گۈلنارە سېيىتوۋا
گۈلنارە يۈسۈپوۋنا سېيىتوۋا (كرىل: Гүлнарә Юсуповна Сайитова، ت. 1952-06-10، س س ج ئى، قازاق س س ئى ج، ئالما-ئاتا رايونى، چېلەك يېزىسى)، ئۇيغۇر، قۇددۇس غۇجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئاكادېمىيالىق مۇزىكىلىق ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئارتىسى. قازاق س س ئى ج ئالىي كېڭىشىنىڭ شەرەپ گۇۋاھنامىسى (1985). ئىلھام مۇكاپاتىنىڭ ساھىبەسى (2005). قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆرمەتلىك سەنئەتكارى. [1]
كەچمىشى
[تەھرىر]سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سابىق قازاق سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ئالما-ئاتا ۋىلايىتى چېلەك يېزىسىدا سەنئەتكار ئۇيغۇر مۇزىكانت يۈسۈپ سېيىتوف بىلەن تۇرسۇنقىز مەشۇروۋالار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
1962 - 1965 - يىللار ئارىسى ئالكساندىر سەلەزنېۋ نامىدىكى ئالمائاتا ئۇسسۇل مەكىتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1969 - يىلى سانكت پېتېربۇرگ رۇس ئىقتىساد مەركىزىگە كىرگەن ۋە 1971 - يىلى ئۇسسۇل بۆلۈمىنى بالېت بولۇپ پۈتتۈرگەن.[2]
1971 - يىلدىن باشلاپ - ق. ج نامىدىكى دۆلەت جۇمھۇرىيەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ بالېت ئۇسسۇلچىسى.
1982 - يىلى 10 - ئايدىن – 1983 - يىلى 4 - ئايغىچە م. تۇغانبايېۋا نامىدىكى ئۆزبېك س س ئى ج دۆلەتلىك باھار خەلق ئۇسسۇللىرى ئۆمىكىدە پراكتىكا قىلغان.
1989 – 1993 - يىللىرى ئابدۇللاھ قادىرى نامىدىكى تاشكەنت دۆلەتلىك مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى (يىراقتىن) – مەدەنىيەت ۋە ئاممىۋى مۇئەسسەسە باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.
1991 - يىلدىن باشلاپ ئالمائاتادىكى مىللىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئوقۇتقۇچىسى.
1995 - يىلدىن ھازىرغىچە - جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرخانىسىنىڭ باش ئۇسسۇل يېتەكچىسى.
1995 - يىلى سەنئەت تارىخى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى: «ئۇيغۇر سەھنە ئۇسسۇلى».
1999 - يىلى ت. جۇرگېنوۋا نامىدىكى قازاقىستان دۆلەتلىك تىياتىر ۋە كىنو ئېنستىتۇتى ئۇسسۇل رېژىسسورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر شۇ مەكتەپنىڭ ئالىي ئوقۇتقۇچىسى.
2005 - يىلى ت. جۇرگېنوۋا نامىدىكى قازاقىستان دۆلەتلىك تىياتىر ۋە كىنو ئېنستىتۇتىنىڭ پروفسسورى بولغان.
2006 - يىلى «شەرق ئۇسسۇلى» ئاتلىق كىتابى ئېلان قىلىنغان. كىتابتا ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىگە دائىر 13 پارچە ماقالە بار بولۇپ، ئىنگلىزچە، تۈركچە ۋە قازاقچە سېلىشتۇرما سۆزلۈكى بېرىلگەن.
قىزىقىشى
[تەھرىر]قول - ھۆنەرۋەنچىلىك سەنئەتلىرى: مونچاق كەشتىچىلىك ۋە توقۇش، مۇزىكا.
ئەدەبىيات: تارىخى رومان ، شېئىر ، تېكىست ، دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرى.
ئائىلىسى
[تەھرىر]گۈلنارەنىڭ ئاتىسى يۈسۈپ سېيىتوف مۇزىكانت ئىدى. ئانىسى تۇرسۇنقىز ئابدۇراخمانوۋنا مەشۇروۋا ق. غۇجامياروف نامىدىكى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئارتىسى ئىدى.
ئىككى ئوغلى بار. چوڭ ئوغلى ئەلىشېر ھاسانوف (1972-يىلى تۇغۇلغان)، رېژىسسور- خوروگراف؛ كىچىك ئوغلى بەختىيار ھاسانوف (1976-يىلى تۇغۇلغان)، ياشلىق ئانسامبىلىنىڭ مۇزىكانتى.
مەنبە(لەر)
[تەھرىر]- ↑ ГУЛЬНАРА САИТОВА ئاتلىق ۋە 29.05.2012 11:17 تارىخىدىكى يازما، 2025.02.11 كۈنى مۇقىمدالدى.
- ↑ ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىسى، ناملىق ماقالە، 2025-02-11 كۈنى مۇقىمدالدى.