گاڭگۇڭ باقى

ئورنى Wikipedia

گاڭگۇڭ باقى 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قومۇل تاراتى تېغىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن،مەرد،باتۇر،قورۇقماس،ئادالەتپەرۋەر پالۋان.ياش چېغىدا قومۇلدىكى مانجۇ بەگ-ئەمەلدارلىرىنىڭ خورلاشلىرىغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاراتۈرۈك نوم تاغلىرىغا پالانغان. شۇ دەۋىرلەردە جاھالەتكە قارشى ساناقسىز كۆرەشلەرنى قىلغان سادىر پالۋانمۇ نوم زىندانىدا ئىدى. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ بۇ ئىككى سۆيۈملۈك پەرزەنتى زۇلمەتلىك زىنداندا تونۇشۇپ ، سىردىشىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان ۋە كېيىن زىنداندىن قېچىپ ئىلىگە ئۆتۈپ كەتكەن. شۇ چاغدا گاڭگۇڭ باقى 30نەچچە ياشلاردا ئىدى. شۇندىن ئېتىبارەن بۇ ئىككى پالۋان چېرىك مانجۇ ھاكىمىيتىگە قارشى قوزغالغان ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. گاڭگۇڭ باقى جەڭلەردە ئاجايىپ باتۇرلۇق كۆرسىتىپ،مانجۇ چېرىكلىرىگە ئەجەللىك ، قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. شۇڭا قوشۇن ئىچىدە ئىناۋىتى تېز ئۆسۈپ،قوزغىلاڭچى قوشۇن تەرپىدىن قۇرۇلغان ئىلى سۇلتانلىقىدا ئوردا مۇھاپىزەتچى قوشۇنىنىڭ مۇھىم سەركەردىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئۇنىڭ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيىدىغان يېرى شۇكى، ئۇ سادىر پالۋاننىڭ قولىغا قول،پۇتىغا پۇت بولۇپ ماسلىشىپ،ھەمدەم بولۇپ، خەلقنىڭ، مىللەتنىڭ ھۆرلۈكى،باراۋەرلىكى ئۈچۈن جانپىدالىق بىلەن كۆرەش قىلغان.

گاڭگۇڭ باقى بايانداي كۆرەسىگە( ئىلى جىياڭجۈن مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي) چىلپەنزە...قاتارلىق جايلارغا قىلىنغان ھۇجۇملارغا كۆپ قېتىم باشچىلىق قىلغان.

1871-يىلى،چاروسىيە ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، گاڭگۇڭ باقى ئىلى سۇلتانلىقى قوشۇنىغا باشلامچىلىق قىلىپ، ئورۇس چېرىكلىرىگە باتۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. قورغاستىكى بىر قېتىملىق دەھشەتلىك جەڭدە ھۆرلۈك ئۈچۈن تۇغۇلغان بۇ ئەزمەت شېھىد بولغان...

ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئاللا ئىگەم ھۆرلۈك يولىدا جان پىدا قىلغانلارنى ھەرۋاقىت جەننەت گۈلشەنىدە خوشھال قىلغاي!!! ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرۇش بىزنىڭ مەجبورىيتىمىز....


ئەرك دەپ سۇغارغان شەمشىرىڭ قېنى،

ئەرك دەپ يىقىلغان زەبەردەست تېنىڭ.

ئەرك دەپ توۋلىغان ھۇرايىڭ يەنە،

ئەرك دەپ ئاققۇزغان پاكىزە قېنىڭ...


قالدىمۇ زىنداندا گۈزەل ئارمانلار،

قالدىمۇ ئىلىنىڭ دولقۇنلىرىدا.

قالدىمۇ چىلپەنزە،بايانداي تامان،

قالدىمۇ قورغاسنىڭ پىنھانلىرىدا...


بەش بالاڭ بارمىتى يىتىم قالغۇدەك،

ئۇز ئاناڭ بارمىتى يولۇڭ باققۇدەك.

بىلەمسەن سېنىڭسىز تاراتى تېغى،

ھازىرمۇ ھەسرەتلىك دەملەر تارتقۇدەك...