Jump to content

ھانس يواكىم كلىمكېيت

ئورنى Wikipedia
Hans Joachim Klimkeit

ھانس يوآخىم كلىمكېيت (نېمىسچە: Hans Joachim Klimkeit؛ 1939-07-22، ھىندىستان، رانچى —1999-02-07[1]) گېرمانىيەلىك. تونۇلغان نېمىس سېلىشتۇرما دىن تەتقىقاتچىسى، شەرقشۇناس. مانى دىنى، بۇددىزم، گنوستىزم ۋە ئوتتۇرا، شەرقىي ئاسىيا دىنىي مەتىنلەر مۇتەخەسسىسى[2].

كەچمىشى

[تەھرىر]

كلىمكېيت ئەنگىلىيەگە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ رانچى (Ranchi) شەھىرىدە مىسىيونېر (دىن تارقاتقۇچى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتىسى يوھاننېس كلىمكېيت نېمىس گوستنېر مىسىيون ئۆمىكىدە خىزمەت قىلغان. كلىمكەيت ئىنگىلىز، ھىندۇ، ئوردۇ، بوجپۇرى ۋە تامىل تىللىرىنى ئۆگىنىش پۇرستىگە ئېرىشكەن.

كلىمكېيت 1955 - يىلى گېرمانىيەگە كۆچۈپ كېلىدۇ ۋە 1958 - يىلى ئېسپېلكامپ ( شىمالىي رېيىن-ۋېستفالىيە ) ئوتتۇرا مەكتەپنى (Söderblom-Gymnasium) تاماملاپ، يېڭى دېتتېلسئاۇ (Neuendettelsau) تۈبىنگەن ( Tübingen)، بون (Bonn) ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرستىتېتلىرىدەپروتېستانت تېئولوگىيەسى، ماتېماتىكا، ھىندولوگىيە (فون گلازېنەپ، Helmuth von Glasenapp؛ 1891—1963 يېتەكچىلىكدە) ۋە پەلسەپە بويىچە تەھسىل ئالغان. بون ئۇنىۋېرسىتېتىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، لىكتورلۇق سالاھىيتى قازانغان ۋە 1972 - يىلى مەشھۇر شەرقشۇناس رۇدولف ئوتتو (Rudolf Otto؛ 1869—1937) نىڭ ئوقۇغۇچىسى گۇستاف مېنشىڭ (Gustav Mensching؛ 1901—1978) دىن بوشانغان سېلىشتۇرما دىن بىلىمى كۇرسى پروفېسسورى، بون ئۇنىۋېرسىتېتى سېلىشتۇرما دىنىي تەتقىقات مۇھاكىمە كومىتېتى تەپتىشى ۋەزىپىسىگە كەلگەن.

1978 - يىلى «دىن ۋە مەنىۋىيەت تارىخى» (Zeitschrift der Savigny-Stiftung für Rechtsgeschichte: Germanistische Abteilung، قىسقىچە: ZRGG) ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن تەھرىرى، 1987 - يىلى «ئىلاھىيەت قامۇسى» (Theologische Realenzyklopädie، قىسقىچە: TRE) نىڭ ئورتاق باش مۇھەررىرى بولغان.

كلىمكېيتنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ساھەسى ئاساسەن مانىزم، بۇددىزم ۋە گنوستىزم قاتارلىقلارنىڭ شەرقتىكى تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئىدى. ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى لىن ۋۇشۇ (林悟殊) تەرىپىدىن خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، 1995 - يىلى «دا گامادىن بۇرۇنقى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ئاسىيادىكى خرىستىيانلىق» (達·伽馬以前中亞和東亞的基督教) ئات بىلەن كىتاب شەكلىدە يورۇق كۆردى.

كلىمكېيتنىڭ مانى دىنى سەنئىتى، ئەدەبىياتى ۋە فىقھىغا دائىر تەتقىقاتلىرى «مانىزم سەنئىتى ۋە خەت سەنئىتى» (Manichaean Art and Calligraphy) ئاتلىق كىتاب بولۇپ ئېلان قىلىنغان.

1999 - يىلى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغان. كلىمېتنىڭ دەرك (Dirk)، بېرند (Bernd) ۋە كاي (Kai) ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى قالغان.

تارىخشۇناس جاڭ گۇاڭدا (张广达) «پروفېسسور كلىمكېرنى خاتىرىلەش» (《悼克里姆凯特教授》) ئاتلىق ماقالە يازغان.

ئەسەرلىرى

[تەھرىر]

كلىمكېيتنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جۈملىدىن:

  • Das Wunderverständnis Ludwig Feuerbachs in religionsphänomenologischer Sicht (1965): لۇدۇىگ فويەرباخنىڭ مۇجىزە چۈشىنىشى بويىچە دىنىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل.(Wikipedia – Die freie Enzyklopädie)
  • Manichaean Art and Calligraphy (1982): مەنەخىيچىلىك سەنئىتى ۋە خەت كالىگرافىيەسى توغرىسىدا تەتقىقات.(AbeBooks)
  • Die Seidenstraße: Handelsweg und Kulturbrücke zwischen Morgen- und Abendland (1988): «ئىپەك يولى: شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدىكى سودا يولى ۋە مەدەنىيەت كۆۋرۈكى» ناملىق ئەسەر.(Wikipedia – Die freie Enzyklopädie)
  • Gnosis on the Silk Road: Gnostic Texts from Central Asia (1993): «ئىپەك يولىدىكى گنوسىس: ئوتتۇرا ئاسىيدىكى گنوسىس ماتېرىياللىرى» ناملىق ئەسەر.(Ansiklopedik.com)
  • Christians in Asia before 1500 (1999): «1500-يىلدىن بۇرۇن ئاسىيادىكى خرىستىئانلار» ناملىق ئەسەر.(Wikipedia – Die freie Enzyklopädie)

مۇكاپاتلىرى ۋە ئەزالىقلىرى

[تەھرىر]
  • 1985-يىلى، كلىمكايت شىمالىي رېين-ۋېستفالىيە پەن-سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان.

تۆھپىلىرى

[تەھرىر]

كلىمكايت دىنىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە، خۇسۇسەن مەنەخىيچىلىك، بۇددىزم، زەردۇشتچىلىق ۋە شەرق-غەرب دىنىي مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىرى توغرىسىدا مۇھىم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى ئىپەك يولىدىكى دىنىي ۋە مەدەنىي ئالاقىلەرنى چۈشەنمەكتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئېسىغلانما

[تەھرىر]
  1. BOTH HISTORIAN OF RELIGION AND PHENOMENOLOGIST: THE WORK OF HANS-JOACHIM KLIMKEIT (1939-1999). Wiley-Blackwell. [2017-07-05]
  2. https://de.wikipedia.org/wiki/Hans-Joachim_Klimkeit

.