گۈيلىن، گۈيلىن!
گۈيلىن، گۈيلىن!
ئىمىن ئەھمىدى
1
گۈزەللىكىڭ ئالەمدە يەككە،
شۇ ۋەج باقماي كەلدىم بۆلەككە.
بوسۇغاڭغا پۇتۇمنى قويسام،
ئوت كەتكەندەك بولدى يۈرەككە.
نە ئايرىلىش ھەتتا بىر زامان
سېغىنىشنى ئورىدىڭ دەردكە.
بۈگۈن كۆرۈپ چېھرىڭنى جانان،
ھۆرمەت ئارا ياندىم ئەدەبكە.
ھاياجاندا قەلەم سەۋدايى،
چاپىمەن دەپ كىرمەيدۇ گەپكە.
قارىغىنا، قانمۇ، سىياھمۇ،
تېمىۋاتقان شاھانە بەتكە!
سەن جەننەتمۇ ۋە ياكى مەككە؟
2
تاغلىرىڭنى تەڭرىتاغ دېسەم،
تەلەپ قىلدىڭ باشلىرىڭغا قار.
بىلمىدىڭمۇ بېغىڭدا بۇ دەم،
سەن سۆيۈنگەن قارنىڭ رەڭگى بار.
ئىككى پەسىل قەلبىدە بىر ئوت،
بىر تۇپراقنىڭ ئىشقىدا ياتار.
ئىككى زىننەت باغرىدا بىر يۇرت،
بىر يۈرەككە ئەبەد ئىپتىخار.
كۈمۈش لىباس دىلنىڭ پاكلىقى،
يېشىللىقنىڭ سۆيگۈ بىغۇبار.
يېشىل ساقلا بوستانلىرىڭنى،
بولۇۋەرسۇن كۆكسۈڭدە باھار.
3
بۇلۇق ئۆسكەن شېكەر قومۇشلۇق،
قوناقلىققا، قوناققا رەڭداش.
قىر ئارىلاپ كۈلۈشكەن قىزلار،
خىيالىمغا تاشلىۋەتتى تاش.
ياپراقلاردا ئۇخلايدۇ شەبنەم،
مەيىن شامال شاخلارغا مۇڭداش.
يىلتىز ئارا گۈپۈلدىگەن نەم،
ئارزۇيۇمنى قىلىپ قويدى پاش.
بايان قىلغىن، تاتلىقلىقىڭنى،
بەرگەن يەرمۇ ۋە ياكى قۇياش.
شولىلارنى يامراتقان دىلدا
ئاي يۈزۈڭمۇ، سۆزلە قەلەمقاش؟
4
رەڭ تاغلىرى، «رەڭلەر دۆۋىسى»،
ئۆزۈڭمۇ سەن ھەسەن - ھۈسەنگە.
گەر ياق دېسەڭ ئالەم ئىگىسى،
يان باسقانمۇ رەڭدار چىمەنگە.
تۇغ - ئەلەمنىڭ جەۋلانلىرى بار،
چۈشكەن كەبى يىگىتلەر جەڭگە،
تارقىتامتىڭ ياكى بىر ئۆزۈڭ،
گۈزەللىكنى ھەر بىر قەدەمگە.
قانداق ئىش بۇ جېمى گۈزەللىك،
يىغىلغىنى بىرلا بەدەنگە!
يۈرىكىمنى قوشۇپ قويساڭچۇ،
كۆكسۈڭدىكى قىپقىزىل رەڭگە؟
5
قۇچىقىڭدا «قومۇش نەيلىك غار»،
بوغۇم-بوغۇم خۇددى قومۇش نەي.
تاش ئارىلاپ ئۆسكەن بىر گىياھ،
تەمەنناسىز كۆزگە كۆرۈنمەي.
نەي ئاۋازى غارنىڭ ئاۋازى،
ئايرىماق تەس، چىقار ئۈزۈلمەي.
گويا يىلنىڭ قىشى ۋە يازى،
ئەتكەن كەبى ئەسرنى ئەللەي.
پەرىشتىلەر تۇتقاندەك قەدەھ،
دىۋارلاردىن تۆكۈلىدۇ مەي.
بىر ئاھاڭغا كۆڭلىنى قوشۇپ،
كىم قالدۇرغان ئىچىپ تۈگەتمەي؟!
6
بولدى مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئەركەم،
ئاسمىنىڭدا كۈلگەن تولۇن ئاي.
شەرەت قىلىپ يۈرگىلى نە كەم...
پەرىلىرىڭ تۇتۇپ يېڭى چاي
قوينۇڭ كەڭرى قۇچىقىڭ ئاندىن،
تۇرۇپ كەتتىم گىرە سالالماي.
چىللاپ كەلدىڭ، لېكىن بەرمىدىڭ،
مۇڭدىشىشقا بىرەر پاناھ جاي.
كەلمىگەندە ھېسلىرىم تەكشى
غۇرۇرۇمنى سىنىدىڭ تالاي.
بىر گەپ قىلغىن، ۋاپاسى چەكسىز،
يارىڭ بولۇپ يېنىڭدا قالاي.
7
چەشمىلىرىڭ ئويقۇسىز دائم،
جىرىڭلايدۇ كۈمۈش قوڭغۇراق.
بوشلۇق بىلەن سۆزلىشەمدىكىن،
شىلدىر - شىلدىر قىلىدۇ ياپراق.
تىنىم تاپماس قۇشلار ئاۋازى،
لەۋدە مەڭىز، ئېغىزدا قۇلاق.
تەبىئەتنىڭ چېھرىدە ياشلىق،
غۇنچىلاردا ھەر تاڭ بىر پىراق.
تاغلار كېلىپ سۇنى سۆيىدۇ،
كىمدە سۆيگۈ، كىمگە ئىشتىياق.
ئىزدەپ كۆرسەڭ پىنھان ماكان يوق،
ھايات ئويغاق، مۇھەببەت ئويغاق.
1991 - يىل 11 - ئاي،
گۈيلىن
مەنبە: «تارىم» ژۇرنىلى، 1992 -يىللىق، 6 – سان