Jump to content

گۈرخان

ئورنى Wikipedia

گۈرخان ( خەنچە: 菊儿汗\菊兒汗; پىنيىن: Jú'erhán ) «بۈيۈك قاغان» مەنىسىدىكى موڭغۇلچە ئاتالغۇ بولۇپ، قاراقىتان ياكى غەربىي لياۋ سۇلالىسىنىڭ (1132 — 1218) قاغانلىرىنىڭ ئاتىقىدۇر.[1] تارىختا بۇ ئۇنۋان تۇنجى قېتىم يېلۈ داشى\يوللىغ تاشىن تەرىپىدىن قوللىنىلغان.[2] ئوتتۇرا موڭغۇلچە «كەڭ» ياكى «ئۇمۇمىي» مەنادىكى «گۈر» ياكى «كۈر» سۆزلۈكىدىن كەلمەكتە. كرىستوفېر I بەكۋىت (Christopher I. Beckwith) ئۆزىنىڭ Empires of Silk Road (يىپەك يولى ئىمپېراتورلۇقلىرى) ئاتلىق كىتابىدا مەزكۇر ئۇنۋاننىڭ «يەر يۈزىنىڭ ھۆكۈمدارى» دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

گۇرخان تۈركچە ۋە موڭغۇلچە قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەنىسىدىكى «كۇر-گۇر» سۆزىدىن كەلگەن سۆز بولۇپ، قاراقىتان خانى يوللىغ تاشىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىرلەشكەن 8 قەبىلىنىڭ ئورتاق خانى ئىدى.[3]

13 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، چىڭگىزخاننىڭ رەقىبى جامۇقامۇ ئۆزىنى گۈرخان ئېلان قىلغان.

قاراڭ

[تەھرىر]

مەنبەلەر

[تەھرىر]
  1. ئابدۇلكەرىم ئ‍ۆزئايدىن، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، Gürhan ماددىسى، 2025-04-13 كۈنى مۇقىمدالدى.
  2. Biran, Michal, The Empire of the Qara Khitai in Eurasian history, Cambridge University Press, 2005. s.38
  3. Гумилёв Л. Н. Орды и племена у древних тюрок и уйгуров. // Материалы по этнографии (Географические общества СССР). — Ч. 1. — Л., 1961. — С. 15—26.