گەز (بىرلىك)
گەز (چاغاتچە ۋە فارسچە: گز؛ ھىندۇچە: गज़) ئەسلى كېلىپ چىقىشى ھىندىستان بولغان، ياۋروپاچە ئۆلچەم بىرلىكلىرىگە ئۆتۈشتىن ئاۋۋال ئاسىياداجۈملىدىن تۈركىستان دىيارىمىزدا كەڭ قوللىنىلغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى ھەمدە ئۇنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋابنىڭ ئېتىدۇر. [1] ئىنگىلىزلەر موغۇل ياردى دەپمۇ ئاتىغان. تارىختا يەر ۋە رەخت - پىچەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۆلچەشتە قوللىنىلغان بۇ بىرلىك رايونلارغا قاراپ پەرقلىق مىقدارنى كۆرسەتكەن.
ئۆتمۈش
[تەھرىر]گەز دەسلەپتە ھىندىستاندا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بابۇر موغۇل ئىمپېرىيەسىدە قوللىنىلغان. دەسلەپتە بىر گەز = 40 بارماق (ئەڭگۈشتەم) = 32 ئىنچ = 81.82 سانتىمېتىرغا تەڭ بولغان. 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئەكبەرشاھ دەۋرىدە 41 بارماق (83.31 س م) قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، 1647 - يىلىدىن ئېتىبارەن قايتىدىن 40 بارماق ئۆلچەم ئېلىنغان. 17 - ئەسىردە راجىستاندا بىر گەز 28.5 ئىنچ = 72 سانتىمېتىر شەكلىدە قوللىنىلغان. 1875 - يىلى بېنگالدا 36 ئىنچ ياكى 1 يارد (91 سانتىمېتىر)، مەدرەس (چانناي) دا 33 ئىنچ (84 س م) ۋە بومبايدا 27 ئىنچ (69 س م) بولغان.
20. ئەسرگە كەلگەندە گەز ئىنگىلىز سىستېمىسى بويىچە بىر ياردقا ياكى مېتىر بويىچە 0.91 مېتىرغا تەڭ قوبۇل قىلىنغان. لېكىن، ئىنگىلىز ھىندىستانى شەھەرلىرىدىن بىكانىردا 1 گەز = 2 فۇتقا تەڭ قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، تا ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا.
مىڭ سۇلالىسى «ئىدىقۇت مەھكىمىسى خەت چەكلىرى»دە: «گەز: ئۇزۇنلۇق بىرلىكى، بىر قولنىڭ ئۇزۇنلۇقىچىلىكتۇر، 24 بارماققا باراۋەردۇر» دېيىلگەن.[1] مىرزا ھەيدەر «تارىخى رەشىدى»دە كاشغەر قەلئەسىنىڭ ئېگىزلىكى ھەققىدە «ماتا گەزى» نى تىلغا ئالغان: «... پەقىر ئۇ قەلئەنى نەچچە نۆۋەت كۆرۈپ ھەۋەس بىلەن ئايلىنىپ چىققان ئىدىم... قەلئەنىڭ ئېگىزلىكى ماتا گېزىدە يىگىرمە بىر گەز، بۇرج لىرىنىڭ ئەتراپى ناھايىتى ئېگىز...»[2] دېگەن.
گەز گەرچە تۈركىستاندا ئۇمۇمەن ئىستىمالدىن قالغان بولسىمۇ، لېكىن ھىندىستان تۆۋەن قىتئەسىدە ھازىرغىچە كەڭ قوللىنىلىپ كەلمەكتە. ھىندۇچە ۋە ئوردۇچىدە «يارد» بىرلىكى ئۈچۈن ئۆلچەملىك تەرجىمە قوبۇل قىلىنماقتا.
بىرلىكى
[تەھرىر]گەز تۈركىستاندا ئۆتمۈشتە ئوخشىمىغان دەۋرلىرىدە 61 سانتىمېتىردىن 106 سانتىمېتىرغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقلارنى ئىپادىلىگەن. گەز ھېسابلاشتا ئۈچ ئۇسۇل بار بولۇپ، ئۇلار:
1- ئۇسۇلدا 1) بارماق ئۇچىدىن مۈرىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇق (70-75 سانتىمېتىر)؛ 2) بارماق ئۇچىدىن كۆكرەككىچە بولغان ئۇزۇنلۇق (80-90 س م)؛ 3) بارماقنىڭ ئۇچىدىن ئىككىنچى مۈرىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇق (105-110 س م.)
2- ئۆلچەم بولسا 1 گەز = 24 بارماق؛ 1 بارماق = 6 ئارپا دېنى؛ 1 ئارپا دېنى 6 ئىشچى ئات يالى، يەنى 2.18~2.28 سانتىمېتىرغىچە بولۇپ، 1 گەز تەخمىنەن 52,32~54,72 ئەتراپىدا بولغان.
3- خىل ئۆلچەشتە مۇشتۇم بىلەن ئۆلچەلگەن. 1 مۇشتۇم = 4 بارماق؛ ئەگەر مۇشت تۈگىلىپ باشبارماق تىك تۇتۇلغان بولسا باش بارماقنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ بارماق دەپ قوبۇل قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن باشبارماق تىكلەنگەن بىر مۇشتۇم توپلام 7 بارماققا تەڭ كۆرۈلگەن. مۇشتۇم بىلەن گەز ئۆلچەشتە 1 گەز = 6 مۇشتۇم + 1 باشبارماق تىكلەنگەن بىر مۇشتۇم بولغان. دېمەك، 1 گەز = 6x4 بارماق + 7 بارماق، جەمئىي 31 بارماق (2.18~2.28 س م) = 70.68~67.58 سانتىمېتىرغا تەڭدۇر.
ئۆزبېكىستان ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا بىرلىككە كەلگەن ھالدا 71 سانتىمېتىرغا تەڭ ئۇزۇنلۇقنى ئىپادىلەيدۇ.
كۈنىمىزدە
[تەھرىر]ھىندىستاندا
[تەھرىر]- بېنگالدا 91.44 سانتىمېتىر؛
- بومبايدا 68.58 سانتىمېتىر؛
- چىننايدا ۋە رەسمىي بىرلىكتە 83.82 سانتىمېتىر.
نېپالدا
[تەھرىر]- 20 - ئەسىردىن بېرى 91 سانتىمېتىرغا تەڭ.
ئىراندا
[تەھرىر]- 1880 - يىللاردا 1 گەز ياكى زىرائ رەخت ئۈچۈن 95 سانتىمېتىر، يىپەك ۋە گېلەم ئۈچۈن 69 سانتىمېتىر قىلىپ بەلگىلەنگەن، كۈنىمىزدە 106 سانتىمېتىر شەكلىدە ئۇمۇملاشقان.
ئەرەب دىيارلىرىدا
[تەھرىر]- 68.58 ياكى 93.98 سانتىمېتىرغا تەڭ.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا
[تەھرىر]- مالايسىيادا بىر گەز 33 ئىنچ ياكى 83.82 سانتىمېتىرغا تەڭدۇر.
ئالاقىدار
[تەھرىر]- ئارپا
- ئارغامچا بويى
- بىر ئوق ئېتىم
- پەرسەخ
- پوتەي
- تاپان
- تادا
- تاناپ
- تاش
- تۇرۇم
- چاقىرىم
- چارەك
- چىغ
- غۇلاچ
- غېرىچ\قارىش
- قارى
- كۆچ
- مەنزىل
- نەيز بويى
- ئوقتام
- ئۆتەڭ
- ئىلىك
- يىغاچ\ياغاچ
- يول
پايدىلانمىلار
[تەھرىر]- ↑ 1.0 1.1 ئابدۇشۈكۈر مەخسۇت، «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى بىر قىسىم ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكلىرى»، ش ج ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى، 2024 - يىل 3- سان، 49-58 - بەتلەر.
- ↑ م. م. ھ. كۆرەگان، تارىخى رەشىدى، ش ج خەلق نەشرىياتى، 2007، ئۈرۈمچى، 616 - بەت.