گېرمانىيە كىلاۋېستار سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى

ئورنى Wikipedia

گېرمانىيە كىلاۋېستار سانائەت ئۈنۋېرسىتېتى گېرمانىيە 1775- يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ ، گېرمانىيەدىكى دوكتورلۇق ئۇنۋانى تارقىتىش ھوقوقىغا ئىگە ئۈنۋېرسال داڭلىق ئۈنۋېرسىتلارنىڭ بىرى .

بۇ ئۈنۋېرسىتېت دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن داڭلىق ئۈنۋېرسىتېتلار بىلەن ھەمكارلاشقان بۇلۇپ ، 70 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن چەتەللىك ئوقۇغۇچىلار ئومۇمى ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 20 پىرسەنتىنى ئېگەللەيدۇ .

كىلاۋېستار سانائەت ئۈنۋېرسىتېتى دۆلىتىمىز بىلەن ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش كىلىشىمى تۈزگەن ،ماگىستىر ، باكلاۋۇر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرىنى ئوخشاش ئېتىراپ قىلىدۇ .

ئاسپىرانتلىق كەسىپلىرى ( 3- 4 مەۋسۈم ) :

ئېقتىساد ئىلمى ، مېتاللوئىد قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى كەسپى ، ئېنىرگىيە مەنبەسى سېستىمىسى قۇرۇلۇشى ، مۇھىت قۇرۇلۇشى ، خېمىيە قۇرۇلۇشى/پىروگېرامما پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى ، ماشىنسازلىق ۋە فىزىكا ئىلمى / فىزىكا قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار . باكلاۋۇر، ماگىستىرلىقنى قۇشۇپ ئوقۇش كەسىپلىرى ( 9 – 10 مەۋسۈم ) :

خېمىيە ئىلمى ، خېمىيە قۇرۇلۇشى ، گىئولوگىيە ئىلمى ، گىئولوگىيە تېخنىكىسى ، كان قېزىش ئىلمى ، نېفىت قۇرۇلۇشى ، مېتاللوئىد قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى كەسپى ، ئۇچۇر ئىلمى ، ئۇچۇر تېخنىكىسى قۇرۇلۇشى ، ئارىلاشما ماتېرىيال تېخنىكىسى ، ماشېنسازلىق ، ماتىماتىكا ، سودا باشقۇرۇش ، ئېنىرگىيە مەنبەسى ۋە ئاتوم ئېنىرگىيىسى تەمىنلەش قۇرۇلۇشى ، فىزىكا ئىلمى ۋە فىزىكا قۇرۇلۇشى ، ماتىماتىكا ئىلمى ۋە ھۆنەر سەنئىتى ، مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇشى ، پىروگىرامما پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى ، ماتىرىيال پەن – تېخنىكىسى ، ئىقتىساد ئۇچۇر ئىلمى ، ئىقتىساد / سانائەت قۇرۇلۇشى ئىلمى ۋە ئىقتىساد ماتىماتىكىسى قاتارلىقلار . گېرمانىيىدە ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكى :

1. گېرمانىيە كونسولخانىسىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش ئىمتاھانىسىغا قاتنىشىش ھاجەتسىز بۇلۇپ پەقەت يۈزتۇرانە ئىمتاھانغىلا قاتنىشىدۇ . 2. ئىمتاھان كىلاۋېستار سانائەت ئۈنۋېرسىتېتىنىڭ پىرافىسورى تەرىپىدىن ئېلىنىلىدىغان بۇلۇپ ، خەنزۇ تىلى ، نىمىس تىلى ياكى ئېنگىلىز تىلىدا قاتنىشىشقا بۇلىدۇ .

3. ۋېيزا قويدۇرۇش ئۈنۈمى يۇقىرى ، كاپالەتكە ئىگە .

4. كەسپى دەرىسلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدۇ .

5. گېرمانىيىنىڭ مائارىپ سۈپىتى ئىنتايىن يۇقىرى .

6. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت پۇرسىتى كۆپ ، مائاشى يوقىرى بۇلۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى :

1. تولۇق ئوتتىرىنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بۇلىشى كېرەك .

2. تۇلۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەن بۇلىشى كېرەك .

3. مەلۇم دەرىجىدە ئېنگىلىز تىلى ياكى نىمىس تىلى ئاساسى بۇلىشى كېرەك .

4. ئىقتىسادى ئاساسى بىر قەدەر ياخشى بۇلىشى كېرەك .