ھايۋانلارنىڭ پۇراش سېزىمى سېكتورلىرى

ئورنى Wikipedia


مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

ئادەتتە ھايۋانلار پۇراقلارنى سېزىشتە بۇرنىغا تايىنىدۇ. بىراق، پۇراقلارنى بۇرنىغا تايانمايمۇ چاققان سېزىدىغان بىرمۇنچىلىغان ھايۋانلارمۇ بار.

ئىت بۇرنىنىڭ پۇراش سېزىمى ئالاھىدە ئۆتكۈر، ئەمما ئۇ بۇرنىنى ئاساسەن نەپەسلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ پۇراش سېزىمى ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى بۇرنى ئىچىدە ئالاھىدە ئۆتكۈر پۇراش سېزىمى رېتسىپتورلىرىنىڭ بولغانلىقىدىندۇر. يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلاردىن يىلاننىڭ پۇراش سېزىمى رېتسىپتورلىرى ئۈستۈنكى تاڭلىيىدا بولۇپ، ھاۋادىكى پۇراقلىق مولېكۇلىلارنى نەپەسلىنىش يولىدىكى ھاۋا ئېقىمىدىن ئەمەس، بەلكى ئاچىماق تىلىنى ھاۋاغا ئۈزلۈكسىز سوزۇپ چىقىرىپ، ھاۋادىكى گاز مولېكۇلىلىرىنى تۇتۇپ، ئاندىن يۇقىرىقى تاڭلىيىدىكى پۇراش سېزىمى رېتسىپتورلىرى ئۇۋىسىغا يوللاپ پەرقلەندۈرىدۇ.

مۇتلەق كۆپ ساندىكى ھاشاراتلارنىڭ پۇراش سېزىمى رېتسىپتورلىرى سەزگۈ مۈڭگۈزچىسىدە ياكى بۇرۇتسىمان پۇتىدا بولىدۇ. مەسىلەن، كېپىنەكنىڭ سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى بوشلۇقتا ئېگىز كۆتۈرۈلگەن ھالدا پۇلاڭشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، سەزگۈرلۈك دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. بەزىلەر بەلگە قويۇلغان بىر تال ئەركەك كېپىنەكنى بىرقانچە كىلومېتىر يىراق يەرگە ئاپىرىپ قويۇۋەتكەندە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر پۇراش سېزىمىگە تايىنىپ، چىشى كېپىنەكلەر بار يەرگە يېنىپ كەلگەن. بەزى پارازىت ھايۋانلار، مەسىلەن، قويۇق يۇڭ ئىچىدە ياشايدىغان سالجىلارنى ئالساق بۇرۇن ۋە سەزگۈ مۈڭگۈزچىسىنىڭ بولۇشى ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا پايدىسىز. چۈنكى، ئۇلارنىڭ پۇراش سېزىمى رېتسىپتورلىرى پۇتىدا بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق پارازىت ئىگىسىنىڭ تېنىدىن قان شورايدىغان يەرنى تاپالايدۇ.

ھايۋانلارنىڭ پۇراش سېزىمى رېتسىپتورلىرىنىڭ جايلىشىشىدىكى پرىنسىپ شۇكى، قايسى ئورۇندا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئەپلىك بولسا، شۇ يەرگە جايلىشىدۇ.