گوڭ يو

ئورنى Wikipedia

گوڭ يو (خەنزۇچە: 孔劉) 1979-يىلى 1979-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى فۇساندا تۇغۇلغان. 1979-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى كورىيە نىڭ فۇساندا تۇغۇلغان. كورىيەلىك ئارتىس، كىنو چولپىنى.

شەخس ھەققىدە[تەھرىرلەش]

گوڭ يو 1979-يىلى 1979-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى فۇساندا تۇغۇلغان. دەسلەپتە 2001-يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان KBS تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مەكتەپ 4» (學校4) بىلەن ئېكرانغا چىققان.

ئىش-پائالىيەتلىرى[تەھرىرلەش]

2008-يىلىدىن 2009-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، قىسىمدا تۇرغان مەزگىلىدە، ئۇ كورېيە دۆلەتلىك ھەربىي رادىيوسى «گو يونىڭ كۈتكەن 20 سائىتى» پىروگىراممىسىدا دىكتورلۇق قىلغان ھەمدە «كىم جوڭۋوكنى ئىزدەش» (尋找金鐘旭) ناملىق كىنودا باش رول ئالغان. 2011-يىلى «ئوچاق» (熔爐) ناملىق كىنودا رول ئالغان.

2012-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «BIG»دە رول ئالغان. 2013-يىلى «گۇماندار» (嫌疑者) ناملىق كىنودا باش رول ئالغان.

شۇ يىلى ئۇ «ئەر بىلەن ئايال» (男與女)، «فۇسانغا ساياھەت» (釜山行)، «ئىشپىيون» (密探) قاتارلىق كىنولاردا ھەمدە ھازىرقى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان «غېرىبلىق ئىلاھى» (孤單又燦爛的神-鬼怪) تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان

شان-شەرەپلىرى[تەھرىرلەش]

2003-يىلى «ئارزۇ ئېكرانى» (夢想的螢幕) ئارقىلىق SBS ئورۇنداش چوڭ مۇكاپاتىنىڭ يېڭى ئارتىس شەرىپىگە ئېرىشكەن.

2005-يىلى «پىرەنىك ئوقۇتقۇچىسى» (餅乾老師星星糖) بىلەن باشقىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

2006-يىلى «قالتىس بىر كۈن» (精彩的一天) ئارقىلىق MBCنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئورۇنداش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2007-يىلى ئۇ يەنە «قەھۋە شاھزادسى 1-نومۇرلۇق دۇكان» (咖啡王子一號店)دا MBCنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]