گېنېرال مەھمۇد مۇھىتىنىڭ تارىخىي ماقالىسىغا ئابدۇۋىلى ئايۇپتىن ئېتىراز ۋە بۇنىڭغا جاۋاب
گېنېرال مەھمۇد مۇھىتىنىڭ تارىخىي ماقالىسىغا ئابدۇۋىلى ئايۇپتىن ئېتىراز ۋە بۇنىڭغا جاۋاب
(ئەسكەرتىش: جاۋابلار ئىنكاسقا سىغمىغانلىقى، نۇقتىئىينەزەرلەر بۆلۈنمەسلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئايرىم تېما قىلىندى)
ئابدۇۋىلى ئايۇپ:
ئۇستاز ھەزرىتىم، گەپنى ئادەم تىللىمايمۇ، زەھەر سانجىمايمۇ. ئىلمىي مۇنازىرە شەكلىدە دېگىلى بولىدۇ، مەن ئۆزلىرىنى تونىمايمەن، ئۆزلىرى ئادەممۇ جىنمۇ، ئىسىملىرى بۇرھانمۇ، بۇرغانمۇ، بۇزغانمۇ بىلمەيمەن. ياش تۈركىستان دېگەن غەربى تۈركىستانچىلارنىڭ ژورنىلى، بۇ بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن چىقارغان ژوزنال ئەمەس، ئىچىدىن ئۇيغۇر دېگەن سۆزنى تاپىقىلى بولمايدىغان بىر ژورنال. مەن تىلشۇناس، ئۇيغۇر تىلى بىلەن تۈركچەنى ياخشى بىلىمەن، ئوسمانلىچىنىمۇ بىلىمەن، بۇ ماقالىدە ئىشلىتىلگەن نۇرغۇن سۆزلەر 30-يىللاردىكى ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىلغان ئەمەس، مەن ماقالىنىڭ ئەسلىنى سىلىدىن بۇرۇن 2009-يىلى ئوقۇغان ۋە ماقالەم ئۈچۈن پايدىلانغان. مەن 1930-يىللاردا قوللىنىلغان ئۇيغۇرچە بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرچىنىڭ پەرقى ھەققىدە ماگىستىرلىق ماقالەم بار، ئېنگىلىز تىلىدا. ماڭا تىلدىن دەرس ئۆتۈشتىن بۇرۇن سىلىنىڭ كەسپى ساھەلىرىنى بىلىپ باقساق. ھەتتا ئابدۇقادىر داموللاممۇ شۇ چاغدىكى ئورتاق تۈركچە بىلەن بىزنىڭ ۋەتەندە قوللىنىلىدىغان قەشقەر تۈركچەسىنىڭ پەرقلىق بولغانلىقىنى ئىتىراپ قىلغان ۋە «تەجىۋىدى تۈركى» دېگەن كىتابىدا بۇنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. مەخمۇت موھىدى ئۆمرىدە قولىغا قەلەم ئالغان ئادەم ئەمەس، بىرەر پارچە ماقالىسىمۇ يوق بىرى كىشى. مەخمۇت موھىدى تۆھمەتخور كىشى ئەمەس، ئۇنىڭ ئەيسا ئالپيتېكىننى بولشىۋىكلار بىلەن ئىشلەۋېتىپتۇ دەپ تۆھمەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەيسا ئالپتېكىن بولشىۋېىكلارغا ئىنتايىن ئۆچ ئادەم، ئۇنى بولشىۋىكلار بىلەن ئىشلىدى دېگەن تۆھمەتنى مەخمۇت موھىدى قىلمايدۇ. سىلىنىڭ ئەلى ئەكبەر داموللامغا قىلغان تۆھمەتلىردىن خەۋىرىم بار، شۇڭا تۆھمەتنى ئادەت قىلغان كىشىگە دەيدىغان سۆزۈم سۈكۈت، ھۆرمەتلىرى مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن.
تۈركىستانىمىز، دېگەن باشلىنىشتىنلا ئوقۇپ باقسىلا بۇنىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى بىلىلا، مەخمۇت موھىتى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ئادەم، «ئۇيغۇرنامە» دېگەن كىتاپنى ئوقۇپ باقسىلا، خوجانىياز ھاجىمنىڭ قۇرماقچى بولغىنى ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى بولغان. مەخمۇت موھىتى خوجانىياز ھاجىنىڭ ئادىمى، قەشقەردە ئۇيغۇرىستان نامىدا پۇل قۇيدۇرغان ئادەم، بۇ ئادەم ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ دوستى، قوللىغۇچىسى، ئەمدى قوپۇپ شۇنچىلا پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئۆزىنى ھىچ قاچان ئەپەندى دەپ باقمىغان، ئۆمرىدە بىرەر پارچە خېتىمۇ قالمىغان ئادەمنى مۇشۇنداق تۈركىستانىمىز بىلەن باشلانغان، تۈركچىلىك ھېسلىرى بىلەن يېزىلغان ماقالىنى يازدى دېسە قانداق ئىشىنىمىز؟
بۇرھان مۇھەممەد:
بىرىنچىدىن، شۈبھىسىزكى، زالالەت قارىغۇسىنى ھىدايەت نۇرىغا مۇشەررەپ قىلىش ئاللاھنىڭ ئىشى. ئەكسىچە ئاينى ئىككى پارچىغا يېرىپ كۆزىگە تىقىپ بەرسىمۇ ھامان ئۆز گېپىنى ئەزۋەيلەشكە باھانە تېپىلىپ تۇرىدۇ. پاكىتنى رەت قىلىشنىڭمۇ تۇتاملىق ئاساسى بولۇشى كېرەك. ئىلمىيلىكتىن زۇۋان سۈرۈۋاتقان ۋاقىتتا گەپنىڭ ئەركەك چىشىسىنى پەرق ئېتىپ، ئالدى - ئارقىسىنى ئويلاپ، پارادوكستىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش لازىم. بىر ژۇرنالدا ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىڭ تىلغا ئېلىنمىغىنى بۈگۈن بىز ئۇيغۇر بىلگەن توپ ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە مەلۇماتنى يالغانغا چىقىرالمايدۇ. ئابدۇقادىر داموللام كاشغەرنىڭ قاق كىندىكىدە تۇرۇپ ئۇيغۇر دېگەن بىر سۆزنى كىتابىغا قاتماي، ھەتتا كىتابىنىڭ ئىسمىنى «تەجۋىد تۈركى» قويغاندىن سىرت، «أوز مملكتمزده مأنوس تركي ايله تحرير قيلندي» دەپ كىتابىنى تۈگەللىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى سابىت داموللاممۇ كىتابىنىڭ ئىسمىنى «روشەن بايان- تۈركىي تەفسىرۇل قۇرئان» دەپ قويغان. ئۇيغۇر دەپ بىر كەلىمىمۇ ئىشلەتمىگەن. شۇنداقلا ئابدۇقادىر داموللاممۇ قانداقتۇر سىز دەۋاتقاندەك «ئورتاق تۈركچە» ۋە قەشقەر تۈركچىسى دەپ ئىشلەتمىگەن. بەلكى ئابدۇقادىر داموللام ئىستانبۇل تۈركچىسىنىمۇ، تاتار تۈركچىسىنىمۇ «شيوه (شېۋە)» دەپ ئالغان. شۇنداق تۇرسىمۇ، ئىلمىي ئامانەتنىمۇ جايلاپ نەقىل قىلماقتا يوق، «بۇ ژۇرنالدا ئۇيغۇر دېگەن بىر جۈملە سۆز يوق» دەپلا باتناپ ئولتۇرۇش قەيەرچە مەنتىقە؟ «تۈركىستان ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىراتىدا مەھمۇد مۇھىتى تەرىپىدىن يېزىلغان بىر پارچە ماقالىنى شۇ ژۇرنالنىڭ شۇ دەۋر زېھنىيىتىدىكى شېۋىسى، ئىملالىرىغا ئۇدۇل كەلتۈرۈپ، خۇددى تۈركىستان، ئانادولو ۋە تاتار ئۆلىمالىرى ھەمدە يازغۇچىلىرى ئۆز قەلەملىرىدە تۈرلۈك تۈركىي لەھجىلەر بويىچە يېزىپ ئەۋەتكەن يازمىلارنى نەشر قىلىپ چىققان «شۇرا» ژۇرنىلىغا ئوخشاش شەكىلدە مۇھەررىرلەر ئارقىلىق مەزكۇر ماقالىنىڭ يازما ئۆلچىمى بىرخىللاشتۇرۇلۇپ ئېلان قىلىنىشى شۇ دەۋر شارائىتىدا ناھايىتىمۇ نورمال بىر ئىش. ئاشۇنداق تۈركىي قەۋملەر پارچىلىنىش ۋە يېڭىدىن ئىسىم بېكىتىلىشكە مەجبۇر قالغان دەۋرلەردە مەھمۇد مۇھىتىنىڭ شۇنداق بىر تارىخىي دەۋردە ئەسكەرتىش زۆرۈر بولغان بىر تېمىنى بومبايدا تەييارلىشى ۋە ئۇنى مەزكۇر ژۇرنالغا ئەۋەتىشى، ژۇرنالنىڭ مەھمۇد مۇھىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ۋە مەپكۇرىسى ھەققىدە مول خەۋەر ۋە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ يازمىسىنى ژۇرنال تىل قېلىپىغا چۈشۈرۈپ تۇرۇپ ئېلان قىلىشى تامامەن نورمال ئەھۋال. ئەگەر شالغۇت زېھنىيەت بويىچە مەھمۇد مۇھىتى يازماي، ژۇرنال ئويدۇرغان دەپ قارالسا، 1939 دا مەھمۇد مۇھىتى ھايات ۋاقتىدا چىققان ژۇرنالنىڭ شۇ سان ۋە ماقالىدىن كېيىن ئالاھەزەل 4 - 5 يىلغا قەدەر ئۆمۈر كۆرگەن، چەتئەلدىكى ھەر تۈرلۈك نەشرى ئەپكار ۋە سىياسىي پائالىيەتلەردىن ئىستىخبارات توپلاپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرغان ۋە پائالىيەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان مەھمۇد مۇھىتىنىڭ بىرەر ئىپادە بىلدۈرمەسلىكى، بۇنداق ئىشنىڭ ۋەقە ھېسابلانماسلىقى، مۇھىتىنىڭ ئۆزىدەك بىر مىللەتنىڭ گېنېرالى ئۈستىدىن قىلىنىۋاتقان تۆھمەتكە جاۋاب قايتۇرماسلىقىدەك بىر بىمەنىلىكنى نەتىجىلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىر جۈملە تۆھمەتمۇ دىققەتتىن قاچمايدىغان، ئەكسىچە ھەر تۈرلۈك ئوبزورلار يېزىلىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىنىپ تۇرىدىغان ئاشۇنداق بىر زاماندا ژۇرنال چىقارغۇچى مۇئەسسەسەنىڭ بىر ساننى ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن ۋە ئۆزى ھەققىدە ئۇچۇر مەلۇمات بىلەن تەمىنلىشى نەتىجىسىدە مەھمۇد گېنېرال نامىغا ئاتاپ بىر سان ژۇرنالنى شەرقىي تۈركىستان كۈنتەرتىپى ۋە مەھمۇد مۇھىتىغا دائىر ئۇچۇرلار بىلەن كۆمۈۋەتكەن بولسا، ئۇنىڭغا قاتماللارچە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، ئاساسسىزلا تۇتۇرۇقسىز پەرەزلەرگە تايىنىپ مەھمۇت مۇھىتىنى ئاقلايمەن دەپ ژۇرنالنى قارىلاش بىمەنىلىك، خالاس. شۇنداقلا بۇنى ئىنگلىزچە ماگىستىرلىق ماقالىسىنى پەش قىلىپ سۆزلەۋاتقان بىر زىيالىيچاق ئۈچۈن ياراشتۇرغىلى بولىدىغان ئىشلاردىن ئەمەس. شۇنداقلا ئىلمىيلىك ھېچ ئەمەس.
ئىككىنچىدىن، ماقالىنىڭ «تۈركىستانىمىز» دەپ باشلىنىشىغا كەلسەك، بۇ سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشى مەھمۇد گېنېرالدەك بىر رەھبەر ئۈچۈن ئىنتايىن ئاقىلانە ۋە دىپلوماتىك بىر تىل، دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر ژۇرنال ساھىبلىرى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولغىنىدا، شۇنداق سۆز ئىشلەتسە گۇمانلىنىشقا بولاتتى. لېكىن بۇ ژۇرنال دەل غەربىي تۈركىستان تەشۋىقاتچىلىرى قولىدىكى ژۇرنال بولغانلىقى ۋە مەھمۇت گېنېرالنىڭ ئۆز خىتابىنى شۇلارنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتىدا ئېلان قىلىشقا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن قېرىنداشلىق يېقىنچىلىقىنى ئىپادىلىشى ۋە دىپلوماتىك بىر تىلدا رۇس ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى كوممۇنىست پىرقىگە قارشى تۇرۇۋاتقان سەپداشلار كەبى سۆزلەرنى ناھايىتىمۇ دىققەت بىلەن ئىشلىتىشى غەرەز ئۇققانلىق ۋە بىر مىللەتنىڭ سىياسىئونىغا خاس تۇتۇم ئىپادىلىگەنلىكتۇر. ماقالىنىڭ بىرىنچى ئابزاسىنى رۇس ۋە خىتاي، شۇنداقلا تۈركىستاننىڭ غەربى ۋە شەرقىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى پاراللېل تەھلىل قىلغانلىقىدەك بىر ئۆرنەك بۈگۈنكى سىياسەت كوچىسىنى پىتىقداۋاتقانلار ئۈچۈنمۇ ئۈلگە ۋە ئۆرنەك بولغۇدەك بىر ئىپادە پىچىمىدۇر. مۇشۇنچىلىك زاكوننى، ئاددىي دىتنى ئاڭقىرالماي، بىلەرمەنلەرچە گەپ ئوينىتىپ «تۈركىستانىمىز، دېگەن باشلىنىشتىنلا ئوقۇپ باقسىلا بۇنىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى بىلىلا» دەپ قارىسىغا گەپ يورغىلىتىش يۈزەكىلىكنىڭ، ھېسسىيلىقنىڭ، شۇنداقلا قاتمال نۇقتىئىنەزەرنىڭ ئىپادىسىدىن، باشقا نەرسە ئەمەس.
ئۈچىنچىدىن، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكۈنۈش خوجىنىياز ھاجىنىڭ ھەربىي تەلىماتىغا ماقۇل كېلىپ كۆڭلى رازى كەلمىسىمۇ كاشغەردە بىر دۆلەتنىڭ يىقىلىشىدا بارمىقى بولۇپ قالغانلىقى. مەھمۇد مۇھىتى بۇ خاتالىقنى كاشغەرنى قولدا تۇتۇپ تۇرغان مەزگىللىرىدە قاتتىق ھېس قىلغان ۋە ئاداققى نەپسىگە قەدەر بۇ خىيانەتكە مۇشتەرەك بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ۋابالىدىن ئەنسىرەپ، تۈگەل مىللىي مۇستەقىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نىيەت باغلىغان، ھەر تۈرلۈك مۇرەسسە ياكى سودىلىشىشلاردا قەتئىي مۇستەھكەم تۇرغان ۋە يېڭىدىن ھەر تەرەپلىمە ئىسلاھات ھەرىكىتى قوزغىغان. خوجىنىياز ھاجىنىڭ قول ئاستىدىكى دەۋرنى بىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىنكى تارىخىي بۇرۇلۇش ۋە ئۆزگىرىشلەردىن بىخەۋەر تۇرۇپ قۇرۇق گۇمان بىلەن جۆيلىسەك، قاباھەت مەزكۇر مەھمۇد مۇھىتى ھەققىدىكى مۇھىم تارىخىي ئۇچۇرنى بىزگە قەدەر يەتكۈزگەن ۋە تۈركىستان تۇپراقلىرىدا سىياسىي ھەرىكەت سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن نەشر ئەپكار مۇئەسسەسەسىدە بولمايدۇ، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ چالا - چالپاقلىقىدا، ھەممىنى بىلگەن بولۇۋېلىپ قارىسىغا گەپلەرنى ئىلمىي داۋلى دەپ دەۋېرىدىغان، شالغۇت زېھنىيەتتە شەكىللىنىپ قالغان قاتمال تەپەككۇرنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئۆزىمىزدە بولغان بولىدۇ.
تۆتىنچىدىن، «مال تۈرى بىلەن، ئادەم قاياشى» بىلەن دېگەندەك، «ئۇيغۇرنامە» دېگەنگە ئوخشاش بىر كىتابنى، يەنە كېلىپ 11 بىتىمگە رازى بولغان كوللېكتىپنىڭ تەرەپدارلىقىدىكى بىر زىيالىينى، يەنە كېلىپ خىتاينىڭ ئاسارىتىدىن كېيىنكى 20 يىلىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغان تالاي مۇنەۋۋەرلەر ئارىسىدىن ئالاھىدە ئەپۇغا ئېرىشىپ تۇرۇپ ئامان قالغان، 50 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا بىر ياقتىن خىتاينىڭ شۇ دەۋر سىياسىتىدىكى مائارىپ تەربىيەسىنى ئالغان، ھەم خىتاينىڭ كادىرلىقى بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەن ئاپتورنىڭ كىتابى، ئەڭ مۇھىمى ئىلمىي تارازىغا چۈشمەيدىغان، پۇبلىتىستىك خاراكتېردىكى ماقالىلەر مەجمۇئەسى شەكلىدە يېزىپ قالدۇرۇلغان تارىخقا دائىر تېمىلارنى مەركەز قىلغان بىر توپلامنى گويا ئىلمىيلىكتە ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان تەرزدە تۇتىيا بىلىپ تارىخىي ۋە ئىلمىي بىر مەسىلىگە پاكىت قىلىپ دىيەسلىتىش بەكلا كۈلكىلىك ئىش. تەۋسىيەم شۇ، تارىخقا روماندىن دەلىل ئىزدەيدىغان، پاكىتنى ئەمەس، شالغۇت تارىختىن ئوزۇقلانغان تارىخ ھەققىدىكى شەخسىي قاراش ۋە ھېسسىي قانائەتلەرنى ئاساس قىلىپ زاكون قويۇش ئۇيغۇرچىلىقتا مودىدىن قالغىلى خېلى بولۇپ قالدى. تۇتارلىق بولۇش كېرەك.
بەشىنچىدىن، ئەلى ئەكبەر داموللام تىلغا ئېلىنىپ قاپتۇ. بۇ يەردە مەزكۇر «داموللام»غا تۆھمەت مەۋجۇت ئەمەس، ھەم داموللام مەسىلىسى سىز «خەۋىرىم بار» دېگۈدەك قولتۇق ئاستى ئىشلارمۇ ئەمەس. سەھىپىنى كۆرۈۋاتقان ھەربىر ئوقۇرمەن خەۋەردار ئىشلارنى ئۇنچە «يوچۇن» ئىپادە قىلىش ئارتۇقچە. تۆھمەتنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلسە ئاۋۋال پېشانىمىزنى سىلىۋېتىپ، دەل بارىن ئىنقىلابى خاتىرىلىنىش ھارپىسىدا تۇرغان مۇشۇنداق كۈنلەردە، مىللەتنىڭ قەھرىمان مۇجاھىدلىرىدىن مەرھۇم زەيدىن يۈسۈپكە قارىتىپ «زەيدىن يۈسۈپ ماۋزىدۇڭنى ئۈلگە قىلغان» دېگەن تۆھمەتلەرنى، جىھادىي ھەرىكەتلەرنى قانداق يۈزى قېلىنلارچە يازمىلىق ۋە ئېكرانلىق قارىلىغانلىقىمىزنى ئويلىشىۋېتىپ ئاندىن باشقىلارغا تۆھمەتنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە دەرس ئۆتسەكمۇ كېچىكمەيمىز. بۇ ھەقتىمۇ كۈتىدىغىنىم، بۈگۈن يازغان نەرسىسىنى ئەتىسى كامېراغا چىقىپ يۈزىنى قىزارتماي تۇرۇپ ئىنكار قىلىدىغان داپيۈز زىيالىيلىق 21 - ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئابدۇۋىلى ئايۇپ بىلەنلا تۈگەپ كەتسىكەن دېگەندىن ئىبارەت.
قىسقىسى، بۇ مەسىلىنى بەك كۆشىگۈڭىز بولسا، سىزچە چىقىش يولىمۇ يوق ئەمەس. خۇددى سىزنىڭ ھېلىقى مەنتىقىڭىز بويىچە «فىرانسىيەدىكىلەرنىڭ توختاملاشقان دەپ ئويلىۋالغىنى ئۇلارنىڭ قارىشى بولغان، ئۇلارنىڭ ۋاسىتىچىلىقىنى سىز بىر تىيىنغا ئالماي «فىرانسىيەدە كىتاب يازمايتتىم» دەپلا كېتىۋالسىڭىز، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئېلىش ياكى ئالماسلىقى ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى، قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ياتلار ئالدىدا يەرگە قاراپ قېلىش ياكى قالماسلىقى ئۇلارنىڭ ئىشى ئىكەنلىكى» دېگەنگە ئوخشاش سىزمۇ خائىنلارنى قەھرىمان چاغلاپ باشقىلارنىڭ ئىلمىي ۋە تارىخىي ۋەسىقىلەر ئاساسىدا خائىننى خائىن دېيىشىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز مەسىلە ھەل بولىۋېرىدۇ. باشقىلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە قارىسىغا ۋەسۋەسە سۈپلىمەي ئۆز بېغىڭىزدا ئويناپ قالسىڭىز بولىۋېرىدىغان ئىش. بىر تەرەپتىن مەھمۇد مۇھىتىنى يالغانچى ئەمەس، دەپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىستانغا يېيىلغان ۋە بۈگۈنگىچە قولدىن قولغا ئۆتۈپ ئامانەت مىراس بولغان بىر ئىلمىي مۇئەسسەسەنىڭ نەشرى ئەپكار ئىگىلىرىنى ئويدۇرمىچى سۈپىتىدە گۇمانلىنىپ ياشاۋېرىشىڭىز، ئاللىقانداق مۇتەئەسسىپ زېھنىيىتىڭىزدىكى پاكىت ئالدىدىمۇ تۇتامسىز پەرەزگە تايىنىپ قارىسىغا باشقىلارنى بىھۇدە زىدىلەپ ۋەسۋەسىڭىزنى تۇتقا قىلىپ ئۆتۈشىڭىز ئەلۋەتتە، ئەركىنلىكىڭىز. شۇنداق ئىكەن، «مەسىلىنىڭ ساغلام ھەل قىلىنىش يولى ئاشۇ ساھەگە چىشى پاتىدىغانلارنىڭ مەسىلىسى» دېگەن قائىدە بويىچە كېتىۋەرگىنى تۈزۈك. بولمىسا بالىلارچە ئاساسلانمىلار، ئالدى - كەينىنىڭ پەرقى يوق ياكى تۇتارلىقى بولمىغان داۋلىيلار بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ پارادوكسىنى ئاۋۇتۇپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن باشقا نەتىجە چىقمايدىغان چۇۋالچاق ئېتىرازلار بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى بىھۇدە قارىتىش، ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن باشقا ئىش بولمايدۇ. ۋەسسالام
مۇناسىۋەتلىك ماقالە ئۇلانمىسى:
https://www.facebook.com/2126035970799315/posts/3767740009962228/?sfnsn=scwspmo
---
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
Uygur töre
مەسىلىگە فىلولوگ، تارىخچى، تىلچى... قاتارلىق قايسى بىر ساھەنىڭ لوپا ئەينەكلىرىدىن ھەققانىي قارالسا، ئايلىنىپ كېلىدىغان نۇقتا يەنىلا رېئاللىقنى، ھەقىقىي تارىخنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئاقىۋەت پاكىتقا تەسلىم بولۇش بىلەن تامام بولىدۇ. مەسىلىنى تەھقىقلاشتا شىنجاڭچە لوپا ئەينەك ئارىلىشىپلا قالغاندا پاكىت ئالدىدىمۇ ۋەسۋەسە رەققاسچىلىرىنىڭ كۈچىنىڭ يېتىشىچە تولغىنىپ ئۇسۇل ئوينىشى تۇرغانلا گەپ. نەتىجىدە بۇمۇ ئادەمنى ھەر نېمە دېگۈزۈۋېتىشتىن خالىي قىلالمايدۇ. تىرناققا توختىدەك گەپ تاپالمىغاندا سۇيئىستېماللىق ئوبيېكتىنى نادان، ئوقۇمۇشسىزلارغا جوراشقا ئادەتلىنىپ قالغان شالغۇت زېھنىيەت تىلى بويىچە پاكىتقا شۈبھى ئولاشتۇرۇپ بېقىش ئەمەلىيەتتە ئەرزانلىقتا ئەڭ تايىنى يوق بىقىممەت تۇتۇمدۇر. بۇنداق شۈبھى ئولاشتۇرۇش تاكتىكىسى روس ئورىيانتالىزمىدىمۇ خېلى زامان خېرىدارلىق بولۇپ باققان. ھازىر ئۇمۇ تەدرىجىي مادارىدىن قېلىشقا باشلىدى. ھەرقانداق سۈنئىي بازارنىڭ كاساتلىشىدىغان ۋاقتى بولغىنىدەك، مىللەت ئەۋلادلىرى ئويغىنىشقا قاراپ كېتىۋاتقان چاغدا ۋەسۋەسە شىركەتلىرىنىڭ پايچېكلىرىنىڭ ئوبۇرتىمۇ تۆۋەنلەپ مېڭىشى تەبىئىي. بۇنداق چاغدا يېڭى ئەۋلادنى ئۆزىمىز پاتقان پاتقاققا دەسسىمىدى دەپ ۋايىم يەپ كېتىش ئارتۇقچە. تەييار قولدا بار ئامانەتنىمۇ مىڭ بىر تۈرلۈك ئۇپا، ئوسمىلار بىلەن بوياپ بۇرمىلاپ تۇرۇپ تونۇشتۇرمىسا كۆڭلى ئۇنىمايدىغان قىلىپ كۆنۈكتۈرۈۋېتىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى» نىڭ تەسى دائىرسى چەتئەلدە ئۇنچە كۈچلۈكمۇ ئەمەس. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئاجىزلاپ مېڭىشقا مەھكۇم. بۇنىڭ بىلەن شالغۇت زېھنىيەت خىرەلىشىشىگە ئەگىشىپ ھەقىقىي ئەرزان بىلىمدانلىقنىڭ خورجىنىمۇ قۇرۇغدىلىپ ماڭغۇسى. خەۋاتىرلەنمىگۈلۈك.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
ئابدۇۋىلى ئايۇپقا:
بىرىنچى: گەپ قوليازما ئۈستىدە كېتىۋاتمايدۇ، مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان ماقالە ئۈستىدە كېتىۋاتىدۇ.
ئىككىنچى: مەھمۇد مۇھىتىنى «ئەپەندى» دېيىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئەپەندى دەپ بېرىشى كېرەك ئەمەس. ھەم مەھمۇد مۇھىتىمۇ ماقالىدا ئۆزىنى ئەپەندى دېگەننى قوشۇپ ئىمزا قويغان ئەمەس. لېكىن مۇشۇ ژۇرنال ھەيئىتى تونۇشتۇرۇشتا «ئەپەندى» دەپ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغان. مەھمۇد مۇھىتىدا مەن ئۆزۈمنى ئەپەندى دېمىسەم، سەن مېنى ئەپەندى دەۋالدىڭ، دەيدىغان ئۇششۇقلۇق، كۆكەمىلىك يوقلۇقى سىزنىڭ ئېيتقىنىڭىزدەك ئۇنىڭ كەڭ قورساق روھىدا بار ئەھۋال. شۇڭا باشقا بىر ئىقلىمنىڭ مۇنەۋۋەرلىرىنىڭ ئۇنى ئەپەندى، دەپ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشى نورمال ئىش.
ئۈچىنچى: مەھمۇد مۇھىتى گەپ قىلمىغان، سۆز قىلمىغان، دېگەن سۆز پۇت تىرەپ تۇرمايدۇ، دېگەنگە ھە، دەپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، رەددىيەدە تىلغا ئېلىنغان ۋە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان باشقا ئېھتىماللىقلار پۈت تىرەيدۇ ۋە ئېھتىماللىقلار بىرلىشىپ بۇ ئېھتىماللىقنىمۇ كۈچلەندۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
تۆتىنچى: قەشقەردە ھۆكۈم سۈرگەن بىر ئادەمنىڭ تىل ئۇسلۇبىنى شۇ يەردە يازغان ۋە نەشر قىلغان نەرسىلىرىدىن ئىزدەيمىز. باشقا جۇغراپىيەدىكى ئەھۋالنىڭ شۇ يەرچە بولىدىغانلىقى ئەقەللىي ئەھۋال. كاشغەر تۈركچىسىدە ئەسەر يازىدىغان ئابدۇقادىر داموللام شۇرا ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلسا، شۇرا ژۇرنىلى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ماقالىسىنى شۇرا ژۇرنىلىنىڭ تىل ئۇسلۇبىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، لازىملىق سۆزلەرنى ئۆز تۈركچىسىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلان قىلسا، ياق، بۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەمەس، كاشغەر تۈركچىسىدە قوليازمىسى بولسا، يازما ئابدۇقادىر داموللامنىڭ، بولمىسا ناتايىن، دەيدىغان توقۇناقنى تاتار تۈركلىرىدە چىقىدىغان ژۇرنالغا دىيەسلىتىۋالمايمىز. زامان - ماكان ۋە شۇ دەۋر ئەپكارىسىغا ۋاقىپ بولمىساق، مۇشۇنداق تەييار ئىلمىي قائىدىنىمۇ ئەمەس يېرىگە تەتبىقلىۋېلىپ كۈلكىگە قالىدىغان ئىش چىقىدۇ.
بەشىنچى: 30 - يىللارنىڭ تىل ئۇسلۇبى ئەمەس، دېگەن قۇرۇق گەپ. ئۇنى مېنىڭ بۈگۈنكى ئەدەبىي تىلدىكى تەرجىمەمنى، شۇ دەۋر تىلىدىكى مەتبۇئات تىلى بىلەن گىرەلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىش ئەخمەقلىق. شۇ ژۇرنالنىڭ شۇ زاماننىڭ تىل ئۇسلۇبىدا چىققىنىنىڭ ئۆزى يېتەرلىك.
ئالتىنچى: مەھمۇت مۇھىتى ماقالىسىدە ئىيسا بەگنى بولشىۋېككە چېتىشتۇرۇشىدا غالچا تەبىئەتلىك بىرىدىن ھەر ئىشنىڭ كۈتۈلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش مەقسەت قىلغانلىقى ئېنىق. بۇ ئۇنىڭ ئېھتىماللىققا ئىگە قانائىتى. لېكىن خىتايغا غالچا بولغانلىقى ئۆز گۇۋاھلىقى ۋە روبىرو بىۋاسىتە مۇئامىلىسى بىلەن جەزمىيلەشكەن بىر ئىش. ئىيسا بەگ ھىندىستاندا ئىز قوغلاپ يۈرۈپ خىتاي غالچىلىقى قىلسا، ئۇنىڭ غەربى تۈركىستاندىكى پائالىيەتلەردىمۇ غالچىلىق قىلىپ قايمۇقتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىدىن قېرىنداشلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، جاڭ جېشىغا غالچىلىق قىلغان بولشىۋېكلارغىمۇ قىلماي قالمايدىغانلىق مەنىسىدە غەربى تۈركىستان مەتبۇئاتىدا سىگنال بېرىپ قويۇشىنىڭ نەرى ئەقىلگە ئۇيغۇن بولماي قالسۇن؟!
يەتتىنچى: ئۆزلىرىنى بىر مىللەتنىڭ داۋامى دەپ ئويلايدىغان ئىلىم ئىگىسى ئاۋۋال شۇ دەۋرنى چۈشىنىدىغان ساغلام روھقا، شالغۇتلاشمىغان مېتودولوگىيەلىك ئانالىز قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇشى، ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە بېقىندۇرۇپ تۇرۇپ تارىختىن ئىشتان - كۇسار پىچىشقا ئۇرۇنماي، ئاۋۋال شۇ دەۋر رېئاللىقى ۋە كىشىلىرىنىڭ مەپكۇرىسىنى توغرا شەكىلدە ھەزىم قىلىپ ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا زىددىيەت تېرىشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىش ئىلىم ۋە پىكىر ئەھلىگە قارىتىلىپ ئەمەس، چالا بىلەرمەن ئاتالمىش «شۇناس»لارغا قارىتىلىپ ئېيتىلىش توغرا بولىدۇ.
سەككىزىنچى: ئاخىرىدا تېكىشىڭىزنى توختىتالماي تولا تەھرىرلەپ ئولتۇرالماي كەتكەن مەزكۇر ئىنكاسىڭىزدىكى بىر تالاي قىستۇرما ۋەزلىرىڭىز ئادىتىڭىز بويىچە پاكىتقا بولالمىغاندا خۇدا - رەسۇل ۋە ئاخىرەتنى شىپى كەلتۈرۈپ ھېسسىيات سۇيىئىستېمالچىلىقى قىلىدىغان ھۈنىرىڭىزنىڭ مەھسۇللىرىكەن. ئىلىمگە ھېسسىيات ئارىلاشتۇرۇش سۈتكە سۇ ئارىلاشتۇرۇشتەك ساختىلىققا ياتىدىغان بىر ئىش. ۋەزىڭىزمۇ ئۆزىڭىزدە قالسۇن. دېگىنىمدەك، ھەرنېمە ئويلاش ۋە دەۋېلىش سىز باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىۋاتقانغا ئوخشاش سىزنىڭمۇ ئەركىنلىكىڭىز. بولسا، سىز تەسەللى تاپىدىغان سۆزلەرنى ئۆزىڭىزگە ياخشىراق ئۇدۇملاشتۇرۇپ نەچچە يىللاردىكىگە ئوخشاش زىددىيەت تېرىيدىغان، قىتىغۇرلۇق ۋە پىتنە ئاۋۇتىدىغان تېمىلاردا قەلەم تەۋرەتكەندە ئۆزىڭىزگە تەتبىقلىسىڭىز ئۈنۈمى ياخشى بولغىدەك.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
ئابدۇۋىلى ئايۇپقا:
مېنى تەرىپلەيمەن دەپ بەك جۇۋاپ كېتىپىسىز، رەھمەت. سەت گەپلەر سىزدىن ئايلانسۇن. سەت ۋە بەك سەت گەپلىرىڭىزنى سىزگە كۈن - چېسلاسى بىلەن ئەسلىتىپ سەھىپەمنى بۇلغاشنى توغرا كۆرمەيمەن. «سامان تېگىدىن سۇ قۇيۇش»، «سۇ ماڭغۇزۇش»، «سېسىق كۆلچەكتە ساياھەت قىلىش»، «چاڭچىلە ئويناش» قاتارلىق بىر تالاي تەشبىھاتلىق ئىشلارنىمۇ سىستېمىلىق يېتىشتۈرۈلگەن شالغۇت زېھنىيەت ئاۋالۇكسۇۋارالىرى قاملاشتۇرۇپ ئۆتۈپ كەتمىسە، ئويغاقلارنىڭ مەھەللىسىدە ئۇنداق تەرز ئويۇنلارنىڭ بازىرى ئەزەلدىن كاسات بولۇپ كەلگەن. مەن مۇشۇنداق ھەر كىمگە لايىقىدا مۇئامىلە قىلىپ ئادەتلىنىپ قاپتىمەن. ئۆرنەك، مىسال، ئىبرەتلىك بولۇشنىڭمۇ چەكلىك بولغىنى ياخشى. بولمىسا ئەمەن تېتىشقا باشلايدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ھازىرچە سىزگە ئوخشاش نەمۇنىلىك داپشاقتىن بىرسى يېتىپ ئاشىدۇ. مېنى سۆرەشتۈرۈۋېلىش كويىدىكى بۇ ئىلتىپاتىڭىزدىن تەسىرلەندىم. تەكلىپىڭىز ئۆزىڭىزدە قالسۇن، ئۆزۈم خالىغان زاماندا، خالىغان مەيداندا، خالىغان تېمىدا، خالىغان كىشىم بىلەن چىقىشنى ئىختىيار قىلغان كۈنۈم، شۇ چاغدا چىقىش ياكى چىقماسلىق ئۈزۈمنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش. باشقىلارغا يەم ئېتىپ ئېغىز بېسىقتۇرۇش نەيرىڭىنى ماڭا ئۆتكۈزەلەيمەن، دەيدىغان خام خىيالىڭىزنى بەربات قىلغىنىم ئۈچۈن ئەپسۇستىمەن.
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى