گېڭ شىمىن

ئورنى Wikipedia

قەدىمىي تۈرك تىلى تەتقىقاتچىسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قازاق تىلى فاكۇلتېتىنىڭ پىروفىسسورى گېڭ شىمىن كېسەل سەۋەبى بىلەن 2012-يىلى 17-دېكابىر 83 يېشىدا بېيجىڭدا ئالەمدىن ئۆتتى.

گېڭ شىمىن 1929-يىلى جياڭسۇ شۇجۇۋدا تۇغۇلغان، 1952-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق تىللىرى فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇ يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ئەۋلاد مىللىي يېزىق ئالىمى، جۇڭگودا تۇنجى بولۇپ قەدىمكى تۈرك يېزىقىنى تەتقىق قىلغان ئادەم. ئۇ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، تۈركچە قاتارلىق تۈركىي تىللارنى پىششىق بىلەتتى، يەنە ئىنگىلىزچە، رۇسچە، نىمىسچە، فىرانسۇزچە، ياپونچە قاتارلىق چەت ئەل تىللىرىدىنمۇ خەۋەردار ئىدى، ئۇ خەلقئارادىكى داڭلىق تۈركۈلۈگ. ئۇنىڭ نەچچە مىليون خەتلىك ئىلمىي ماقالىسى، تەرجىمە ئەسەرلىرى دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەلدىكى تەتقىقات ئورگانلىرىدا كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ جۇڭگو تۈركۈلۈگ تەتقىقاتىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان، شۇنداقلا خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە دۆلىتىمىز ئۈچۈن شەرەپ قۇچقان.

تۈركۈلۈگ گېڭ شىمىن پۈتۈن ئۈمرى ۋە ھاياتىنى مىللىي مائارىپ ئىشلىرىغا تەقدىم قىلغان بولۇپ، ئۇ ئوقۇتۇشنى ناھايتى ياخشى كۆرەتتى. پىنسىيىگە چىققان 23 يىلدىن بۇيان، ئۇ ھەر يىلى بىردىن كىتاب چىقىرىپ، ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلدى. ئۇنىڭ كەسپىگە بولغان قىزغىنلىقى، ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان مۇھەببىتى، چىن ئىخلاسى بىلەن ئوقۇتۇش-تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى نۇرغۇن ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈپ كەلگەن ئىدى. پىروفىسسور گېڭ شىمىننىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يوقىتىشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۆلىتىمىز تۈرك تىلى تەتقىقات ساھەسىدىكى چوڭ يوقتىش.

2012-يىلى 21-دېكابىر، بېيجىڭ باباۋشەن دەپنە زالىدا گېڭ شىمىن بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

http://tr.wikipedia.org/wiki/Shimin_Geng