يىقىن مۇرىتى بۇلۇپ، رىمغا قوشۇن كىرگۈزۈشكە قاتناشقان، كىيىن موسسولىننىڭ ئىز باسارىغا سايلىنىپ، قاتناش ۋەزىرى ۋە پارلامىنىت باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بۇنداق كاتتا بايلىق ۋە ئالاھىدە يىقىن مۇناسىۋەت كىيانونىڭ ناھايتى تېزلىكتە ئۆسۈشىگە شوتا بولغان.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • شەخس تونۇشتۇرۇلۇشى
  • ئىش-ئىزلىرى
  • تۆھپىسى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ئىش-ئىزلىرى[تەھرىرلەش]

1925-يىلى كىيانو رىم ئونۋېرسىتتىنىڭ قانۇن فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئىشنى خەۋەردىن باشلىغان. شۇ يىلى يەنە ئىتالىيە دېپلۇماتىيە ۋازارتىگە ئىشقا چۈشكەن.

1930-يىلغىچە قەدەر بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ) قاتارلىق جايلاردىكى ئەلچىخانىلاردا ئىشلىگەن. جۇڭگودىكى ۋاقىتتا كىيانونىڭ بېشىغا ئامەت قۇشى قۇنۇپ، موسسولىنننىڭ ئامراق قىزى ئېيدا بىلەن تۇنۇشۇپ، 1930-يىلى توي قىلغان. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئامىتى ئوڭدىن كىلىشنى باشلىغان. شۇندىن كىيىنلا شاڭخەي دىكى تۇرۇشلۇق ئىتالىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىلىكىگە، ئاندىن ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ جوڭگودىكى باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەن.

1934-يىلدىن باشلاپ كىيانو ئىتالىيە نەشىريات ئىدارسىنىڭ باشلىقلىقىغا، ئارقىدىن موسسولىننىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدېرلىقىغا تەيىنلەنگەن.

1935-يىلى فاشىسىتىك ئىتالىيەپادىشاھلىقنىڭ ئۇچۇر ۋە تەشۋىقات ۋەزىرى بولغان.

1936-يىلى دېپلوماتىيە ۋەزىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن. شۇندىن باشلاپ فاشىستىك ئىتالىيىنىڭ تاشقى ئىشلىرى، ئىچىكى ئىشلار، پارتىيە خىزمىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممسىدە ئۇنىڭ سىماسى كۆرۈنۈشكە باشلاپ،مۇھىم شەخسكە ئايلانغان. ھەتتا ھەل قىلغۇچ قارارلارنى چىقارغان. ئۇنىڭ تەختكەچىققاندىن كىيىنكى بىرىنچى قىلغان كاتتا ئىشى ناتسېسىت گېرمانىيسى بىلەن ئىتتىپاقتۈزۈش بولغان.

1936-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى كىيانو ناتسېسىت گېرمانىيسىنىڭ دېپلوماتىيەمىنىستىرى نېرانىت بىلەن كىلىشىم ئىمزالاپ، بېرلىن-رىم ئوق مەركىزنى قۇرغان. لىكىن كىيانو كۆڭلىدە ناتسېسىت گېرمانىيسىگە ئىشەنمىگەن. ئۇ ناتسېسىت گېرمانىيسىگەبېقىنىشنىڭ، ھايات-ماماتتا بىللە بۇلۇشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق دەپ قارىغان. شۇڭا بۇ كىلشىمنى ئىمزالاشنى بىر يىلدىن ئارتۇق سۆرىگەن. بىراق موسسولىننىڭ قاتتىق تۇرۋېلىشى بىلەن 1939-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى رېبىنتۇرۇپ بىلەن تۆمۈر ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان.

ئۇ ھامان فاشىزىمنىڭ مەغلۇپ بولدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتكەچكە، گېتلىر ئاۋېستىريىنى يۈتۋالغاندىن كىيىن، ئۇ گېتلىرىنىڭ كېڭەيمىچىلىكىنىڭ ئىتالىيىگە ئەپ كېلىدىغان زىينىنى تونۇپ يېتىپ، رېبىنتۇرۇپ بىلەن سۆھبەتتە ئۇرۇشنى تىلغا ئالمىغان. ئۇنىڭ قاتتىق تۇرۋېلىشى بىلەن موسسولىنى گېتلىر بىلەن قوشۇن چىقىرىپ بىللە ئۇرۇش قىلشنى خالىمىغان. كىيىن موسسولىن ئۇنى يۇقىرى قاتلام–ئىچكى كابىنىتقا ئەپكىرىپ، زور بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى ئۇنىڭ پىكىرى بويچە ئالماشتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ئىتالىيدە كىيانو دەۋرى بارلىققا كەلگەن. كىيىن موسسولىن گېتلىر بىلەن بىللە قوشۇن چىقىرىپ ئىتتىپاقداشلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مانا مۇشۇ چاغدىن باشلاپ كېيانونىڭ ئىديىسىدە ئۆزگېرىش تېخمۇ كۈچەيگەن.

گېتلىر ۋە رېبىنتىروپنىڭ يالغانچىلىقى، گېرمانىيە ئارمىيسىنىڭ ئۆكتەم-ھاكاۋۇرلىقى، باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىقى ئۇنىڭ تېخمۇ ئوغسىنى قايناتقان. يەنە كېلىپ ئىتالىيىدىكى پادىشاھ، ئاقسۆڭەكلەر، دوكار بايلار ۋە فاشىسىت پارتىيسىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى موسسولىننىڭ گېرمانىيگە  بېقىنىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئەنگېلىيە-ئامىرىكا بىلەن يېقىنلىششقا باشلىغان. يەنە كىلىپ ئۇرۇش ۋەزيىتىنىڭ ناچارلىشىشىغا ئەگشىپ ئارمىينىڭ ئىچكى قىسىمىدىمۇ تەۋرىنىش كۆرۈلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.

بۇنىڭ بىلەن ئۇ بارا-بارا موسسولىندىن يىراقلىشىشقا باشلىغان. موسسولىن بۇنى سىېزىپ ئونىڭغا قاتتىق ۋاستە قوللىنىپ، ئۇنى ۋەزىپىسدىن قالدۇرۇپ، باش ئەلچىلىككە تەيىلىگەن.

1943-يىلى 7-ئاينىڭ باشلىرىدائىتتىپاقداشلار ئارمىيسى سېتسېليە ۋە ناپلىسقا كىرگەندىن كىيىن، فاشىستلارپارتىيسىدە ئۇچۇق ھالدا موسسولىنغا قارشى تۇرۇش شەكللەنگەن.

1943-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى فاشىستلار پارتىيسىدە جىددى يىغىن ئېچىلىپ، يىغىندا مۇسسولىنىغا تۇشمۇ-تۇش ھۇجۇم قىلىپ، موسسولىنىدىن 1938-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئاساسى قانۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھەربى ھوقوقنى پادىشاھقا قايتۇرۇپ بىرشنى تەلەپ قىلغان. ئەمەليەتتە بولسا موسسولىندىن ھوقوقىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئاندىن بىلەت تاشلاپ قارار قىلماقچى بولغان. كىيانو بىلەت تاشلاشتا موسسولىنغا قارشى بىلەت تاشلىغان. شۇنىڭ بىلەن موسسولىننىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى ئاخىرلاشقان. ئارقىدىن ئىتالىيە پادىشاھى موسسولىننى قولغا ئېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قولغا ئالغان. گىتلېر بۇنى ئاڭلاپ موسسولىننى قۇتقۇزۇپ، كىيانودىن ھېساپ ئالماقچى بولغان. ئىتالىيە پادىشاھى فاشىسىتلارنىڭ ئەنزىسىنى تەكشۈرمەكچى بولغاندا، گېتلىر ئۇنىڭغا ياردەم بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى ئىسپانىيگە يولغا سېلىپ قويدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن. كىيانو گېرمانىيگە كەلگەندىن كىيىن ئۇنى قولغا ئالغان. كىيىن گېتلىرنىڭ ياردىمى ئاستىدا قۇرۇلغان، موسسولىن قورچاق ھاكىميىتى ئۇنىغا گېتلىرنىڭ بېسىمى بىلەن «ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايتى» بىلەن ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.

تۆھپىسى[تەھرىرلەش]

بەلكىم ناھايتى كۆپ كىشىلەر 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەڭ كونا فاشىسىت–ئىتالىيە فاشىزىمىنىڭ تىرىلدۈرگۈچىسى بېنتو موسسولىننى بېلىشى مۇمكىن، بىراق نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ كۆيئوغلى، سابىق فاشىسىتىك ئىتالىيە دېپلوماتىيە ۋەزىرى گىراف گاليازو كىئانونى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى-ھاكىميەت باشقۇرۇشتا دېپلۇماتىيە كەم بولسا بولمايدىغان بىر باشقۇرۇش چارىسى، موسسولىننىڭ گىتلېر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشى، ياپونيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشى، ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى قۇرۇلۇشى ۋە باشقادۆلەتلەر بىلەن سودا-ئالاقە، ھەربى ئالاقە، سىياسى ئالاقىلەرنىڭ ھەممىسىدە مانا مۇشۇ مۇھىم شەخىس-كىيانو ئۇنىڭ مۇھىم پىچىكىلىق رولىنى ئوينىغان.