ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى

ئورنى Wikipedia

ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎتى ياكى ئۇﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎتى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە،بالدۇر ئويغانغان بىر قىسىم زىيالىي ئەدىبلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا،رېئالىزىمنى ئاساسلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى قىلغان،جاھانگىرلىككە، فېئودالىزىمغا،مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا، نادانلىق-جاھالەتكە قارشى تۇرۇشنى،ئويغىنىپ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى، ئازادلىق-ئەركىنلىككە تەلپۈنۈشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان، دېمۇكىراتىك ئىدىيگە،جەڭگىۋار كۈرەش ئىرادىسىگە ۋە شۇنداقلا مەرىپەتچىلىك روھىغا باي بولغان يېڭى بىر ئەدەبىيات – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى مەيدانغا كەلدى.

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

بۇ ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ تەخمىنەن يېرىم ئەسىرلىك تارىخى تەرەققىيات مۇساپىسىدە كۆپلىگەن ئىجادىيەت مۇۋەپپە-ىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى قېتىپ،ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ،ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى يەنە بىر «ئالتۇن دەۋر»نى ياراتتى.ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى – ئۇيغۇر خەلقى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىجاد قىلغان ئەدەبىيات بولۇپ،ئۇ ئەقىل-پاراسەتلىك، ئىجادكار،مېھنەتكەش ئۇيغۇر خەلقى ئالاھىدە تارىخى دەۋردە ئىجاد قىلغان قىممەتلىك ئەدەبىي مىراس،شۇ دەۋر رېئاللىقىنىڭ بەدەئىي خاتىرىسى، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى.خەلقىمىز ئۆزىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى تەخمىنەن يېرىم ئەسىرلىك ئەقلىي ئىزدىنىشلىرىنى، ئىجتىمائىي ھاياتىنى،جاپالىق كۈرەشلىرىنى،گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىنى مانا مۇشۇ ئەدەبىياتتا چىن،جانلىق، ئوبرازلىق ئىپادىلىدى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى – جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېڭى دېموكىراتىك ئىنقىلاپ مەزگىلىدە ياراتقان ئەدەبىياتى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن جوڭگۇ ئەدەبىياتىنىڭ، جۈملىدىن جوڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئايرىلماس،مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ھېساپلىنىدۇ. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمۇ جوڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئوخشاش 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن شۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرسىغىچە بولغان تەخمىنەن يېرىم ئەسىرلىك تارىخى تەرەققىيات باسقۇچىنى باشتىن كەچۈردى،جوڭگۇ ئەدەبىياتىنىڭ فېئودالىزىمغا، جاھانگىرلىككە،مىللى زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ تېمىسىغا يېقىندىن يانداشتى،جوڭگۇ ئىنقىلابىنى كەڭ ۋە ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ،خەلقنىڭ كۈرەش روھىغا ئىلھام بەردى،ئەڭ مۇھىمى جوڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئوخشاش رۇشەن دېمۇكىراتىك خاراكتېرى،كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقى ۋە رۇشەن ئىنقىلاۋىلىقى بىلەن شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان دېمۇكىراتىك ئىنقىلابلارنىڭ مۇھىم كۈرەش قورالىغا ئايلاندى، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى،ئازادلىق-ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈشنى،شۇنداقلا ۋەتەن-خەلقنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى قىزغىنلىق بىلەن كۈيلىدى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى.ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تارىخى تەرەققىياتى داۋامىدا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى دەۋرى»، «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى دەۋرى» ۋە «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى دەۋرى»دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تەرەققىيات دەۋرىنى بېسىپ ئۆتكەن.ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى – ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا، دەۋر تەلىپىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، رېئاللىققا ئەدەبىي ياندىشىشنى ئاساسلىق ئالاھىدىلىك قىلىپ مەيدانغا كەلگەن يېڭىچە،زامانىۋى ئەدەبىيات بولۇپ، بۇ ئەدەبىيات 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئەسىر ئوتتۇرلىرىغىچە – 1949-يىلى 10- ئايدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانغىچە – بولغان ئارىلىقتىكى تەخمىنەن يېرىم ئەسىرلىك ئەدەبىيات باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى– 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تەخمىنەن يېرىم ئەسىرلىك ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ.شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئالاھىدە تارىخى دەۋرنىڭ ئالاھىدە ئەدەبىياتى.بۇ دەۋر فېئودالىزىمغا، جاھانگىرلىككە،مىللى زۇلۇمغا قارشى كۈرەشنى، ئىدىيە-مەدەنىيەت جەھەتتىن ئويغىنىشنى ئاساسلىق مەزمۇن قىلغان بولۇپ، دەۋرنىڭ بۇ خىل مەزمۇنى ئەدەبىياتتا ناھايىتى گەۋدىلىك ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى ۋە بۇ دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى بەلگۈلىدى.يەنە بىر تەرەپتىن،بۇ دەۋر ئەدەبىياتى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جاھانگىرلىككە،فېئودالىزىمغا،زۇلۇم-مۇستەبىتلىككە،نادانلىق-قالاقلىققا قارشى تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشتىكى ئۆتكۈر كۈرەش قورالى بولدى،تېخىمۇ مۇھىمى بۇ ئەدەبىيات ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى زامانىۋى ئەدەبىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئەدەبىياتنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىدە ماھىيەتلىك يېڭىلىقلار،ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، كېيىنكى ئەدەبىيات تەرەققىياتلىرى ئۈچۈن ناھايىتى ناھايىتى ياخشى ئاساسلار سېلىندى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئىلغار،ئىنقىلابى ھەم يېڭى ئەدەبىيات بولدى.بۇ ئەدەبىيات مەيدانغا كەلگەندىن تارتىپلا ئىلغار،ئىنقىلابى دېمۇكىراتىك ئىدىيلەرنى ئىپادىلىدى،دەۋر رېئاللىقىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى، ئىنقىلابنىڭ مۇھىم قورالىغا ئايلىنىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈرەش روھىغا ئىلھام بەردى،ئۇلارنى ئىدىيە-مەدەنىيەت جەھەتتىن ئويغاتتى.ئەڭ مۇھىمى،ئەدەبىياتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، دەۋرنىڭ يېڭىچە ئەدەبىياتى قىلىپ يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ،دەۋرگە خاس ئۇسلۇپ ياراتتى، يېڭى ئەدەبىي شەكىل-تۈرلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى،شۇنىڭ بىلەن بۇ دەۋر ئەدەبىياتى دەۋرنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا يېقىندىن ياندىشىپ،ھەقىقىي مەنىدىكى «جەڭگىۋار ئەدەبىيات»قا ئايلاندى،شۇنىڭ بىلەن بۇ دەۋر ئەدەبىياتىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن قاينام-تاشقىنلىق ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى – ئۆتكۈنچى دەۋر ئەدەبىياتى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتتىن زامانىۋى ئەدەبىياتقا ئۆتۈشىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپلا قالماستىن،بەلكى يەنە زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئورۇنلىدى. بۇ ئەدەبىيات ئۆز نۆۋىتىدە يەنە زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن كۆپ تەرەپلەردىن ئاساس سېلىپ،بۈگۈنكى زاماندىكى رېئالىزىملىق ئەدەبىياتقا ئۆتۈشتىكى مۇھىم بىر ئۆتكۈنچى دەۋر بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى خاراكتېر جەھەتتىن ئىلغار دېمۇكىراتىك ئىدىيلەر ئىپادىلەنگەن،رېئالىزىمنى ئاساسلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى قىلغان،كۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولغان،كۆپ ژانېرلىق ئەدەبىيات بولدى.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى زامان باسقۇچى گەرچە 50 يىلغا يېقىن قىسقىلا داۋاملاشقان بولسىمۇ،ئەمما ئۇ ناھايىتى گەۋدىلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېرىشتى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى يېڭى بىر تارىخى دەۋرگە ئېلىپ كىردى،ئەدەبىياتنى رېئاللىققا يانداشتۇردى،ئەدەبىياتنى كۈرەش قورالىغا ئايلاندۇرۇپ،بۇ قورال ئارقىلىق فېئودالىزىمغا، جاھانگىرلىككە، مىللى زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلدى،خەلقنى ئويغاتتى،رېئالىزىمنى ئاساسلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى قىلدى،جوڭگۇ ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىدىن تەسىر قوبۇل قىلىپ،ئەدەبىي تۈر-ژانېرلارنى كۆپ خىللاشتۇردى ۋە ئىجادىيەت تېمىسىنى كېڭەيتتى.قىسقىسى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى – ئالاھىدە بىر تارىخى دەۋردىكى ئەدەبىيات بولۇپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ،شۇنداقلا ئۇ يەنە ناھايىتى يۇقۇرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﻯ [تەھرىرلەش]

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ 20-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ, 20-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ, ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ, ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ, ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪ-ﯨﻠﯩﻜﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ, ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ.ﻛﻮﻧﻜﯩﺮﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ, ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ 1900-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﺎﯓ, ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ 1949-ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1-ﻛﯜﻧﻰ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ, ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯜﭺ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺋﯜﭺ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ, ﻧﯩﺴﺒﯩﻲ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ.

  1. ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ 1900-ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 1933-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ «12-ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮ- ﯨﺸﻰ»ﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.ﺑﯘ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﺎ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯦﻤﯘﻛﯩﺮﺍﺗﯩﻚ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺑﯘ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ  ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ «ﺩﯦﻤﯩﻜﯩﺮﺍﺗﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺩﻩﯞﺭﻯ» ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺑﯘ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﺘﯩﻦ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ, ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ, ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ.ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ, ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ, ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺷﻪﯞﻗﯩﻲ, ﻧﻪﺯﻩﺭ ﻏﻮﺟﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﮪﺎﭘﯩﺰ, ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ﮪﺎﺟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
  2. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ 1933-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ «12-ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ»ﺩﯨﻦ 1944-ﻳﯩﻠﻰ «ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ» ﭘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﻐﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ, ﻳﻪﻧﻰ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ «ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ» ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﻯ. ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ, ﻣﻪﻣﺘﯧﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ, ﻧﯩﻤﺸﯧﮭﯩﺖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﻰ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻰ, ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻯ, ﻗﺎﺳﯩﻤﺠﺎﻥ ﻗﻪﻣﺒﯩﺮﻯ, ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﮪﯧﺴﺎﭘﻼﻧﺪﻯ.
  3. ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ 1944-ﻳﯩﻞ 11- ﺋﺎﻳﺪﺍ ﭘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﺪﯨﻦ 1949-ﻳﯩﻠﻰ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﺎ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﻪﻳﺴﯩﺮﺍﻧﻪ ﺭﻭﮪﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ «ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﮊﺍﻧﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ, ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﺘﻰ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ, ﺑﻪﺩﻩﺋﯩﻲ ﺳﻪﯞﯨﻴﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, «ﭘﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ »ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻯ, ﺋﻪﻟﻘﻪﻡ ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ, ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﻧﺎﺯﯨﺮﻯ, ﺳﻪﻳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺯﯨﺰﻯ, ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ ﺯﯨﻴﺎﺋﻰ, ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ, ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﻮﭖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯘ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﮪﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.ﭘﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﺘﻠﯩﺸﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ, ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ ﺯﺍﻣﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯜﺵ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ, ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﻪ ﺭﯦﺌﺎﻟﯩﺰﯨﻢ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭘﯩﺸﯩﭗ, ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺳﻪﯞﯨﻴﺴﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ, ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭ-ﮊﺍﻧﯧﺮﻻﺭ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻠﻼﺷﻘﺎﻥ, ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﮊﺍﻧﯧﺮ-ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ, ﮪﻪﺗﺘﺎ «ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﻪﺭ»ﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺭﻭﻣﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﺴﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ-ﻳﯧﯖﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ ﮪﻪﻡ ﻧﯩﺴﺒﯩﻲ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ. 

ئۇﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ [تەھرىرلەش]

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻼﺭ ﮪﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﺱ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﮪﯧﺴﺎﭘﻼﻧﺴﺎ, ﮪﻪمدە ﻧﯩﺴﺒﯩﻲ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﮪﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ, ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﯩﻲ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ, ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮪﻪﻡ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻜﻠﻪﺭ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﺪﺍ, ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ:

  • 1. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯦﻤﻮﻛﯩﺮﺍﺗﯩﻚ ﺧﺎﮪﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ.ﺑﯘ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺭﻭﻟﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﺸﯩﭗ, ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻛﻪﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ, ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺷﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﻰ, ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﺒﯩﺘﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ.ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻛﻪﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ, ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ, ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯩﺸﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ , ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﯞﻩﺗﻪﻥ-ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ؛ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ, ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ, ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ, ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯦﻤﯘﻛﯩﺮﺍﺗﯩﻚ ﺧﺎﮪﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻤﯘﻛﯩﺮﺍﺗﯩﻚ ﺧﺎﮪﯩﺶ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻘﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ.
  • 2. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ, ﺧﻪﻟﻘﭽﯩﻠﻠﯩﻖ ﺭﻭﮪﯩﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﺑﺎﻱ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ, ﺧﻪﻟﻘﭽﯩﻠﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﮪﻪﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ-ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﯞﻩﺗﻪﻥ, ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ, ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﯞﻩﺗﻪﻥ-ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﺑﯘ ﮪﻪﻗﺘﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ, ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﯩﻨﻰ, ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﯧﻤﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ؛ﻛﻪﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ, ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ, ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻐﺎ, ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﮪﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﻪﯓ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﯧﮭﺮﻯ-ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻳﻠﯩﺪﻯ.ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﮔﻪ ﺗﻪﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻱ, ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ, ﺋﻪﻝ-ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ.ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﭽﯩﻠﻠﯩﻖ – ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺭﻭﮪﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ.
  • 3. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ, ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﻨﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﯞﻩ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﮪﻪﻡ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﮪﻪﻡ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﺪﻯ.ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ؛ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﺭﺳﻠﯩﻖ ﮊﺍﻧﯧﺮ, ﺗﯧﻤﺎ, ﺋﯘﺳﻠﯘﭖ, ﺑﻪﺩﻩﺋﯩﻲ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﯞﺍﺳﺘﻠﯩﺮﻯ, ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯩﻞ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﮪﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﺪﻯ. ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﻧﯩﺰﺍﺭﻯ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ, ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﺘﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺭﯦﺌﺎﻟﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﺧﺎﮪﯩﺸﻨﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﺩﻯ, ﺑﯘ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ, ﺧﻪﻟﻘﭽﯩﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﮪﻪﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﭼﻮﯕﻘﯘﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ؛ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯘ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﺍﺭﺳﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﺒﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ, ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ, ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ.
  • 4.ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﺍ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﮊﺍﻧﯧﺮ-ﺗﯜﺭﻟﻪﺭ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻠﻼﺷﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻧﺪﻯ.ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﮊﺍﻧﯧﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ, ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭ – ﮊﺍﻧﯧﺮﻻﺭ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ, ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ , ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ, ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﮊﺍﻧﯧﺮﻻﺭ-ﺗﯜﺭﻟﻪﺭ ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﭗ, ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ, ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ-ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﮊﺍﻧﯧﺮﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ, ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍﺳﻰ, ﯛﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻝ-ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭ-ﮊﺍﻧﯧﺮﻻﺭ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻠﻠﯩﺸﯩﭗ, ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﮊﺍﻧﯧﺮ-ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ. ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﺘﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﮪﯧﻜﺎﻳﻪ, ﺭﻭﻣﺎﻥ, ﺩﺭﺍﻣﺎ, ﻧﻪﺳﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭ-ﮊﺍﻧﯧﺮﻻﺭ ﮪﻪﻡ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﯧﻨﻰ ﺑﯘ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﺎ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﭗ, ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﮊﺍﻧﯧﺮ-ﺗﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﻪﯓ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ.
  • 5. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺟﻮﯕﮕﯘ ﯞﻩ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ.ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﯞﻩ ﺋﻮﺯﯗﻗﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻛﯚﺭﯨﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﻯ, ﺗﯧﻤﺎ ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﺭﺍﺟﯩﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﺘﻪ ﺟﻮﯕﮕﯘ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ, ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﻪﺭﻧﻰ, ﻟﯧﻨﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﻮﺭﻭﻟﯧﺘﺎﺭﯨﻴﺎﺕ ﺩﺍﮪﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺩﯨﮭﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﺑﻪﺩﻩﺋﯩﻲ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﻪ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺟﻮﯕﮕﯘ ﯞﻩ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﯦﺌﺎﻟﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻟﻼﭖ, ﺭﯦﺌﺎﻟﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﻳﺎﻧﺪﺍﺷﺘﻰ؛ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﮊﺍﻧﯧﺮ-ﺗﯜﺭﻟﻪﺭ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﻪ ﺭﻭﺱ-ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ, ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺩﺭﺍﻣﺎ, ﻧﻪﺳﯩﺮ, ﮪﯧﻜﺎﻳﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮊﺍﻧﯧﺮﻻﺭﻧﻰ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ, ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ.
  • 6. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕـ-ﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ.ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ, ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﮔﻪﺭﭼﻪ 20 ﻳﯩﻞ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﯘﺷﯘ 20 ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ.ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﺘﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ, ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺳﻪﯞﯨﻴﻠﯩﻚ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ, ﺑﯘ ﻗﻮﺷﯘﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩﺗﻪﻥ-ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭘﭽﯩﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ, ﺋﯘﻻﺭ «ﻗﻪﻟﻪﻡ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﯩﻢ, ﻧﻪﻳﺰﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ» ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ, ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ, ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ, ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻗﺎﻳﻨﺎﻡ-ﺗﺎﺷﻘﯩﻨﻠﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ, ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﺍ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﭼﯘﻗﺎﻧﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ, ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ, ﺯﯗﻟﯘﻣﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﺍ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﺍﺳﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ, ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰـ-ﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ, ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯜﺭﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺯﻩﭘﻪﺭ ﻣﺎﺭﺷﯩﻨﻰ ﻳﺎﯕﺮﺍﺗﺘﻰ.ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﮊﺍﻧﯧﺮ- ﺗﯜﺭﻟﻪﺭ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻠﻼﺷﺘﻰ, ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ھىكايە, ﺭﻭﻣﺎﻥ, ﻧﻪﺳﯩﺮ, ﺩﺭﺍﻣﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﮊﺍﻧﯧﺮﻻﺭﺩﯨﻤﯘ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.