گۈل قەدەھ
گۈل قەدەھ
مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىر
بۇ كېچىمۇ بىر پاتمان دەرد ھەسرىتىڭدە،
ئىچكۈم كەلدى سىياقىڭنى گۈپلا قىلىپ.
غەرىق بولۇپ كەتسەم دەيمەن غەملىرىمدىن،
شېئىر يېزىپ، ھەسرىتىمنى نەي قىپ چىلىپ.
ئەلۋىدا، دەپ پۈتەي دەيمەن ساڭا نەزمە،
ئۆچۈرۈشكە نېچۈن بارماس قولۇم سېنى؟
ئېلىپ كەتتىڭ شادلىقىمنى قاياقلارغا،
راسلاپ قويۇپ ماڭا ھىجران تۆشۈكىنى.
بەلكىم بىر كۈن ئاچچا يولدا ئۇچرىشارمىز،
ئۆزگەرگەندە كۆڭلىمىز ھەم يۈرىكىمىز .
ناتونۇشتەك تەئەججۈپ ۋە تېڭىرقاشتا،
ئۈن-تىۋىشسىز قاراقلاردا خوشلىشارمىز.
سۇس خىرە ئۈمىدلەرنىڭ پايانى يوق،
سېغىنىشنىڭ ئۇ تەرىپى كەتتى قاناپ .
قوي ساقى كۆزۈم نەملىك تامچىسىدا،
بارچە دەرت ئازابىمنى ئاڭا لىقلاپ...
كەلدى چوقۇم ۋىدالىشىش پەيتى بۈگۈن،
ئەمدى سېنى چۈشلىرىمدىن ئىزلىمەسمەن،
قۇي ساقى، گۈل قەدەھكە تولدۇر مېنى!
ئوتلىۋىتەي بىر تىنىقتا پىغان بىلەن...
2015 -يىلى 25- مارت
今夜依旧斟满了一杯忧伤
我愿一口饮尽你的模样
多么想酒醉忘却所有烦恼
把愁闷写成诗行用笛子吹响
曾想为你写首永别的诗赋
可我的手不愿把你删除
我的快乐被你带去了何方?
为何给我铺展了离别和惆怅?
也许有一天会相遇在岔口
那时我们的心情已转变
彼此陌生感如此惊讶和彷徨
悄无声息的告别不曾相互一望
黯淡的愿望尤如天际无边
思念的另一面漂泊在何方?
我那双泪滴溢满的眼眶
盛满了我所有的痛苦和悲伤
今天注定是告别的时刻
我不再从梦中追寻你方向
来吧,把我斟满在花杯里吧
让我一口喝尽所有的哀伤
2015年3月25日