گۇما بازىرى

ئورنى Wikipedia
گۇما بازىرى

固玛镇.Guma Town

گۇما ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە گۇما ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 16 دانە
نوپۇس 28 مىڭ
تور بېكەت گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

گۇما بازىرى شىنجاڭگۇما ناھىيىسى گە قارايدۇ، گۇما بازىرى بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاينىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ قارىمىقىدا 20 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ئومۇمىي كۆلىمى 305.6 كۋادرات كىلومېتىر ، جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 40 كىلومېتىر؛ شەرق-غەرب كەڭلىكى تەخمىنەن 15 كىلومېتىر، نوپۇس سانى 28 مىڭ ئادەم.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

گۇما بازىرىغا تەۋە كەنتلەر ئىچىدە تۆۋەندىكى كەنتلەر بار:

  • دانجىگ مەھەللىسى (2017)
  • گۈلباغ مەھەللىسى (2017)
  • فۇئەن مەھەللىسى (2020)
  • تىرىشچانلىق مەھەللىسى (2020)
  • گۈلباغ كەنتى
  • ئارايار كەنتى
  • ياپچان كەنتى
  • توغرا ئېرىق كەنتى
  • تۈگمەنبېشى كەنتى
  • ساغان كەنتى
  • بوستانئېرىق كەنتى
  • ئاستىقۇش كەنتى
  • نىشاندا كەنتى
  • تۇمشۇقئالدى كەنتى
  • يېڭى بازار كەنتى
  • ئوتتۇرا قاش كەنتى
  • سىتئېرىق كەنتى
  • چىگىلىك كەنتى
  • قىشلاق ئالدى كەنتى
  • بوستانتوغراق كەنتى
  • كىچىكيار كەنتى
  • كۆكتات مەھەللە كەنتى
  • تارقاق كەنىتى

تەبىئىي شارائىتى[تەھرىرلەش]

گۇما بازىرىداگۇما ناھىيىسى نىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى، ھەر قايسى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، مەدەنىيەت-مائارىپ، پەن تەتقىقات، داۋالاش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش، سۇ ئېلىكتىر تارماقلىرىنىڭ سىستېمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بار، گۇما بازىرى گۇما ناھىيىسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى. گۇما بازىرى گۇما ناھىيەسى نىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بوستانلىق، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1300 مېتىردىن 1400 مېتىرغىچە كېلىدۇ. قۇرۇقلۇق كىلىماتى تۆت پەسىل ئېنىق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.8، يەتتىنچى ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃25.3؛ 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃6.1-، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 51.3 مىللىمېتىر، قىروۋسىز مەزگىلى 21 كۈن.

چېگرا ئىچىدىكى تۈزلەڭلىك، بوستانلىق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %92 نى ئىگەلەيدۇ، گۇما بازىرى گۇما ناھىيەسىدىكى ئاساسلىق دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ بىرى، ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 31236 مو، ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمى 26667 مو ؛ ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، كېۋەز، پۇرچاق ۋە كەندىر ئۇرۇقى، قىچا، زاراڭزا قاتارلىق ياغلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ. چېگرا ئىچىدە ئىشلەپچىقارغان جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىدىن چۈچۈكبۇيا، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار بار.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

گۇما بازىرى گۇما ناھىيەسىدىكى ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەت رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 31236 مو، كىشى بېشىغا 1.3 مودىن توغرا كېلىدۇ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق نى ئاساس قىلىدۇ، ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن كېۋەز تېرىشنى ئاساس قىلىدۇ، 20055-يىلى پۈتۈن بازاردىكى دېھقانچىلىق زىرائىتى تېرىلغان يەر 420777 مو بولۇپ، ئاشلىقنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 5910895.5 مىليون كىلوگرامغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي 12500 مو بۇلۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 415 مىليون كىلوگرامغا، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 5193500 كىلوگرامغا يەتكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا كۆممىقوناق تېرىش كۆلىمى 128433 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 488.5 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 6273805.5 كىلوگرامغا يەتكەن؛ كېۋەز كۆلىمى 25000 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 120.5 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 301250 كىلوگرامغا يەتكەن؛ ئاپتاپپەرەس كۆلىمى 142344 مو بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى 142340 كىلوگرامغا يەتكەن. گۇما بازىرىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمى 174666 مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ياڭاق 11112 مو، ئانار 466 مىڭ مو، باشقا زىرائەتلەر 1058 موغا يېتىدۇ. 20055-يىلى كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش پىلانى 7500 مو بولغان، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا قوتاندىكى چارۋا 339200 تۇياق بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1131 تۇياق كالا، 3630 تۇياق ئېشەك بار، تاۋار چارۋىنىڭ سانى 14200 تۇياققا يەتكەن.