ھاۋالە توختامى

ئورنى Wikipedia
21- باب ھاۋالە توختامى
  396- ماددا ھاۋالە توختامى ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ھاۋالە قىلىنغۇچى پۈتۈشىدىغان، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان توختامدۇر.
  397- ماددا ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچىغا بىر ياكى بىر نەچچە ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئالاھىدە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، ھاۋالە قىلىنغۇچىغا بارلىق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى يىغىپ ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.
  398- ماددا ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىشقا كېتىدىغان خىراجەتنى ئالدىن بېرىشى كېرەك. ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىشتا بېرىپ تۇرغان زۆرۈر خىراجەتنى ھاۋالە قىلغۇچى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇشى كېرەك.
  399- ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشىنى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ ئەھۋال جىددىي بولۇپ قېلىپ، ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىشكە بولمىسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى، لېكىن كېيىن ئەھۋالنى ھاۋالە قىلغۇچىغا ۋاقتىدا بىلدۈرۈشى كېرەك.
  400- ماددا ھاۋالە ئىشىنى ھاۋالە قىلىنغۇچى ئۆزى بىۋاستە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ ھاۋالىنى ئۆتۈنسە بولىدۇ. ئۆتۈنمە ھاۋالە ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە ئىشلار توغرىسىدا ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن ئۈچىنچى كىشىگە بىۋاستە كۆرسەتمە بەرسە بولىدۇ، ھاۋالە قىلىنغۇچى ئۈچىنچى كىشىنى تاللىغانلىقى ۋە ئۈچىنچى كىشىگە كۆرسەتمە بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۆتۈنمە ھاۋالە ماقۇللۇقتىن ئۆتمىگەن بولسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن ئۈچىنچى كىشىنىڭ ھەرىكىتى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىن جىددىي ئەھۋالدا، ھاۋا قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش يۈزسىدىن ھاۋالىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  401- ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھاۋالە ئىشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك. ھاۋالە توختامى ئاياغلاشقاندا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.
  402- ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچى بەرگەن ھوقۇق دائىرىسىدە ئۈچىنچى كىشى بىلەن ئۆز نامىدا تۈزگەن توختامدىكى ئۈچىنچى كىشى توختام تۈزگەندە ھاۋالە قىلىنغۇچى بىلەن ھاۋالە قىلغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ۋاكالەتلىك مۇناسىۋىتىنى بىلسە، ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ئۈچىنچى كىشى مۇشۇ توختامنىڭ چەكلىمىسىگە بىۋاستە ئۇچرايدۇ، لېكىن بۇ توختامنىڭ چەكلىمىسىگە ھاۋالە قىلىنغۇچى بىلەن ئۈچىنچى كىشىلا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئېنىق دەلىل- ئىسپات بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  403- ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ئۈچىنچى كىشى بىلەن ئۆز نامىدا توختام تۈزۈشكەندە، ئۈچىنچى كىشى ھاۋالە قىلىنغۇچى بىلەن ھاۋالە قىلغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ۋاكالەتلىك مۇناسىۋىتىنى بىلمىسە، ھاۋالە قىلىنغۇچى ئۈچىنچى كىشىنىڭ سەۋەبى بىلەن ھاۋالە قىلغۇچى ئالدىدا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىغا ئۈچىنچى كىشىنى ئاشكارىلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ئۈچىنچى كىشىگە يۈرگۈزىدىغان ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى كىشى ھاۋالە قىلىنغۇچى بىلەن توختام تۈزۈشكەندە شۇ ھاۋالە قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلسە توختام تۈزۈشمەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن ئۈچىنچى كىشى ئالدىدا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئۈچىنچى كىشىگە ھاۋالە قىلغۇچىنى ئاشكارىلىشى لازىم، ئۈچىنچى كىشى شۇ سەۋەبتىن ھاۋالە قىلىنغۇچى ياكى ھاۋالە قىلغۇچىنى ئاداچى سۈپىتىدە تاللاپ ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى كىشىنىڭ تاللىۋېلىنغان ئاداچىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
  ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ئۈچىنچى كىشىگە يۈرگۈزىدىغان ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە، ئۈچىنچى كىشى ھاۋالە قىلغۇچىغا ھاۋالە قىلىنغۇچىغا رەددىيە بېرىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ. ئۈچىنچى كىشى ھاۋالە قىلغۇچىنى ئۆزىنىڭ ئاداچىسى قىلىپ تاللىغان بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى ئۈچىنچى كىشىگە ھاۋالە قىلىنغۇچىغا رەددىيە بېرىدىغانلىقىنى ۋە ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ئۈچىنچى كىشىگە رەددىيە بېرىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.
  404- ماددا ھاۋا قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ ئېرىشكەن مال- مۈلۈكنى ھاۋالە قىلغۇچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
  405- ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ئىشنى پۈتتۈرسە، ھاۋالە قىلغۇچى ھەق بېرىشى كېرەك. ھاۋالە قىلىنغۇچىدىن كۆرگىلى بولمايدىغان ئىش تۈپەيلىدىن ھاۋالە توختامى بىكار قىلىنسا ياكى ھاۋالە ئىشنى پۈتتۈرگىلى بولمىسا، ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچىغا مۇناسىپ ھەق بېرىشى كېرەك. ئالاقىدارلار باشقىچە پۈتۈشكەن بولسا، شۇ بويىچە بولىدۇ.
  406- ماددا ھەقلىق ھاۋالە توختامىدا ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن ھاۋالە قىلغۇچى زىيان تارتسا، ھاۋالە قىلغۇچى زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ھەقسىز ھاۋالە توختامىدا ھاۋالە قىلىنغۇچى قەستەن ياكى ئېغىر سەۋەنلىك بىلەن ھاۋالە قىلغۇچىغا زىيان سالسا، ھاۋالە قىلغۇچى زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىغا ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ زىيان سالسا، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.
  407- ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئۆزىدىن كۆرگىلى بولمايدىغان سەۋەبتىن زىيان تارتسا، ھاۋالە قىلغۇچىدىن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  408- ماددا ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، ھاۋالە ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشنى ھاۋالە قىلىنغۇچىدىن ئۈچىنچى كىشىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ھاۋالە قىلىنغۇچى شۇ سەۋەبتىن زىيان تارتسا، ھاۋالە قىلغۇچىدىن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  409- ماددا ئىككىدىن ئارتۇق ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشنى ئورتاق بىر تەرەپ قىلسا، ھاۋالە قىلغۇچى ئالدىدا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
  410- ماددا ھاۋالە قىلغۇچى ياكى ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە توختامىنى ھەر ۋاقىت بىكار قىلسا بولىدۇ، توختامنى بىكار قىلغۇچىنىڭ ئۆزىدىن كۆرگىلى بولمايدىغان سەۋەبنى ھېسابقا ئالمىغاندا، توختامنى بىكار قىلىش سەۋەبىدىن قارشى تەرەپكە زىيان سالغانلار زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.
  411- ماددا ھاۋالە قىلغۇچى ياكى ھاۋالە قىلىنغۇچى ئۆلەپ كەتكەن، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى ۋەيران بولغان بولسا، ھاۋالە توختامى ئاياغلىشىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار باشقىچە پۈتۈشكەنلىرى ياكى ھاۋالە ئىشىنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن ئاياغلاشتۇرۇشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  412- ماددا ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قېلىشى ياكى ۋەيران بولۇشى تۈپەيلىدىن ھاۋالە توختامىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىپ، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىسا، ھاۋالە ئىشىنى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ۋارىسى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن بۇرۇن ھاۋالە قىلىنغۇچى داۋاملىق بىر تەرەپ قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
  413- ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قېلىشى ياكى ۋەيران بولۇشى تۈپەيلىدىن ھاۋالە توختامىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ۋارىسى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ياكى ئېنىقلاش تەشكىلاتى ھاۋالە قىلغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى لازىم. ھاۋالە توختامى ئاياغلاشقانلىقتىن ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىسا ھاۋالە قىلغۇچى كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغۇچە، ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ۋارىسى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ياكى ئېنىقلاش تەشكىلاتى زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.