Jump to content

گىگانىتلار زەربىدە

ئورنى Wikipedia

«گىگانىتلار زەربىدە» يەنە «ئۇشتۇمتۇت ھۇقۇم قىلىش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ياپونىيەنىڭ مانگو يۈرۈشلۈكلىرى يەشاياما ھاجىمە (ياپونچە: はじめいさやま) تەرىپىدىن يېزىلغان. ماسلاشتۇرۇلغان كارتون فىلىمى 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى قويۇلغان ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىل WIT STUDIO تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ، تۆتىنچى پەسىل MAPPA تەرىپىدىن ئىشلەنگەن. كارتون فىلىمنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 2023-يىلى 5-نويابىر قويۇلغان.


باشقا نامى attack on titan، 進撃の巨人
قويۇلغان ۋاقتى 2013-04-06
رېژىسسور ئاراكى تېتسۈرو (ئەجەل پۈتۈكى كارتون نۇسخىسىنىڭ رېژىسسورى)
ھەجۋىي كارتون ئاپتورى يەشاياما ھاجىمە
ئۇيغۇرچە نامى گىگانتلار زەربىدە،گىگانتلارغا زەربە
تۈرى قانخورلۇق،ئۇرۇش
قىسىم سانى 94-قىسىم
دىئالوگ تىلى ياپون تىلى
ئۇزۇنلىقى 24~26 مىنۇت

رولى

[تەھرىر]

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى

[تەھرىر]

يۈز نەچچە يىللار ئىلگىرى ئىنسانلارنى ئوزۇق قىلغۇچى گىگانتلار پەيدا بولۇپ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. ئىنسانلار ئۈچ دانە مۇستەھكەم سېپىل ئىچىدە يۈز يىللىق تىنچ تۇرمۇشنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. ئەمما ئېرېن يېگار بۇسېپىللار نىڭ سىرتىدىكى دۇنياغا ئىنتىلەتتى، ئۇ باشقىلارغا ئوخشاش سېپىل ئىچىدە مەڭگۈ تۇرۇشنى خالىمايتتى، سىرتتىكى دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى... ئىنسانلارنىڭ تىنچ تۇرمۇشى غايەت زور گىگانت ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز سېپىل تۈۋىدە پەيدا بولۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ چوڭ گىگانت ئەللىك مېتىر ئېگىزلىكتىكى مارىيا سېپىلى سىرتىدىن سېپىل ئىچىدىكى ئىنسانلارغا قاراپ تۇرغان شۇ دەمدە ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ گىگانتلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى قورقۇنچنى، ئۆزىنى ئۆزى قوتانغا سولىۋالغان مالغا ئوخشاش ھاقارەتنى ئەسكە ئالىدۇ.[1][2]

قىسىم

[تەھرىر]
  • 1- قىسىم «ئىككى مىڭ يىلدىن كېيىنكى سىزگە» (ياپونچە: 二千年後の君へ)[3]

845- يىلى، ئىنسانلار سېپىل ئىچىدىكى يۈز يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تىنچ تۇرمۇش قوينىدا بىغەم ياشاۋاتاتتى. بۇ كۈنى سېپىل سىرتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان يەزەك قوشۇن قايتىپ كەلدى، ئەمما ئۇلار زور بەدەل تۆلىگەنگە چۇشلۇق ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي قايتقان ئىدى، كوچىلاردا كىشىلەر ئۇلارنى كەينىدىن ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىۋاتاتتى... ئەمما ئېرېن يېگارنىڭ يەزەك قوشۇن ۋە ھازىرقى تۇرمۇشىغا بولغان قارىشى باشقىچە ئىدى، ئۇنىڭ نەزىرىدىكى يەزەك قوشۇن جەڭچىلىرى ھەقىقى قەھرىمانلار ئىدى، ئەكسىچە قاتمۇ-قات سېپىللار ئىچىدىكى ھاياتنى قوتاندىكى مالنىڭ كۈنىگە ئوخشىتاتتى...

شۇ كۈنى تۇرمۇش بۇرۇنقىغا ئوخشاش تىنچ داۋام ئەتمەكتە ئىدى، كوچا رەستىلەردە سودا-سېتىق قايناۋاتقان، بالىلار خۇشال ئويناۋاتقان، ئەسكەرلەر سېپىل قوۋۇقىنى ساقلىغاچ ھاراق ئىچىۋاتقان. ئەمما ئۇلار ھوشيارلىقنى يوقاتقان ۋاقىتنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇشقان ئىدى.

ئاتالغۇلار ئىزاھاتى:

  • يەزەك قوشۇن: سېپىل سىرتىدا گىگانتلارنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىسىم. (يەزەك- تۈركى تىللار دىۋانىدا قوشۇننىڭ ئالدىدا يۈرگۈچى ئاۋانگارت ئەترەت دەپ چۈشەنچە بېرىلگەن.)
  • تۇرغۇن قوشۇن: سېپىل ساقلاش، رېمونت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىسىم.
  • يورتۇغ قوشۇن: پادىشاھنىڭ يېنىدا شاھنى قوغداش، پۇقرالارنى باشقۇرۇش، تەرتىپ يۈرگۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىسىم. (يورتۇغ- تۈركى تىللار دىۋانىدا ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا خاقاننى قوغداپ ماڭغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر ياكى خاقاننىڭ ئۆزى بىلەن ئېلىپ يۈرگەن ھەمراھلىرى دېيىلگەن.)

تەسىر

[تەھرىر]

«گىگانتلار زەربىدە»نىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ياپونىيە كارتونلىرى ئىچىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىقىشى بىلەنلا توختاپ قالمىدى. «ھوقۇق ئويۇنى» ۋە «سېياھبېلىق ئويۇنى» قاتارلىق نەچچە يۈز مىليون مەبلەغ بىلەن ئىشلىنىپ، دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان داڭلىق تىياتىرلارمۇ «گىگانتلار زەربىدە»گە يۈزلەنگەندە يەنىلا «گىگانتلار زەربىدە»نىڭ ياراتقان نەتىجىلىرىگە ھەۋەس بىلەن قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ئىش قىلالمىدى.

«گىگانتلار زەربىدە» ھازىرغىچە ساناقسىز چوڭ-كىچىك رېكورتلارنى يەنە قالتىس نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇلارنىڭ ئىچىدە دوۋبەندە 9.9 نومۇر ئېلىشتەك قالتىس نەتىجىسى مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئەڭ قالتىس نەتىجىلىرىنىڭ بىرى.[4]

پايدىلانما

[تەھرىر]
  1. akburkut.com
  2. wiki-izde گىگانىتلار زەربىدە
  3. https://www.uyghur-archive.com/misranim/thread-116120-1-1.html
  4. ئادىل (2022-07-17). "«گىگانتلار زەربىدە» نېمىگە تايىنىپ دوۋبەندە 9.9دەك بۇنچە يۇقىرى باھا نومۇرىغا ئېرىشتى؟!". نۇر تورى.